A turkology blog

تۆنۈگۈن 2008-يىل 2-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ مىكروسوفت شىركىتى Windows مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ كومپيوتېرىدىكى Internet Explore نىڭ 7.0 دىن تۆۋەن نەشىردىكىلىرىنى Windows نىڭ يېڭىلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ مەجبۇرى يېڭىلاپ IE7 گە ئۆزگەرتىشنى باشلىدى. ئىككى ھەپتە بۇرۇن مىكروسوفت شىركىتى مەزكۇر ئىش توغىرسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغاندا مىكروسوفتنىڭ مەجبۇرى يېڭىلاش قىلمىشى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلغانلىق دەپ ئەيبلەر بولۇپ ئۆتكەن ئىدى.
تەكلىماكان بلوگنى سىتاتستىكىلاپ باقسام ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم زىيارەتچىلەرلا IE7 نى ئىشلىتىدىكەن. مەن ئۆزۈم FireFox نى كۆپرەك ئىشلىتىمەن. IE7 نىڭ ئىقتىدارلىرىمۇ FireFox قا ئوخشاپ قالىدىكەن، شۇڭلاشقا قاچىلاپ بېقىپ ئىشلەتمەي ئۆچۈرۋەتكەنتىم، ئەمدى مىكروسوفت مەجبۇرى يېڭىلايمەن دىسە قاچىلاپ قويماي بولمايدىغان ئوخشايدۇ.
مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە IE7 نىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى باركەن.
1.ئۇسلۇبى ئۆزگىرىپتۇ، ئايكون ۋە رەسىملەر گۈزەللىشىپتۇ. ئادرېس ستونى ۋە بىر قىسىم سىتونلارنىڭ ئورنى ئالمىشىپتۇ. تور بەت ئادرېسىنى يازغاندىن كېيىن «كىرىش» نى بىلدۈرىدىغان كونۇپكا بىلەن «يېڭىلاش» نى ئىپادىلەيدىغان كونۇپكا بىرلەشتۈرلىۋېتىپتۇ. ئايكون ئۆزگىرىپ ھەم «كىرىش» ھەم «يېڭىلاش» ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن.
2.بىر كۆزنەكتە كۆپ تور بەتنى ئاچقىلى بولىدىغان بوپتۇ. بۇ خىل ئىقتىدار ئەڭ دەسلەپ تەخمىنەن 2000-يىللىرىغۇ دەيمەن، شۇ چاغلاردا يېڭى تورغا چىقىشنى ئۆگەنگەن. Netscape دەيدىغان بىر تور كۆرگۈچ بولىدىغان، ھازىرقى Firefox نىڭ ئەجدادى. شۇ تور كۆرگۈچتە مۇشۇ خىل بىر كۆزنەكتە كۆپ توربېكەتنى ئاچقىلى بولىدىغان ئىقتىدار بار ئىدى. مېنىڭچە بۇ جەھەتتە مىكروسوفت Firefox نى دورىغان ئوخشايدۇ. مۇشۇ ئىقتىدار بولغان ئۈچۈن مەنمۇ firefox ئىشلىتەتتىم.
3.بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئەخلەت تازلىغىلى بولىدىكەن. بىر كونۇپكا ئارقىلىقلا «تارىخ»، «ئەخلەتلەر»، «توردىن ئۈزۈلگەن ھۆججەتلەر» ۋە باشقا توردىن چۈشكەن ھەممە ھۆججەتلەرنى بىز كۆرۈپ ئۆتكەن ۋە كۆرمىگەن تور ئەخلەتلىرىنى تازلاشقا بولىدىكەن. بۇ خىل ئىقتىدارمۇ Firefox دىن ئۈلگە ئالغاندەكلا ئورنىتىلىپتۇ.
4.ئۇنىڭدىن باشقا بىخەتەرلىكى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن چېغى، ئەمما ۋىرۇس دىگەنگە ئانچە قىززىقمايمەن. كومپيوتېر ۋىرۇسلانسا قورقۇشۇممۇ يوق. قاتتىق دىسكىنى فورماتلاپ سىستىمىنى قايتا قاچىلايمەن. ۋىرۇسخۇرمۇ بەك ئېغىر نىمىكەن. بىر قېتىم سكاننېرلاپ چىقىشقا جېق ۋاقت ئالىدىكەن، سكاننېرلاۋاتقاندا تېخى مەشغۇلات قىلماق تەس. ئۇنىڭدىن كۆرە يېرىم سائەتتە سىستىمىنى قايتا قاچىلاپ بولغىلى بولىدىكەن، ئەمما قاچىلىغان ھەممە نەرسە ئۆچۈپ كېتىدىغان ئىشى چاتاق – دە !

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: