A turkology blog

سولخاي ئادەم ئوڭخاي ئادەمگە قارىغاندا كاللىسىنى بەك ئىشلىتىدىكەن. يېقىندا ئەنگىليە ئوكسفورد ئۇنۋېرستىتى ۋەلكېم چراست Welcome Trust ئىرسىيەتشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ قوللىشى بىلەن ھەرقايسى قىتئەلەردىكى توققۇز دۆلەتتىن كەلگەن ئالىملار «مۇلكۇلا تەتقىقات» ژۇرنىلىدا سولخاي بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەتقىقات تۈرىگە مەسئۇل پروففېسسور فرانكسنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە 222 دىن ئارتۇق سولخايغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى سكايزوفرىنىيە (schizophrenia) دەيدىغان بىر خىل روھى كېسەللىككە گىرىپتار بولغان (ياكى قىسمەن گىرىپتار بولغان). ئەمما بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاساسلىق ئىسپاتلانغان نۇقتا شۇكى سولخايلارنىڭ كاللىسى ئوڭخايلارنىڭكىگە قارىغاندا بەك ئىشلەيدىكەن. مېڭىنىڭ سول تەرىپى ئادەمنىڭ ئوڭ تەرەپ ئەزالارنىڭ ھەركىتىنى باشقۇرۇدۇ، مېڭىنىڭ ئوڭ تەرىپى سول تەرەپ ئەزالارنى باشقۇرۇدۇ. ئەگەر بىر سولخاي ئادەمنى ئوڭ قولدا تاماق يېيىش ۋە ئوڭ قولدا خەت يېزىشقا زورلىساق، ئۇ ھالدا بۇ ئادەمنىڭ مېڭىسىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى ئىشلەيدىغان بولىدىكەن. ئاتا-ئانىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدا سولخاي بالىلىرىنى ئوڭ قولدا تاماق يەپ، ئوڭ قولدا خەت يېزىشقا مەجبۇرلىشى ئۇلارنىڭ مېڭىسىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنى تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا ئەقىللىقراق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىدىكەن.
مەنبەسى: گېرمانىيە BCM ژۇرنىلى

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: