A turkology blog

بۈگۈن Google شىركىتى ماڭا خەت يېزىپ Adsense نى تەۋسىيە قىلىش ئېلانىغا يەنە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. خەتتە ئېيتىلىشىچە ئالدىنقى قېتىم Adsense تەۋسىيە ئېلانىنى پەقەت جەنۇبىي – شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ياپونيەدىكى دۆلەتلەردىلا قوللىنىشقا بولىدىغان قىلغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ پىكرى بەك كۆپ چىققان، شۇڭلاشقا ئۇلار ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن. يەنى سىز Adsense ھېساباتىڭىزغا كىرگەندىن كېيىن Adsense تەۋسىيە ئېلانىنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن «ئېلان نىشانى» نى «ھەرقانداق دۆلەت \ رايون» غا تەڭشەپ قويسىڭىز Adsense نى تەۋسىيە قىلىش ئېلان كودىغا يەنىلا ئېرىشەلەيسىز. ئەمما پەقەت سىزنىڭ ئېلانىڭىزنى كۆرۈپ جەنۇبىي – شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياپونيەدىن تىزىملاتقان Adsense ئابونتلىرىلا سىز تونۇشتۇرغان ئادەم بولۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيسىز، باشقا رايونلاردىن تىزىملاتسا پۇل ھىسابلىمايدۇ.
بۇ قېتىم كەلگەن خەتتە يېزىلغان يەنە بىر خۇشخەۋەر شۇكى Google يۇمتال بولىقىنى تەۋسىيە قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلۇپتۇ. Google يۇمشاق دېتال بولىقى Google نىڭ Firefox تور كۆرگۈچى، تور كۆرگۈچكە قاچىلايدىغان Google قورال ستونى، Picasa رەسىم بىر تەرەپ قىلىش قورالى، Google پىنيىن كىرگۈزگۈچ، Google DeskTop ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك Google يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزكۇر يۇمتال بولىقىنى تەۋسىيە قىلىش ئىقتىدارىمۇ Adsense ئىچىگە قوشۇلۇپتۇ. مەزكۇر بولاقنى مۇشۇ يىلنىڭ 2-ئاي ئىچىدە تەۋسىيە قىلغانلارغا ھەر بىر تەۋسىيە قىلىنغۇچى (بولاقنى سىزنىڭ تور بېتىڭىزدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغۇچى) ئۈچۈن 2 ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىدىكەن. يەنە تۇنجى قېتىملىق تەۋسىيە قىلىنغۇچى ئۈچۈن 2 دوللار مۇكاپات بېرىلىدىكەن. ئىككىنچى قېتىم تەۋسىيە قىلىشتىن باشلاپ ئەڭ كۆپ بولغاندا 1 دوللار مۇكاپات بېرىلىدىكەن. Adsense ھىساباتى بار تورداشلارنىڭ دەرھال مەزكۇر بولاقنى تەۋسىيە قىلىش ئېلانىنى تور بېتىگە قويىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھۆرمەت بىلەن – تەكلىماكان بلوگ

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: