A turkology blog

ئاپتور ئىلاۋىسى: ئىككى يىل بۇ زېمىندىن _ شىنجاڭ دىيارىدىن رىزقىم كۆتۈرۈلگەن بولسا كېرەك، 2000 – يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئوقۇش ۋە زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرا شەرقتىكى باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يەر مەيدانى 30 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 2 مىليون 925 (1995 – يىلىدىكى ستاتىستىكىلىق مەلۇمات ). نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى بىلەن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى «زەردارغا» ئايلانغان بۇ دۆلەت ئەبۇزەبى، ئاججان، دۇبەي، فۇجەيرە، راسنۇل خەيمى، شارجا، نۇممىئەل قەيۋان قاتارلىق يەتتە خەلىپىلىكتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، پايتەختى ئەبۇزەبى. بۇ دۆلەت پىرىسىيە قولتۇقى، ئوھجان قولتۇقى، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئەنگلىيە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئىقلىمى قۇرغاق، ئوت ئىسسىق بۇ زېمىننى 1820 – يىلى بېسىۋالغان. 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەن. 1972 – يىلى ئەنگلىيە ئەسكەر چېكىندۈرۈپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ دۆلەتتە 1960 – يىلى تۇنجى قېتىم نېفىت تېپىلىشتىن ئىلگىرى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىق تىرىكچىلىكى بېلىقچىلىق ۋە مەرۋايىتچىلىق ئىكەن. بۇ دۆلەتنىڭ پادىشاھى شەيخ زايىد نېفىتنى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغان قىسقىغىنە 20 نەچچە يىل جەريانىدا ئاجايىپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ سودا ۋە پۇل مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلانغان. مەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە كۆرگەن – بىلگەنلىرىمگە ئائىت يازمىلاردىن تاللاپ ئۇيغۇر تىلىدىكى داڭلىق ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىگە سۇندۇم.
يوپيورۇق ئەرەب كېچىلىرى
ئۈرۈمچى ۋاقتى كېچە سائەت بىر بولغاندا كۈتكۈچى قىز ئايروپىلاننىڭ شارجا شەھىرىگە قونۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، سائىتىمىزنى ئىككى سائەت ئارقىغا بۇراپ، بۇ يەر ۋاقتى 11 غا توغرىلىشىمزنى ئۇقتۇردى. ئۈرۈمچى ۋاقتى ئىمارات (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەرەبچە قىسقارتىپ ئاتىلىشى)نىڭكىدىن ئىككى سائەت بالدۇر ئىكەن. ئايروپىلان ئاستا – ئاستا پەسلەۋاتاتتى . دېرىزىدىن قارىسام تۆۋەندە كۆز چاقنىتىپ تۇرغان رەڭگارەڭ چىراغلار ، غۇۋا يەر يۈزىدە ئۇزۇن سوزۇلغان يايسىمان كۆك يورۇقلۇق كۆرۈندى . مەن جىمىرلاۋاتقان بۇ كۆك يورۇقلۇقنىڭ دېڭىز ئىكەنلىكىنى پەملىدىم ، ئىككى قەۋەتلىك يۇمىلاق بىنا ، مەسچىت گۈمبىزى ، دەل – دەرەخ، سىم تور ۋە ماي يول سىزىلغان بۇ بىر پارچە مەنزىرە رەسىمى ئايرودروم ئىدى. بىز مەنزىرە رەسىمنىڭ ئىچىگە كىردۇق. ئايروپىلاننىڭ ئارقا يان ئىشىكىدىن پۇتىمىزنى يەرگە ئېلىپلا ئۆزىمىزنى يۇمىلاق بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە، نۇرغۇن كارىدورلۇق ئەينەك قەسىردە كۆردۇق. ماڭا ئوخشاش بۇرۇت قويۇۋالغان ئايروپىلان ساقچىسى، پاسپورت، ۋىزا تەكشۈرگۈچىلەر، يۈك – تاق باسقۇچى ئادەم، ئىشقىلىپ ھەممىسى دېگۈدەك چىراي – تۇرقىنىڭ يىراق ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭكىدەك ئەمەسلىكى بىلەن كۆزۈمگە ئۇيغۇرلاردەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى. بېشىغا قەشقەر يېزىلىرىنىڭكىدەك ئاق شاپاق بۆك كىيىۋالغان، ساقال – بۇرۇتلۇق ئىللىق چىراي ھاممالنى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە ئوخشىتىپ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىپ تاشلاپتىمەن. ئۇ كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئاغزىنى ھاڭۋاقتىلارچە ئاچقاندىلا، مەن ئۆزۈمنىڭ يېڭىلىشكەنلىكىمنى بىلدىم. شۇنداقتىمۇ بىر ئازدىن كېيىن ئۇ مەقسىتىمنى ئۇققاندەك ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە «مەن پارس، سىز جۇڭگولۇق مۇسۇلمانمۇ؟» دېدى. مەن ئەرەبچە: «ھەئە، ئويلىغىنىڭىز توغرا، ئەلھەمدۇلىللا مۇسۇلمانمەن»دەپ جاۋاب بەردىم.
ۋىسال شادلىقى ۋە دىدار مەستخۇشلۇقىدا چامادان بېسىلغان قول ھارۋىنى ئىتتىرىپ ئايرودروم بىناسىدىن تالاغا چىققىنىمىزدا قىزىغان تونۇرنىڭ تەپتىدەك ئىسسىق ھاۋا يۈزلىرىمگە گۈپپىدە ئۇرۇلدى – دە، ئالدىمىزدىكى ياپيېشىل چىملىق كۆيۈۋاتقان يېشىل ئوتتەك تۇيۇلدى. بۇ ھاۋانىڭ تونۇردىن بىرلا پەرقى دېڭىزدىن كەلگەن نەمخۇشلۇق ئىدى.
ئەرەب كېچىسى _ تىنچ، يېقىملىق، يوپيورۇق. ھەممە يەردە چىراغلار يېنىپ تۇرىدۇ. چىراغنىڭ كۆپلۈكىدىن شەھەرنىڭ بىرەر يېرىدىن قاراڭغۇلۇقنى ياكى خىرە – شىرە بۇلۇڭ – پۇچقاقنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بويلىرىدا كېچىچە يېنىپ تۇرىدىغان چىراغلار گويا بوشلۇقتىكى تۇتاش كەتكەن رەڭگارەڭ نۇر زەنجىرىدەك شەھەردىن ئىنس – جىن ئۇچرىمايدىغان چۆل – جەزىرىگە، چۆللەردىن دېڭىزغا ۋە تاغلارغا كىرىپ كېتىدۇ. ئەرەب كېچىسى قىزىقارلىق، ئاجايىپ – غارايىب، گۈزەل ۋەقەلەر يۈز بەرگەن مىڭ بىر كېچىگە ئوخشاش سېھىرلىك ۋە قايناق، 24 سائەت ئېچىلىدىغان سۇپىرماركىت (دەرىجىدىن تاشقىرى سودا ساراي) لارغا يېرىم كېچىدە كىرسىڭىزمۇ يېنىك مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ھارۋىلىرىنى ئىتتىرىپ مال تاللاۋاتقان كىشىلەرنى كۆرىدىكەنسىز.
قاراڭغۇ چۈشۈپ خۇپتەن نامىزىدىن تارقىغاندىن كېيىن ئەرەبلەر ئېسىل ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ، خوتۇن – بالىلىرى بىلەن بىرگە شەھەردىكى ئەڭ داڭلىق سۇپىرماركىتلارغا قاراپ ئاقىدىكەن. مال تاللاپ، يەپ – ئىچىپ، تېلېۋىزور كۆرۈپ، ئىبادەت قىلىپ دېگەندەك پائالىيەتلەر بىلەن تۈن نىسبىگىچە ئۇخلىمايدىكەن. قارىغاندا كۈندۈزلىرى ئۇخلاپ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىش ئەرەبلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئىماراتقا بېرىپ تۇنجى ئايدا شارجا شەھىرىدە بىر مىسىرلىق تۇل موماينىڭ بىر ئېغىز ئۆيىنى ئايلىقى سەككىز يۈز دەرھەم (جۇڭگو پۇلىغا 1840 يۈەن) گە ئىجارىگە ئالغانىدۇق. بىنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدىكى بىر يۈرۈش تۆت ئېغىزلىق بۇ ئۆينىڭ بىرىدە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى، بىرىدە 15 – 16 ياشلاردىكى قىزى تۇراتتى، يەنە بىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان كىچىك ئوغلى بىلەن ئۆزى تۇراتتى. ياتىقىمغا قوشنا ھۇجرىدىكى چوڭ ئوغلى ئىشتىن يېنىپلا تېلېۋىزور ياكى كومپيۇتېر بىلەن بولۇپ تاڭ ئېتىشقا يېقىن ئۇخلايتتى. قالغان ئىككى ئۆيدىكى تېلېۋىزور ئاۋازىنىڭمۇ قاچان ئۆچكەنلىكىنى بىلمەي قۇلىقىمغا پاختا تىقىۋېلىپ ئۇخلاپ قالاتتىم. كېچە سائەت ئىككىلەردە قىزىق ماينىڭ گاژ – گۇژىدىن ياكى قازان – چۆمۈچلەرنىڭ تاراڭشىغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ ئاشخانىغا چىقسام ھېلىقى موماي سېمىزلىكتىن ئۆزىنى ئاران كۆتۈرۈپ ئىرغاڭلىغان پېتى تاماق ئېتىۋاتقان بولاتتى. كۈندۈزلىرى بولسا ئىشىكنى تاقاپ چۈشكىچە ئۇخلايتتى.
ئەرەب كېچىسى _ تىنچ، بىخەتەر. مەيلى سىز چەت ئەللىك بولۇڭ، مۇسۇلمان ياكى غەيرىي مۇسۇلمان بولۇڭ، ئەر ياكى ئايال بولۇڭ، يېرىم كېچىدىمۇ شەھەر كوچىلىرىدا دەخلىسىز، خاتىرجەم ماڭالايدىكەنسىز. ئىماراتنىڭ قانۇن ئىجراسى قاتتىق، ئامانلىق ئىشلىرى دۇنيا بويىچە ئالدىدا، ساقچى ماشىنىلىرى شەھەر كوچىلىرىدا كېچە – كۈندۈز ئۇياقتىن – بۇياققا چارلاپ تۇرىدىكەن. مىڭ بىر كېچىدىكىدەك كېچىلەردە، تىلسىماتتەك كوچىلاردا خاتىرجەم سەيلە قىلىپ يۈرگىنىڭىزدە ئالدىڭىزغا ئۇچرايدىغىنى قىرىق قاراقچى ياكى بىرەر بۇلاڭچى ئەمەس، سىزگە چىرايلىق سالام بېرىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان چارلىغۇچى ساقچى بولىدىكەن.
يوپيورۇق ئەرەب كېچىلىرى ئىسلام دىنىنىڭ سىمۋولى بولغان ھىلال ئاي بىلەن كىشىلەر قەلبىنى يورۇتۇپ، ئىمارات زېمىنىدا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ نۇرلۇق ئوبرازىنى جىلۋىلەندۈرىدىكەن.
دېڭىز بويىدىكى ئەزان ئاۋازى
يېرىم كېچىدە ماشىنا بىلەن دۇبەي شەھىرىگە كىرگىنىمدە دېڭىز بار ئىكەن، بىراق ئۇنى كۆرمەپتىمەن. ئەرەب دىيارىدىكى تۇنجى ئاخشىمى ئايالىم بىلەن خەيبەر مېھمانخانىسىغا چۈشكەندە دېڭىز بىزدىن 50 قەدەم نېرىدا دولقۇنلاپ تۇرغانىكەن، بىراق ئۇنىڭ يېنىمدا ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن. چىنىدەك پاكىز دۇبەي كوچىلىرىغا قۇياشنىڭ تەڭگە تىللالىرى جىرىڭلاپ تۆكۈلگەن چاغدا دېڭىز ئاپئاق دولقۇنلاپ بىزنى ساقلاۋاتقانىكەن. بىز ئۇنىڭدىن بىخەۋەر ئۆز رەسمىيەتلىرىمىز ئۈچۈن ئالدىراش كېتىۋاتقاندا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بويىدا تۇنجى قېتىم دېڭىزنى كۆردۈم. دېڭىز سېمونت تام ۋە رىشاتكىلار كەينىدە تىز پۈكمەس تۇتقۇندەك تۆمۈر زەنجىرلەرگە بار كۈچ بىلەن ئۆزىنى ئۇراتتى. دېڭىزمۇ تۇنجى قېتىم مېنى كۆردى. مەن تاكسىدا، ئەينەك قەپەس ئىچىدە ئۆز تەقدىرىمگە زەنجىربەندە قىلىنغانىدىم. دېڭىز بىلەن تۇنجى ئۇچرىشىش مانا شۇنداق تولىمۇ سۇس، ئوپۇل – توپۇل، كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئۇچرىشىش بولدى. قىرغاققا دۆۋىلىنىپ كەتكەن مال ساندۇقلىرى، دېڭىزدىكى ئېگىز – ئېگىز يۈك پاراخوتلىرى، ئۇچۇپ يۈرگەن ئاق چايكىلار، قىرغاققا يېقىن سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالغان شېشە، يالتىراق ئەخلەت – چاۋارلار مېنىڭ كۆپكۆك دېڭىزغا يوللىغان قىزغىن سالىمىمنى توسۇۋالغانىدى. بىراق، خەتەرلىك دېڭىز سەپەرلىرىدە ئاجايىپ – غارايىپ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن مىڭ بىر كېچىدىن ماڭا تونۇش بۇ دېڭىز مەن ئېكرانلاردا كۆرگەن دېڭىزدىن نەچچە ھەسسە گۈزەل ۋە سېھىرلىك ئىدى.
ئىماراتنىڭ يەتتە شەھىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك دېڭىز بىلەن چىشلىشىپ تۇرىدىكەن. پايتەخت ئەبۇزەبىگە قاراشلىق ئاستانە _ ئەلئەيىن شەھىرىدىن باشقا ھەرقانداق بىر شەھەردىن ئىشىكنى ئاچسىلا دېڭىز كۆرۈنىدىكەن ياكى ماشىنا بىلەن شەھەر سىرتىغا سەل – پەل ماڭسىلا، دېڭىزنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قالىدىكەن، دۇبەي _ ئوتتۇرا شەرقنىڭ سودا مەركىزى ۋە «قۇملۇقتىكى شياڭگاڭ» دەپ ئاتالغان ھەقىقىي دېڭىز شەھىرى ئىكەن. ئۇ دېڭىز ئارقىلىق باردۇبەي ۋە دىيرادۇبەي دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. سۇ بىلەن سۆيۈشۈپ تۇرغان ئىككى دۇبەي ئارىسىدا كىشىلەر كوچا ئاپتوبۇسىغا ئوخشاش نۆۋەت بىلەن قاتنايدىغان كىرا كېمىلىرىگە ئولتۇرۇپ ئىككى – ئۈچ مىنۇت ئىچىدىلا يەنە بىر دۇبەيگە قەدەم باسىدىكەن ياكى تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئاسمان پەلەك پاراخوتلار توختاپ تۇرغان رەشىدىيە (ئىنگلىزچە راشىد) پورتىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن باشلانغان دېڭىز ئاستى تونېلىدىن ئۆتۈپ 15 – 20 مىنۇت ئىچىدە سەيياھ ئۆزىنى ئىككىنچى دۇبەينىڭ ئادەملەر ئېقىنىدا كۆرىدىكەن. بىر ئۇچى دېڭىزدىن باشلىنىپ بازارغا كىرىپ كېتىدىغان يورۇق كوچىلار، ئاستىغا قاشتېشى ياتقۇزۇلغان مەسچىت – سارايلار، رەڭگارەڭ مال بىلەن تولغان مەرمەر تۈۋرۈكلۈك سۇپىرماركىتلار، چۆچەكلەردىكى ئالتۇن دۆلىتىگە كېلىپ قالغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرىدىغان كۆز يەتكۈسىز جاۋاھىرات بازارلىرى ئىماراتقا تۇنجى كەلگەن ھەرقانداق ئادەمنى ھاياجانلاندۇرماي قالمايدىكەن.
ۋەتەندىكى چاغدا ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىڭەكلىرىمنى قىرىپ تۇرساممۇ چۈشكىچە تىككىدە بولۇپ كېتىدىغان يىرىك ساقاللىرىم ۋە ئەتراپىمدىكى كۆپ كىشىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بۇرۇتۇم بىلەن ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا سەل خۇدۈكسىرەپ قالاتتىم. كۆز ئالدىمدا ئۇياقتىن – بۇياققا ئۆتۈۋاتقان ساقاللىق ئىڭەكلەر، ھەررەڭ، ھەرقىسما بۇرۇتلار، ئەتىر پۇراپ تۇرىدىغان ئاق پەرىجىلىك گاھىدا سەللىلىك ئادەملەر ئارىسىدا مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ماڭا تونۇش بەلگىلىرى نامايان بولاتتى. شۇنچە قايناق كوچىدىمۇ بىرەر ئۈنلۈكرەك ئاۋازنى، ۋاراڭ – چۇرۇڭنى ئاڭلىغىلى بولمايتتى. شۇنچە كۆپ ئادەملەر ئارىسىدىمۇ ئاي – يىللاپ ئۇرۇشۇپ – تالىشىپ قالغانلارنى كۆرگىلى بولمايتتى. مەيلى ئەرەب ياكى ھىندى بولسۇن، مەيلى پارس ياكى پاكىستانلىق بولسۇن، بۇ يەردە ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدا بىر خىل يۇمشاق مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئىكەن. ئۇشتۇمتۇت بىرەر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسىڭىز ياكى بىرەر جاينى بىلمەي كوچىدا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغان بولسىڭىز، قايسى تىلدا بولسۇن ئادەملەر سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا، قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەن. ئەگەر يولدىن ئۆتمەكچى بولۇپ تۇرغان بولسىڭىز ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان ماشىنىلار ئاستىلاپ توختاپ بېرىدىكەن. ياكى شوپۇر قول ئىشارىسى قىلىپ سىزنىڭ ئاۋۋال ئۆتۈۋېلىشىڭىزنى بۇيرۇيدىكەن. ئەگەر كېسىپ ئۆتمەكچى بولغىنى ئايال كىشى بولسا ئەھۋال تېخىمۇ باشقىچە بولۇپ، ماشىنىلار بەش – ئون مېتىر يىراقتىنلا توختاپ تولۇق ئۆتۈپ بولغاندىلا ئاندىن قوزغىلىدىكەن. يولدا، بانكا – سارايلار ۋە ھەرقانداق ئىش بېجىرىش ئورنىدا ئاياللارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى يۇقىرى، ئورنى ئالاھىدە بولىدىكەن. بىرەر رەسمىيەت ئۆتەش ئۈچۈن ئۆچىرەتنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرغان بولسىڭىز ئەڭ ئاخىرىدا كىرىپ كەلگەن بىر ئايالنىڭ ئىشى بىرىنچى بولۇپ بېجىرىلىدىغانلىقى بۇ يەردە نورمال ئەھۋال ئىكەن. ئاياللارنىڭ يوشۇرۇپ قويۇلغان گۆھەردەك ئەتىۋارلىنىشى، تەشنالىقتا تۇرغان ئەرلەر تەرىپىدىن مەبۇدلارچە ئۇلۇغلىنىشى ئوتتەك ئىسسىق، نەمخۇش دېڭىز ھاۋاسىدا تېخىمۇ بىلىنىدىكەن. مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە بارلىق ئادەملەرنىڭ بىر – بىرىگە بولغان ئىسسىق مېھرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدىكەن.
قولۇمدا ئېغىر سومكا، قاقىرام ئاپتاپتا ئەلئەيىندىن ئەبۇزەبىگە بارىدىغان يولدا تاكسى ساقلاپ تۇراتتىم. يېقىن ئەتراپتا سايىدىغۇدەك بىرەر تۈپمۇ دەرەخ يوق ئىدى. بېشىمدىن ئايىغىمغىچە شۇرقىراپ تەر قۇيۇلاتتى. دەل شۇ چاغدا ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان بىر ئاق رەڭلىك پىكاپ يېنىمدىلا توختىدى. بىراق، بۇ تاكسى ئەمەس ئىدى. تەقى – تۇرقى ۋە كاندورا (ئەرلەرنىڭ يەكتەك تونى)سىدىن قارىغاندا ماشىنىدىكى مۇۋاتىن (يەرلىك)دەك قىلاتتى.
_ ھەي مىسكىن، ئەبۇزەبىگىمۇ ؟
_ ھەئە.
_ يائاللا، ماشىنامغا چىقىۋال، يولىمىز بىركەن.
_ ئاللا ساڭا رەھمەت قىلسۇن !
مەن سومكىنى كەينى ئورۇندۇققا قويۇپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم. ماشىنىنىڭ ھاۋادىنىدىن چىقىۋاتقان مۇزدەك توك شامالدا ئىسسىقمۇ، 180 كىلومېتىر يولمۇ ۋە چۆل – جەزىرىمۇ بىلىنمىدى. ئاخىر ئالدىمىزدا ئۇپۇققىچە سوزۇلغان كۆك دېڭىز كۆرۈندى. بىز دېڭىز بويىدىكى ھەشەمەتلىك شەھەر ئەبۇزەبىگە رەڭمۇرەڭ چېچەكلەر ۋە ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن ئۈنسىز كىرىپ كەلدۇق. بىراق، بۇ سۈكۈتىمىزدە ئادەملەر ئارىسىدىكى دېڭىزدەك چوڭقۇر مۇھەببەت بار ئىدى.
بۇ چاغدا نامازدىگەرگە ئەزان چىقتى. ئەزان ئاۋازى ماڭا شۇنداق تەسىر قىلدىكى، مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق جەزبدار ئاۋازنى يەنە بىر ئاڭلىغىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئۇنىڭدا دېڭىزنىڭ ئىچ – ئىچىدىن چايقىلىشلىرى، كائىناتتىكى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بىر – بىرىگە ماس ئايلىنىشلىرى، قۇشلارنىڭ ھاۋادىكى قانات قېقىشى، قىلىچلارنىڭ ۋالىلدىشى، تۆگىلەرنىڭ ئۆركىشى، ئادەملەرنىڭ ھاياجانغا تولغان نەپەسلىرى، يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقنىڭ ئىڭڭە ساداسى، ھالاك بولغان شەھەرلەردىكى جىمجىتلىق، رەسۇلىللانىڭ ۋىدالىشىش نۇتقى ۋە شۇنڭغا ئوخشاش مۇڭلۇق ئاۋازلار بىلەن مەڭگۈ ئۇنتۇلماس كۆرۈنۈشلەر بار ئىدى. ئۇنىڭدا ياخشىلىقنىڭ ئەلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسەك روھىي پەللىگە چاقىرىلىشى بار ئىدى. ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن دۇكاندارلار دۇكىنىنى تاقاپ، كېتىۋاتقانلار قەدىمىنى بۇراپ مەسچىت تامان ئاقاتتى، مەنمۇ دېڭىز دولقۇنىدەك ئادەملەر ئېقىنىغا قېتىلدىم.
پەلەستىنلىك كىتابپۇرۇش
دۇنيانىڭ يەر شەكلى خەرىتىسىگە قارىغان ئادەم قۇملۇق بويلىرىدىكى كۆزگە ئاران چېلىقىدىغان چېكىتنىڭ ئورنىدىكى جايدا ئادەملەر قۇمدەك مىغىلداپ تۇرىدىغان چوڭ شەھەرلەر بارلىقىنى، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھۆر – بەختىيار تۇرمۇشىنى ياكى ئەركىنلىكى ئۈچۈن ساداسىز قان تۆكۈپ قىلغان ئۇرۇشىنى كۆرەلمەيدۇ. بىر تال چېكىت ئاستىدا قاتار – قاتار ئاق تېرەكلەر ياكى خورمىلىق باغلار، دېڭىز ياكى تاقىر تاغلار، ھېسابسىز نېفىت ياكى دېھقاننى تويغۇزالمايۋاتقان ھوسۇلسىز ئېتىزلار، ئېتىلىپ چىققان چىپار يولۋاس ياكى سۈت ئىچىۋاتقان مۈشۈك بار. ئىسسىقتا كۆيۈۋاتقان قۇملۇقمۇ، ئورماندىكى يامغۇرمۇ، ئەرەبمۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ بار.
مەن يەرشارى خەرىتىسىدە تىرناقچىلىك سىزىلغان بۇ دۆلەتنىڭ خەرىتىگە چۈشمىگەن ئەلئەيىن شەھىرىدە چىراغلار جىمىرلاپ تۇرغان بىر كەچلىكى كىتابخانىغا كىردىم. قاتار – قاتار بىرنەچچە كىتابخانا بار بۇ رەستىدىكى مەن كىرگەن كىتابخانىدا كىتاب ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى. كىتابلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن قارىغاندا ئۈچتىن ئىككىسى ئەرەبچە، ئۈچتىن بىرسى ئىنگلىزچە كىتابلار ئىدى. مەن كىتاب جاھازىلىرىنى بىر ھازا ئارىلىغاندىن كېيىن ئىنگلىزچە كىتابلار ئارىسىدىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئېرلاندىيە شائىرى يىتىزنىڭ ۋە ھازىرقى زامان ئامېرىكا شائىرلىرىنىڭ بىر شېئىرلار توپلىمىنى تاللىدىم. كىتابخانىدا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ئالدىمدىكى قارا ئابايى كىيگەن مۇۋاتىنە چوكان پۇل تۆلەپ بولۇشىغا مەن قولۇمدىكى ئىككى كىتابنى سۇندۇم. كىتابپۇرۇش چاچلىرى چۈشۈپ كەتكەن، يۈزلىرىنى قورۇق باسقان، قارىماققا 50 ياشلارغا كىرگەندەك كۆرۈنىدىغان ئات يۈزلۈك ئەرەب ئىدى. كىيىنىشىدىن ئۇنىڭ مۇۋاتىن ئەمەسلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ قولۇمدىكى كىتابلارنى ئېلىپ ئۆرۈپ – چۆرۈپ قارىغاندىن كېيىن ماڭا لاپپىدە بىر كۆز تاشلىدى. ئادەتتە كىتابخانىغا كىرىدىغانلار يۈزدە يۈز مۇۋاتىنلار ياكى ئاندا – ساندا باشقا يەرلىك ئەرەبلەر بولاتتى. ئۇ ماڭا _ بۇ ئالاھىدە خېرىدارغا قىزىقىپ قالغانىدى.
_ كەچۈرۈڭ، بىر مىنۇت تەخىر قىلىپ تۇرسىڭىز.
ئۇ ماڭا ئىنگلىزچە ئۆزرە ئېيتىپ مېنىڭ كەينىمدىن كەلگەن ئەرەب قىزنىڭ كىتابلىرىنى ئېلىپ باھاسىنى ھېسابلاشقا باشلىدى. قولىدىكى ئىش تۈگىگەندىن كېيىن باشقىچە قىزغىنلىق بىلەن ماڭا بۇرۇلدى:
_ سىز ئىرانلىقمۇ ؟
_ ياق.
_ ئافغانمۇ ؟
_ ياق.
_ ئۇنداقتا …
مەن تاكسى شوپۇرلىرىدىن، دۇكان خىزمەتچىلىرىدىن، يېڭىياچە تونۇشقان ھەربىر ئادەمدىن ئوخشاش سوئال ۋە ئوخشاش قىياسلارنى تولا ئاڭلاۋېرىپ زېرىكىپ كەتكەنىدىم. مەن جاۋاب ئورنىغا ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ سورىدىم.
_ سىز پەلەستىنلىكمۇ يا لىۋانلىقمۇ ؟
– ماشائاللا، پەلەستىنلىكمەن. ئىسمىم ھەمۇدە، ئەرەبلەر ئىچىدىمۇ ئىنگلىزچە شېئىرلارنى ئوقۇيدىغانلار كۆپ ئەمەس، سىز زادى قايسى دۆلەتتىن؟
_ مەن جۇڭگودىن كەلگەن مۇسۇلمان.
ئۇ گېپىمگە ئازراقمۇ ئىشەنمىدى.
_ مەن جۇڭگولۇقلارنى ئوبدان بىلىمەن. بۇرۇتىڭىز، كۆز ۋە قېشىڭىز ئوخشىماي تۇرىدۇ.
مەن جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئۇنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان شۇنچە چوڭ زېمىن ۋە بۇ يەردىكى 8 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان مىللەت _ ئۇيغۇردىن زادىلا خەۋىرى يوق ئىكەن. ئەكسىچە يەرشارى خەرىتىسىدىكى كىچىككىنە بىر جاي _ پەلەستىننى ھەربىر ئۇيغۇر ۋە پۈتۈن دۇنيا ئاساسەن بىلىدۇ. مەن ئەپسۇسلانغان ھالدا قولۇمدىكى كىتابلارنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم.
_ مەن باھاسى 30 دەرھەملىك بۇ كىتابلارنى سىزگە 20 دەرھەمگە بېرەي. مەنمۇ شېئىرنى ياخشى كۆرىمەن. بىز دوست بولۇپ قالايلى.
_ رەھمەت .
_ ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا ئەتە چۈشتىمۇ كەلسىڭىز، چۈشلىرى دۇكاندا خېرىدار ئاز، بىز كەڭ – كۇشادە مۇڭدىشىۋالالايمىز.
مەن ئۈچ كۈندىن كېيىن چۈش ۋاقتىدا يەنە كەلدىم. ھەمۇدە مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ قىزغىن قارشى ئالدى. كىتابخانىسىدا ئايدا 600 دەرھەم مائاش ئالىدىغان ھىندىستانلىق كىتاب ساتقۇچى بىلەن ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. ئۇ مەندىن ئەرەب تىلى سەۋىيەمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سورىدى.
_ ئۆزۈمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن، _ دېدىم جاۋابەن.
_ ئۇنداقتا بىز ئەرەبچە سۆزلەشسەكمۇ بولغۇدەكقۇ _ ھە ؟
ئۇ بىرنەچچە ئەرەب شائىرلىرىنىڭ شېئىرىنى تەييارلاپ قويغانىكەن، ھاياجان بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىشقا باشلىدى.
_ چۈشىنەلىدىڭىزمۇ؟
_ ئازراق چۈشەندىم، مەن مۇھەببەت لىرىكىلىرىنىڭ پادىشاھى دەپ نام ئالغان شائىر نىزار قۇببانىنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنگلىزچىدىن كۆرۈپ باققانمەن. ئامېرىكىلىق ئەرەب شائىرى شەرىف ئەلمۇسانىڭ شېئىرلىرىنى ياقتۇرىمەن.
_ ماشائاللا، مانا بۇ يەردە نىزار قۇببانىنىڭ قەسىدىلەر توپلىمى بار، ئاڭلاڭ – ھە ؟
ئۇ ئاياللارنىڭ تېنى رېلىسقا ئوخشايدۇ، ئەرلەر گويا پاراۋوز دېگەندەك مىسرالىرى بار بىر شېئىرنى ئوقۇدى.
_ بىلەمسىز، مەن سىزدەك شائىر ئەمەس، لېكىن شېئىرنى ياخشى كۆرىمەن، 15 – 16 ياش چاغلىرىمدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇش ۋە ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مېنىڭ ھايات نىشانىم بولۇپ قالغان. قولۇمغا قورالمۇ ئالغان، ياسىر ئاراپاتقا ئەگىشىپ سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان، تۈرمىدىمۇ ياتقان، ئاپتوبۇسقا پۇل يوق تالاي قېتىم شەھەردىن – شەھەرگە پىيادە قاچقان. كۈن – كۈنلەپ ئاچمۇ قالغان. ئىماراتقا كېلىپ 7 – 8 يىللىق سەرسانچىلىقتىن كېيىن بۇ كىتابخانىنى شېرىك ئېچىۋالدىم. نېمىلا بولسۇن ھاياتتىكى بىر نىشانىمنى ئىشقا ئاشۇردۇم. بىراق، بىرەر قېتىم ئىچىمدىن ئېچىلىپ كۈلۈپ باقمىدىم. بىز پەلەستىنلىكلەرنى يەھۇدىيلارمۇ، باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ. دۇنيادا بىزگە ئورۇن يوق. چۈنكى، بىر مىللەت ئۆز ۋەتىنىدە قانچىلىك خار، قانچىلىك تۆۋەن بولسىمۇ يىقىلغاندا ئۆز يېرىگە يىقىلىدۇ. ھامان بىر كۈنى قەددىنى كۆتۈرىدۇ. كىشى يۇرتىدا قانچىلىك مەئىشەت كۆرسىمۇ مەڭگۈ ئىككىنچى پۇقرا سانىلىدۇ … ھاياتنىڭ قاتتىقچىلىقى مېنى ۋاقىتسىز قېرىتىپ قويدى. بەلكىم سىزگىمۇ چوڭ كۆرۈنۈپ كەتكەندىمەن. بۇ يىل ئەمدىلا 36 ياشقا كىردىم.
مەن ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. ئالدىمدا يۈزلىرىگە قات – قات قورۇق چۈشكەن، چاچلىرى چۈشۈپ تاقىر بېشىدا ئاندا – ساندا تۈك قالغان 63 ياشلىق بىر بوۋاي تۇراتتى. بۇ باي _ باياشات ئەركىن ئەرەب دۆلىتىمۇ ئۇنىڭ پەلەستىنلىك ئىكەنلىكىدەك ھەقىقىي سالاھىيىتىنى يۇتۇۋېتەلمىگەنىدى. ئەكسىچە نەگىلا بارسۇن پەلەستىنلىك دېگەن بۇ ئىسىم گويا قۇللۇق تامغىسىدەك ئۇنى ئازابلايتتى. بۇ ئازاب، ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيگۈچىلەرنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولغان، ئوتنىڭ تېشىدا كۆيۈۋاتقان بىر مۇساپىرنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى سېغىنىش ۋە ۋىجدان ئوتىدا پۇچىلىنىش ئازابى ئىدى.
ماسقات كوچىسىدىكى ئۇيغۇر
ئوممانغا ئىچكىرىلەپ كىرگەنسېرى، بىز ئۆزىمىزنى قەدىمكى زاماندىكى بىر دۆلەتتە كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدۇق. بىرەيمى بازىرىدا كۆرگەن خام كېسەكتىن قوپۇرۇلغان لاي كۈنگۈرىلىك ئېگىز تاملار، تاملارنىڭ پۇچۇقلىرىدا ئاپتاپ سۇنۇپ بۇقۇلداۋاتقان مىڭلىغان كۆك كەپتەر؛ يول بويى ئادەمگە پات – پات سالقىن تۇيغۇ بەخش ئېتىدىغان يېشىل ئېتىزلار، باغ – ۋارانلار؛ ئىسسىقتا ئېشەك مىنىپ كېتىۋاتقان ئوممانلىق بوۋاي؛ يولنىڭ ئوتتۇرىدىكى خورما دەرىخى تۈۋىگە تاشتىن تاراشلاپ ياسالغان قىيپاش كوزىغا چۈشۈۋاتقان سۇ؛ ھېجىر قاچا، ئىۋرىق؛ ماسقات شەھىرىگە يېقىن ئاچالدىكى ھەيكەلتاراشنىڭ ئاجايىپ ئەسىرى _ ئالتۇن نەقىشلىك ساندۇقنىڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئاغزىدىن كۆرۈنۈپ قالغان زەر باسقان كىيىم – كېچەك ۋە ئۈنچە – مەرۋايىت … بىز گويا ئەلى بابا ۋە قىرىق قاراقچى مۇشۇ يەردىدەك ھېس قىلدۇق. ئومماننىڭ پايتەختى ماسقات _ بىر تىلسىمات ئىكەن. بىز بۇ شەھەرگە كىرگىنىمىزنىمۇ ۋە چىققىنىمىزنىمۇ بىلەلمىدۇق. بىردەم ماڭساق قەدىمىي، بىرقەدەم ماڭساق زامانىۋى؛ ئۇياققا قارىساق تاغ، بۇياققا قارىساق دېڭىز. ئېگىز بىنالارغا قاراپ ماسقاتقا كىرىپ بولدۇق دېگەندە سەھرا تۈسىنى ئالغان خورمىلىق باغلار، ئېتىزلار، ئۆي – ئىمارەتسىز، ئادەمسىز ئۇزۇندىن – ئۇزۇن تاشلاندۇق يەرلەر؛ بىرەر يېرىم سائەتتىن كېيىن كۆرۈنۈپ قالىدىغان ئىككى ياندىكى تاغدا ئالىقانچە بوش يەر قويماي سېلىنغان غۇچچىدە ئۆيلەر، ئىنچىكە ئۈچەيدەك كوچا؛ مەرمەر قەسىر، ئەينەك سارايلار، ئارقىدىن يەنە كۆپكۆك دېڭىز ۋە تاغ، يان – يېنىدا مىغىلداپ تۇرغان كىشىلەر … مانا بۇ ئومماننىڭ پايتەختى ماسقات ئىدى.
گۈلباھار ھاجى خېنىم بىلەن ياسىن ھاجى بىزنىڭ كېلىش ۋاقتىمىزنى پەملەپ ئالدىنئالا ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرغانىكەن. گەرچە بىز بۇرۇن ئانچە تونۇشۇپ كەتمىسەكمۇ، ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان ياقا يۇرتتىكى ناتونۇش بىر كوچىدا بىر – بىرى بىلەن ئۇچراشقان تۆت ئۇيغۇرنىڭ خۇشاللىقىغا ھېچنېمە توغرا كەلمەيتتى_ ئۇيغۇرنىڭ دۇنياۋى غېرىبلىقى ۋەتەندىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا بىر پەس غەم – قايغۇسىز قىزغىنلىققا، ئۇرۇق – تۇغقانلارچە خۇشاللىققا ۋە ھاياجانلىق شېئىرغا ئايلاندى. مەن مانا مۇشۇنداق جەم بولۇشلارنى تەسۋىرلەپ «يۇرتداشلار» دېگەن شېئىرىمدا مۇنداق يازغانىدىم:
دۇبەي شەھىرى تىلسىمات ئەينەك
يىتكەن دەرەخ ئۆزىنى ئىزدەر،
كوچىدا
ئورۇق ئەرۋاھلار ئۇيغۇر بىز دەر.
ئۇيغۇر – ئۇيغۇرغا تارتىلغان پەردە،
پولۇ بىلەن لەڭمەن بار يەردە،
ئۇيغۇرنى كۆردۈم.
……………
ئۇلار بىزنىڭ كېلىشىمىزگە ئۈلگۈرتۈپ پولۇ دۈملەپ قويغانىكەن. بىز ئوخشىغان پولۇغا ئىشتىھا بىلەن ئېغىز تەگكەچ، قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.
گۈلباھار خېنىمنىڭ تەسىرلىك سەرگۈزەشتىلىرى، جاسارىتى، تەۋەككۈلچىلىكى _ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورتاق يولى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. ئۇ دەسلەپ ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى بىر سودا سارىيىدا پرېكازچىك بولغان. «قورساقتىن ئېشىنمايدىغان ئازغىنا مائاشقا باغلىنىپ قالغاندىن كۆرە، نېمە بولسام بىر تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ باقاي» دېگەن نىيەتكە كەلگەن ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتقۇچى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ قاتارىدا پاكىستانغا چىققان. ئۇ يەردە ياسىنجان بىلەن شېرىكلىشىپ ئىككى ئارىدا مال يۆتكىگەن. بىر قېتىم سودىدا زىيان تارتىپ ھەممە دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇنىڭ خاراكتېرىدىكى ھاياتقا قىزغىنلىق، تەۋەككۈلچىلىك ۋە يېڭى ماكان ئىزدەش روھى ئۇنى جىم تۇرغۇزمىغان. ئۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقەتچىلىرىنىڭ ئىماراتقا قاتناۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆتنە قىلىپ بولسىمۇ ئۇ يەرگە بېرىپ باقماقچى بولغان. 1997 – يىلى ئۇ ئىماراتقا كەلگەندە، كەلگۈسىدە ئالتۇن خەزىنىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدىغان بۇ چوكانغا باشقا ئۇيغۇرلار ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىگەنىكەن.
_ بۇ جەرياندا ئاچلىقنىمۇ، يوقسۇزلۇقنىمۇ كۆردۈم؛ باشقا كۈن چۈشكەندە يۆلەش ئويىدا سۇنغان خەيرلىك قوللارنىمۇ، جۆندەش كويىدا بولغان ئالدامچى كاززاپلارنىمۇ كۆردۈم. چەت ئەلدە پۇلى يوق ئادەم ھەركىمگە ئېغىر كېلىدىكەن، ھەممە ئادەم قاچىدىكەن؛ پۇل تاپقاندا ياتمۇ، دۈشمەنمۇ خۇش چىراي ئاچىدىكەن …
ئۇ، دۇبەيگە تىقىلىۋالغان ئۇيغۇرلاردىن تۈزۈكرەك ھاللىنىپ قالغان بىرەرسىنىمۇ كۆرمەپتۇ. ئۇ تەۋەككۈل قىلىپ، بىرسىدىن نېسىگە ئالغان ئازغىنا مەرۋايىت بىلەن قوشنا دۆلەت ئوممانغا بېرىپتۇ. ئوممان ئىماراتقا قارىغاندا كەمبەغەل دۆلەت بولغاچقا، ئۇيغۇرلاردىن بىرەرسىنىڭمۇ ئۇ يەرگە بېرىپ بېقىش خىيالىغا كەلمىگەنىكەن. ئۇ ئومماندا بۇ ئازغىنا مەرۋايىتنى ھەيران قالارلىق ھالدا بىرگە ئون، ھەتتا يىگىرمە ھەسسە پايدىسىغا سېتىپتۇ. ئاندىن دەرھال جۇڭگوغا قايتىپ بىر يولى يەتتە، سەككىز سومكا مەرۋايىت يۆتكەپتۇ.
_ ھازىر ماسقاتنىڭ جاۋاھىرات بازىرىدا مېنى تونۇمايدىغان بىرەرمۇ دۇكاندار يوق، بۇ ئاچ پاقىلارنى خۇددى گۈرۈچكە تويغۇزغاندەك تويغۇزۇۋەتتىم. ئۇلار مەندىن سېتىۋالغان مەرۋايىتلارنى ھازىرمۇ سېتىپ بولالمايۋاتىدۇ. ھازىر ئۇ ئاقماس سودا، بىراق شۇ مەرۋايىتلارنىڭ پايدىسىدا مەن يول تېپىۋالدىم. جۇڭگونىڭ ئەرزان ماللىرى ئەرەبلەرنىڭمۇ ئىشتىھاسىنى ئېچىۋەتتى. ھازىر ئايروپىلان ۋە پاراخوتلاردا مال يۆتكەپ، خەنزۇلار بىلەن بىللە يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىۋاتىمەن. بەلكىم ئىماراتقا قارىغاندا سىلەرگە ئوممان كونا ۋە كەمبەغەل كۆرۈنۈپ كەتكەندۇ؟ بىلەمسىز، پۇل تاپقان يەرلەر ئادەمنىڭ كۆزىگە ئوت كۆرۈنىدۇ. چەت ئەلنىڭ ھەرقانداق يېرىدە مەن ئۈچۈن ماسقات كوچىلىرىدەك چىرايلىق ۋە پاكىز يەر يوق …
كەچتە گۈلباھار ھاجى خېنىمنىڭ گەپلىرىگە مەپتۇن بولغان ھالدا ئايالىم بىلەن ماسقات كوچىلىرىنى ئايلاندۇق. قاتار – قاتار ئەتىر دۇكانلىرى، رەڭگارەڭ چىراغلار ۋالىلداپ تۇرغان بوتكا – پەشتاختىلار، غۇۋا قاراڭغۇلۇقتا پەسكە ساڭگىلىغان تاغلار، تار كوچىلارنىڭ ئايىغىدىكى دېڭىز … بىرنەچچە كۈن بۇ كوچىلار ماڭىمۇ ئوت كۆرۈنۈپ كەتتى.
ياۋروپادىن كەلگەن مۇسۇلمان
كۆپنى كۆرگەن جاھانكەزدىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىمارات بىلەن كانادا ئەڭ ئەمىن، بىخەتەر دۆلەت ئىكەن. ئەگەر گوللاندىيىدىن كەلگەن بىر كومپيۇتېر ئۇستىسى بىلەن تاسادىپىي مۇڭدىشىپ قالمىغان بولسام، تەسەۋۋۇرۇمدىكى «يېشىل ياۋروپا» كۆز ئالدىمدىكى بۇ قاقاس دىيارغا نىسبەتەن مەڭگۈ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ بەلگىسى بولۇپ قېلىۋەرگەن بولاتتى.
بىر كۈنى نامازدىگەردىن كېيىن دۇبەيدىن ئەلئەيىن شەھىرىگە قايتماقچى بولدۇم. بىر گوللاندىيىلىك مۇسۇلمان بىلەن سەپەرداش بولۇپ قالدىم. ئۇ گوللاندىيىدە بىر كومپيۇتېر شىركىتىدە ئىشلەيدىكەن.
_ مەن بۇ دۆلەتنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، _ دېدى ئۇ ھاياجان بىلەن _ گەرچە كەلگىنىمگە ئۈچ كۈنلا بولغان بولسىمۇ، مەن بۇ دۆلەتتە ئىشلەپ قېلىشنى ئويلاۋاتىمەن. نەگىلا قارىساڭ مۇسۇلمان، كۆڭلۈڭ ئېچىلىپ كېتىدۇ. ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلمايدىكەن، بۇلاڭچىلىق، قورقۇتۇش، بوزەك ئېتىش يوق ئىكەن. بىرەر نەرسەڭنى ئۇنتۇپ قېلىپ، 15 – 20 مىنۇتتىن كېيىن ئىزدەپ كەلسەڭ، ئۇنىڭغا ھېچكىم چېقىلمايدىكەن، تۇرغان جايدا تۇرىدىكەن. نېمىدېگەن ئەمىن دۆلەت – بۇ _ مەن ياۋروپالىق، لېكىن ياۋروپادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتتە پۇل قاپچۇقىنى مۇنداق ئاشكارا ئېسىپ ماڭالمايمەن، كەينىمگە چۈشۈۋالىدىغان ئوغرى ياكى بۇلاڭچىدىن ئەنسىرەپ يۈرىكىم سۇ. دېمىسىمۇ كۈپكۈندۈزدە بۇنداق ئىشلار دائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، ھەتتا ساقچىلارنىمۇ ئۇرۇپ – چەيلىۋېتىپ، بۇلايدىغاننى بۇلاپ قاچىدۇ. پاھ، ئىمارات يوللىرى، گويا ماشىنا كۆرگەزمىخانىسىغا ئوخشايدىكەن. ئەڭ ئېسىل، رەڭدار ماشىنىلار مۇشۇ يەردە ئىكەن، گەرچە ھەممە داڭدار ماشىنىلارنى ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئىشلىسىمۇ، بۇلار ئەمەلىيەتتە ئەرەبلەرنىڭ ئاستىدا ئىكەن. بىز ياۋروپالىقلارنىڭ ئىشلىتىدىغىنى ئەڭ ئەرزان، ئادەتتىكى ماشىنىلار …
مەن ھەيرانلىقتىن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. غەرب ئەللىرى، تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا »ياۋروپا« مېنىڭ نەزىرىمدە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى ۋە ئۈلگىسى ئىدى. گويا ئىنسانىيەتنىڭ روھىي ۋە ماددىي بايلىقلىرى، گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەتلەر ۋە يۈكسەك پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاشۇ يەرگە جەم بولغاندەك تۇيۇلاتتى. بىراق، بىر ياۋروپالىقنىڭ ياۋروپا ھەققىدىكى بايانلىرىغا قارىغاندا، مەندىكىسى پەقەت ياۋروپا ھەققىدىكى بىر گۈزەل خىيالدىن ئىبارەت ئىكەن. «تەكىيخانا»دا كەچ بولغاندا توخۇمۇ كاتەككە كىرىپ ئۇخلايدۇ. بىراق، چەت ئەلدە توخۇ كاتىكىچىلىك ياتاقنىڭمۇ زەھەردەك قىممەتلىكىنىڭ دەستىدىن بىزگە ئوخشاش باشقا يۇرتتىن كەلگەن غېرىبلارنىڭ بېشى قاتىدۇ. ئەگەر ئاسماندا ئۇخلىغىلى بولسا ئىدى، چەت ئەلگە چىققان ھەربىر ئادەم خېلىلا پىتلىنىپ قايتىپ كەلگەن بولاتتى. بىراق، بىر كۈنى مەن ئۆزۈم تۇرۇۋاتقان ئەلئەيىن شەھىرىدىن بىر ئىش بىلەن دۇبەيگە كەلدىم. ئىشلىرىمنى پۈتتۈرگىچە چۈش ۋاقتى بولۇپ قالدى. بۇ دۆلەتنىڭ ئادىتىدە پېشىن ۋاقتىدىن كېيىنلا كەسىپ، تىجارەت توختايدۇ، ھەممە دۇكانلار، ھەممە ئىشىكلەر تاقىلىپ ئادەملەر چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى باشلىۋېتىدۇ. كوچىدا ئادەم كۆرگىلى بولماي تىمتاس بولۇپ قالىدۇ. تاكى ئەسىرگىچە شەھەر كۈندۈزدىكى قەبرىستانلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىشىمنىڭ قۇيرۇقىنى ئۈزۈش ئۈچۈن نامازدىگەرگىچە 4 – 5 سائەت ساقلىشىم كېرەك ئىدى. مەن سېمونت يوللارنىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئاتەش ئىسسىقىدا نەگە بېرىشنى بىلمەي قالدىم. بوغۇزۇمدا يىغىغا ئوخشايدىغان بىر خىل قىرتاق تۇيغۇ، ياقا يۇرت غېرىبلىقى، ئىچىمگە ئېغىر بىر قارا تاش ئېسىقلىق تۇرغاندەك … بىردىنلا ئالدىنقى قېتىم بىر سودىگەرنىڭ دەپ بەرگىنى بويىچە بۇ يەردە بىر ئۇيغۇر ئېچىۋالغان «قانۇنسىز تەكىيخانا»نى ئىزدەشكە باشلىدىم. ئاڭلىشىمچە، بىر جاھانكەزدى سودىگەر ئىجارىگە ئالغان ئۈچ ئېغىزلىق بىر ئۆينى _ كېلىپ – كېتىپ يۈرگەن ئۇيغۇر ئوقەتچىلىرى ئۈچۈن يېتىپ قوپىدىغان ياتاق قىلىپ، ئانچە – مۇنچە تاماقمۇ چىقىرىدىكەن. مەن 1 – 2 سائەتچە ئىزدەپ سوراپ چۆرگىلەپ يۈرۈپ، ئاخىر ئۇ يەرنى تېپىپ كىردىم. كونا بىنادىكى بۇ ئۆي ئىشىكتىن كىرىشىگىلا دەلىز، ئاشخانا، بىر چوڭ، ئىككى كىچىك ھۇجرا بولۇپ، كىچىك ھۇجرىدا ئۆي ئىگىسى تۇرىدىكەن. قالغان ئىككىسىگە ئاستى – ئۈستى ئىككى قەۋەتلىك كارىۋات قويۇلغان بولۇپ، بەئەينى ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا ئوخشايدىكەن. كارىۋاتتىن باشقا، ئادەم ئولتۇرۇپ – قوپقۇدەك بوشلۇقمۇ يوق بولۇپ، تارلىقىدىن ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلىپ كېتەتتى.
مەن بۇ تەكىيخانىغا كىرگەندە ياش ئوقەتچى ئۇيغۇر بالىلاردىن 5 – 6 سى مۇڭدىشىپ ئولتۇرغانىكەن. مەن خۇشاللىق ۋە ياتسىراش ئىچىدە ئۇلار بىلەن بىر – بىرلەپ كۆرۈشۈپ چىقتىم. ئۇلار پەرۋاسىزلىق بىلەن ئۆز گېپىگە چۈشۈپ كەتتى. مەن يېنىمدىكى يېشى كىچىكرەك بىرسىگە پەس ئاۋازدا گەپ قىلدىم:
_ ياتاقتا ئادەممۇ ئانچە كۆپ ئەمەسكەن – دە؟
_ نەدىكىنى، ئاخشام ئون تۆتىمىز قىستىلىشىپ ياتتۇق. بىر كېچىلىكى 20 دەرھەم، ھۆددەس ئەرزان، بىر قاچا تاماق ئون دەرھەم، 23 يۈەن دېگەن گەپ …
ئۇدۇلۇمدىكى بۇرۇتلۇق يىگىت بىزنىڭ گېپىمىزگە قۇلاق سېلىۋاتقان بولسا كېرەك، ماڭا قاراپ: «يېسەڭلار لەڭمەن بارغۇ دەيمەن، ھاجىمنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ بېقىڭلار» دېدى. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ گۆھەر تېپىۋالغان ئادەمدەك خۇش بولۇپ، دەرھاللا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالغاچ چىپىلداپ تەرلەپ ئولتۇرۇپ ماق لەڭمەننى ئىشتىھا بىلەن چايناۋاتسام، تاراققىدە ئىشىك ئېچىلدى. ھەممىمىز ئىشىككە قارىدۇق. 30 بىلەن 40 ياشنىڭ ئارىسىدىكى بىر خەنزۇ كىرىپ كەلدى.
_ ھوي، مەن بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ياتامدىكەن دېسەم، خەنزۇلارمۇ بار ئىكەن – دە؟
_ شۇنداق، _ دېدى ئۇدۇلۇمدىكى يىگىت _ ئۇمۇ مۇشۇ يەردە يېتىپ – قوپىدۇ، تالادا ئەڭ ئەرزان ياتاقمۇ 70 – 80 دەرھەم تۇرسا. ئۇ يەرلەردە بىر – بىرىمىزگە چىرايلىق كۆرۈنمىگەن بىلەن چەت ئەلدە كۆزگە ئىسسىق كۆرۈنىدىغان گەپكەن، شۇڭا مۇشۇ ئاغىنىلەر باشلاپ كەلدى، ئۆزىمۇ ئوبدان نېمىكەن …
مەن جاڭ فامىلىلىك بۇ كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىم. ئۇ بىر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىغا بازار ئېچىش ئۈچۈن ۋاكالەتچى ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلگەنىكەن. ئۇ بۇ يەرنىڭ ئىسسىقىدىن، قىممەتچىلىكتىن، ئۇيغۇرلار ئېچىۋالغان بۇ دەڭنى 7 – 8 كۈن بالدۇرراق بىلىۋالالمىغىنىدىن بىردەم قاقشىدى. ئۆزىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارغاندىمۇ «شىنجاڭ لەڭمىنى»نى سېغىنىپ كېتىدىغانلىقىنى، تەلىيىگە بۇ يەردىمۇ لەڭمەن تېپىلىپ بەك خۇش بولغانلىقىنى ئېيتتى.
****
ئارىدىن بىرەر ئايچە ئۆتكەندە مەن ئايالىم بىلەن دۇبەي شەھىرىگە كەلدۇق ۋە قورساقنى ئەستەرلىۋېلىش ئۈچۈن يەنە ھېلىقى تەكىيخانىغا كىردۇق. چوڭ ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپلا ھەيران قالدىم: مىچچىدە ئادەم، ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن ياتاقتا ئولتۇرغۇدەك بوش يەر يوق ئىدى. مەن ئۆتكەن قېتىم كۆرگەن تونۇش چىرايلاردىن بىرەرسىمۇ كۆرۈنمىدى، بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى 60 – 70 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئۇيغۇر بوۋايلار ئىدى. بىخسىغان ئىسسىق ۋە تەرلىگەن پۇراقلار ياتاقنى بىر ئالغان بولسىمۇ، قەلبىم ئېيتقۇسىز بىر ھاياجانغا چۆمۈلگەن؛ ئۇيغۇرنىڭ چىرايىنى، قوي كۆزلىرىنى، تونۇش ھىدىنى، مەڭگۈ ھېچنېمىگە تېگىشكىلى، تەڭ كەلتۈرگىلى بولمايدىغان مېھرىنى ھېس قىلغانىدىم. بىراق، ئۇلارنىڭ مەن بىلەن ئۈن – تىنسىز كۆرۈشۈشلىرى، ئۈن – تىنسىز مۆلدۈرلەپ ئولتۇرۇشلىرى يۈرەك – باغرىمنى ئېزىۋەتتى. مەن ئازراق ئەھۋاللىشىپ ئۇلارنىڭ ھەج قىلىش ئۈچۈن غەيرىي رەسمىي يوللار بىلەن كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىشتا ھەج ۋىزىسى ئالالماي كۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنىغا بىرەر ئايچە بولۇپ قالغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم. ئۇيغۇرچىدىن باشقا بىرەر ئېغىز تىل ئۇقمايدىغان، كۈندىلىك 20 دەرھەملىك ياتاق پۇلىمۇ ئۇلۇغ مۇددىئالار ئۈچۈن ئۆمۈر بويى قىسىنىپ يىغقان پۇللىرىنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا نىسبەتەن يەنىلا ئاز تۇيۇلمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. نېمىشقىدۇر ئۇلار ماڭا ئانچە سىر بەرمەي، گەپ قىلماي خەۋپسىرىگەندەك، بىر نەرسىدىن شۈبھىلەنگەندەك مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى. بەلكىم بېشىدىن كۆپ ئىسسىق – سوغۇقنى ئۆتكۈزگەن بۇ مويسىپىتلار ئۇلۇغ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولماي تۇرۇپلا قويمىچى، كاززاپ، ساپساپچىغا ئۇچراپ ئاۋارىچىلىككە يولۇقۇشتىن ئەنسىرىسە كېرەك. چۈنكى، چەت ئەلگە چىققانلارنىڭ بۇنداق قىسمەتلىرىنى مەنمۇ خېلى ئاڭلىغان. ئۇ كۈنى تاماق يوق ئىكەن، ئايالىم ياتاق ئىگىسىنىڭ ھۇجرىسىدىمۇ لىق مېھمان بارلىقىنى، ياشانغان ئاياللار ۋە ئاران ماڭىدىغان بىچارە مومايلارنىڭ ئايالىم بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۆز قىزىنى كۆرگەندەك قۇچاقلاپ، يىغلاپ، ھال – ئەھۋال ئېيتىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا خېلى ھايال بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ھەر ئىككىمىزنىڭ باغرى ئېزىلىپ كەتكەنىدى، بىراق بۈگۈن كەچ كىرىشتىن بۇرۇن ئايالىمنى ئەلئەيىندىكى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تالىبە (قىز ئوقۇغۇچىلار) لەر ياتىقىغا يەتكۈزۈپ قويمىسام بولمايتتى. بىز ئۇلارنىڭ سەپىرىگە ئاقيول تىلەپ ياندۇق.
تاكسىغا چىقىپ بۇ تەكىيخانىغا يېقىن يەردىكى «مەيدانى بەنىياس» (بەنىياس مەيدانى)دىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، بىر مەنزىرىگە كۆزۈم چۈشتى: مەيداندىن يولغا قايرىلىدىغان يەردىكى داق سېمونتتا بىر بوۋاي ئولتۇراتتى. بېشىدا ئۇيغۇر دوپپىسى، ئۇچىسىدا ئاق تون، پۇتىدا قارا لاتا خەي. ئېڭىكىنى يۆلەپ، ئالدىراش ناتونۇش كىشىلەر توپىغا، ھەيۋەتلىك پىكاپ – ماشىنىلارغا قاراپ خىيالغا چۆكۈپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئاللادىن باشقا ھەممە نېمىسى ناتونۇش بۇ شەھەردە تىلسىز، يولسىز، پۇلسىز ئۇيغۇر ئۆزىنى تىكەندەك يالغۇز ھېس قىلىپ شىددەتلىك غېرىبلىقنى تېتىۋاتاتتى … ماشىنا ئاستا ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا شۇنچە يېقىندىن كۆرۈنۈپ تۇرغان بۇ ھالەت بايىقى كۆرۈنۈشلەر بىلەن قوشۇلۇپ ئىچىمنى سىيرىلدۈرۈۋەتتى. كۆزلىرىمگە لۆممىدە ياش كەلدى …
* * *
مەن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ بىر يىللاردىن كېيىن، دۇبەي ئارقىلىق ئومماندىن كەلگەن ياسىن ھاجىم بىلەن شۇ ئەھۋاللار توغرىلىق مۇڭدىشىپ قالدۇق.
_ ئۇ تەكىيخانا ھازىر يوق، _ دېدى ياسىنجان، _ ئۇ ياتاقنى ئاچقانلار ۋە تۈرلۈك يوللار بىلەن ئازدۇر – كۆپتۇر بولسىمۇ ھاجىلارنىڭ پۇلىغا شېرىك بولغانلار ھازىر سورۇلۇپ كەتتى. ئۇ يىلى غەيرىي رەسمىي يوللار بىلەن ھەج قىلىش ئۈچۈن دىيارىمىزدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كەلگەنلەر بىرەر يۈزچە ئادەمگە يەتكەن. ئۇلارنىڭ چەككەن رىيازەتلىرى، غېرىب، مىسكىن ھالىتى دۇبەي شەھىرى ئەمىرىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ ھەممىسىنى ئايروپىلان بىلەن سەئۇدىغا ھەقسىز يولغا سېلىپ قويۇپتۇ، لېكىن ھازىر ئۇ تەرەپنىڭ يولىنى قاتتىق تىزگىنلىگەچكە، ئىمارات ئارقىلىق ھەجگە ماڭىدىغانلار بۇرۇنقىدەك كۆپ ئەمەس …
مەن ياسىنجاننىڭ بايانلىرىدىن گويا ئىماراتقا قايتىپ بېرىپ قالغاندەك، ھەشەمەتلىك بىر ئەلدىكى غېرىب – غۇرۋا كىشىلىرىمىزنىڭ چىرايىنى قايتا كۆرگەندەك بولدۇم.
مەنبەسى
Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: