A turkology blog

لەگلەك ئۇچۇرغۇچى

جېك تورخاتېرسىدىكى «لەگلەك ئۇچۇرغۇچىنى كۆردۈم» دىگەن ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن مېنىڭمۇ ئازراق بىر نەرسە يازغۇم كېلىپ قالدى. جېك ئېيتقاندەك بۇ كىنونىڭ داۋرىڭىنىڭ چوڭ بولىشى ئالاھىدە ياخشى كىنو بولغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى بۇ كىنو قەشقەردە ئىشلەنگەن. دەسلەپ لەگلەك ئۇچۇرغۇچى كىنوسى باش بېتىدىن بۇ كىنونىڭ ئاساسلىق كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قەشقەردە ئىشلەنگەنلىكى، روللارغا ئىرانلىق ۋە ئافغانىستانلىقلاردىن باشقا ئۇيغۇرلارمۇ قوشۇمچە رولغا چىققانلىقىنى ئۇقتۇم. بەزىلەرنىڭ چۈشەندۈرگىنىدەك «بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى قەشقەردە سۈرەتكە ئېلىنغان» بولماستىن پۈتۈن كىنونىڭ ھەممىسى دىگۈدەك سان فرانسىسكو بىلەن قەشقەردە سۈرەتكە ئېلىنغان ئىدى. ماڭا ئەڭ ياقمىغان بىر ئىش ئافغانىستاننىڭ كابۇل، پاكىستاننىڭ لاھور شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن قەشقەر كۆرۈنۈش بوپتۇ، ئافغان-پاكىستان چېگراسىغىمۇ قەشقەر كۆرۈنۈش بوپتۇ. تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشقان قەشقەرنىڭ 90-يىللاردىكى ئورۇش مالمانچىلىقى قاپلىغان كابۇلغا كۆرۈنۈش تەييارلاپ بېرەلىگىنى قىززىقتە! ھېلىقى لاھوردىكى لەڭپۇڭ مەپىسىنىڭ كەينىدە تۇرغان دوپپىلىق ئۇيغۇر دېھقان ئېنىقلا بۇ لاھور ئەمەس دەپ چاندۇرۇپ قويغاندەك قىلىدۇ.
توردىن ئۆزىڭىز ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئېنگلىزچە نامى : the kite runner خەنزۇچە نامى: 追风筝的人

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: