A turkology blog

گۇگول ئوقۇغۇچنىڭ نىمىلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن، «RSS دىگەن نىمە؟» دىگەن سۇئالغا جاۋاب بېرەي: ئادەتتە بىز بلوگ ياكى تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا «RSS كە مۇشتەرى» بولۇش دەيدىغان بەلگىنى ئۇچرىتىمىز، بۇ بەلگىنىڭ مەنىسى مەزكۇر بلوگ RSS قوللايدۇ دىگەن گەپ. ئەگەر بۇ بەلگىنى چېكىپ كىرسەك مەزكۇر بلوگنىڭ XML نۇسخىسىنى كۆرىمىز. RSS ئارقىلىق مەخسۇس RSS مەنبەلىرىنى ئوقۇيدىغان يۇمشاق دېتال ياكى پروگراممىلاردا تور كۆرگۈچنى ئاچماي تۇرۇپلا تور بەتنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئوقۇغىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق ھەرقايسى تور بېكەتلەرنىڭ RSS ئادرېسىغا ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يېڭىلانغان مەزمۇنلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ بېرىدىغان پروگراممىنى ئوقۇغۇچ (Reader) دەيمىز.سىز ئوقۇغۇچ ئارقىلىق ئۆزىڭىز ياقتۇرغان تور بېكەتلەرنىڭ ئەسلى تور ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ ئۇلارنىڭ RSS ئادرېسىنى تاپالايسىز، ھەم ئوقۇغۇچقا مەزكۇر RSS ئادرېسنى قاچىلاپ قويۇپ، ياقتۇرغان تور بېكەتنىڭ ھەممىنى بىرلا پروگراممىغا يىغالايسىز. ھەر كۈنى ئېلخەت ساندۇقىنى ئاچقانغا ئوخشاش تور بېكەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىرلا پروگرامما ئىچىدە كۆرەلەيسىز. ھەر خىل خەۋەر ۋە ئۆزىڭىزگە لازىملىق ئۇچۇرلارنى سىز ياقتۇرغان ھەممە تور بېكەتكە بىر قېتىمدىن كىرىپ ئىزدىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىرلا ئورۇندا بۇ مەقسەتكە يېتەلەيسىز.
Google Reader دە مۇشۇنداق ئۆزىڭىز ياقتۇرغان كۆپلىگەن تور بېكەتلەرنى بىر جايغا يىغىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىنى بىرلا ئورۇندا تۇرۇپ كۆرۈش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىگەن ئوقۇش قورالى. رەسىم، خەت ۋە باشقا مېدىيا ھۆججەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نورمال كۆرۈنىدۇ، ئۇيغۇرچە قوللايدۇ.
Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: