A turkology blog

دىگەن نىمە؟ eCPM

Adsense تىكى كىرىم دوكلاتىنى كۆرگەن دوستلار eCPM دەيدىغان بىر جاينى كۆرىدۇ. ئۇنداقتا ئۇ ئېلاننىڭ يەككە باھاسىمۇ، ياكى بىر سىرلىق سانمۇ؟ eCPM نىڭ كۆرسىتىدىغىنى پۇل، ئەمما ئۇ يەككە ئېلان باھاسى ياكى سىرلىق بىر سان ئەمەس. ئۇنداقتا ئۇ نىمە؟ نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئېلان ھېساباتىمىزدا بولىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە مەسلە بەك مۇرەككەپ ئەمەس. eCPM نىڭ مەنىسى ئېلان ھەر 1000 قېتىم كۆرۈلگەندە ئېرىشىدىغان ئېلان كىرىمى (effective cost per mille) دۇر. بۇ يەردىكى 1000 قېتىم كۆرۈلۈش ئېلان بار تور بەتنى ياكى يەككە ئېلاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. eCPM پەقەتلا تور بەت 1000 قېتىم كۆرۈلگەندىكى (Pageview) كىرىم سوممىسى. شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ: eCPM پەقەتلا تور بەتنىڭ ئېلان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈنلا چىقىرىلغان سانلىق مەلۇمات، ھەرگىزمۇ سىزنىڭ كىرىمىڭىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. سىز بۇ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ تور بېكەتنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىزلا بولدى. بۇ سان مەزكۇر تور بېكەتنىڭ Adsense تىن پايدىلىنىش دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن eCPM دەيدىغان بۇنداق ساننى پەيدا چىقىرىپ قويىدۇ؟ بۇ دەل ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى:
eCPM = كىرىم / زىيارەت سانى × 1000
شۇڭلاشقا:
كىرىم = ئېلان باھاسى × چېكىلىش نىسبىتى × زىيارەت سانى
شۇڭلاشقا نەتىجە:
eCPM = ئېلان باھاسى × چېكىلىش نىسبىتى × 1000
شۇڭلاشقا بۇ سان سىزنىڭ كىرىمىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بۇ سان تور بېكەتنىڭ Adsense دىن پايدىلىنىش قىممىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ تور بېكەتنىڭ چوڭ ياكى كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز چۈنكى ئۇ ئومۇمىي ئېلاننىڭ چېكىلىش ۋە كۆرۈلۈش نىسبىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
يەككە ئېلان باھاسى (ئېلاننىڭ بىر قېتىملىق چېكىلىش باھاسى) تور بەت مەزمۇنى، ئېلان ئۈنۈمى ۋە ھېيت – بايراملارغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا تور بېكەتنىڭ مەزمۇنى مول ھەم سەرخىل بولسا ئېلان باھاسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: