A turkology blog

يېقىندىن بۇيان Adsense تىن پايدىلىنىپ كۆپ پۇل تېپىش ھەققىدىكى ماقالىلەرنى كۆپ ئوقۇدۇم، بۇ ماقالىلەرنىڭ ئەڭ ئەسقاتىدىغان مەزمۇنلىرىنى بىر يەرگە توپلاپ قويغۇم كەلدى. مەن ھەم ئۆزۈمنىڭ تەجىربىلىرىنىمۇ قوشۇپ قويدۇم. ھەر كۈنى 100 دوللار تېپىشنى ئويلىسىڭىز سىزمۇ شۇنداق قىلىپ بېقىڭ. ئەلۋەتتە ئاۋال ئەڭ ئاددى چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەيلى! Adsense بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن تور بەت (بلوگ) بولمىسا بولمايدۇ. شۇڭا ئەڭ ئاۋال تور بېتىڭىز بولىشى كېرەك، ئاندىن باشقىلىرىنى ئويلايلى! دىمەك:
ئۆزىڭىزنىڭ ئېمپىرىيەسىنى قۇرۇڭ
باشقىلار قۇرغان تور بەتكە ئەزا بولۇپ، باشقىلارنىڭ تور بېتىدە ماقالە (مەزمۇن) ئېلان قىلىپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ ياكى كۆپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ. چوقۇم ئۆزىڭىزگە تەۋە تور بېكەت بولىشى كېرەك. ئۇنداقتا قانداق تور بەت قۇرىمىز؟ ئەڭ ئاددى ئۇسۇل ئىككى، بىرى كۈنىگە 1 ئامېرىكا دوللىرى تاپالايدىغان چۇۋالچاق تور بېكەتتىن 100 نى قۇرىسىز. يەنە بىرى كۈنىگە 100 ئامېرىكا دوللىرى تاپالايدىغان نادىر تور بېكەتتىن بىرنىلا قۇرىسىز. ھازىر Adsense بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تاپتى دەپ قارىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يولغا ماڭغان. مۇشۇ ئىككى يولنىڭ قايسىغىلا ماڭسىڭىز بولىدۇ، ئەمما توغرا تاللاپ مېڭىڭ! ئەگەر سىز مەلۇم ساھەدە مول بىلىمگە ئىگە (ئالىم، سەنئەتكار، باي ياكى باشقا) بولسىڭىز مېنىڭچە بىرلا تور بەت قۇرسىڭىز بولدى، ئەگەر ھىچقانداق كەسپى بىلىمىڭىز ياكى بىرلا نەرسىگە چوڭقۇر ئىشتىياقىڭىز بولمىسا ئۇ ھالدا چۇۋالچاق تور بېكەتتىن 100 نى قۇرۇڭ. ئەمما تور بېكەت بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بوشلۇق، ئاسراش، قوغداش ۋە يېڭىلاش جەھەتتە ئادەم كۈچى ۋە ۋاقت كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەييارلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ئەلۋەتتە.
ئۇنۋېرسال بولۇش ياكى كەسپى بولۇش
سىز قۇرغان تور بېكەتنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك مېنىڭچە كەسپى (مەخسۇس مەلۇم تېمىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغان) تور بېكەتلەر Adsense قا بەكرەك ماس كېلىدۇ، چۈنكى Adsense ئېلانلىرىنىڭ مەزمۇنى دەل تور بېكەت مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا مەخسۇسلاشقان تور بېكەتلەردە كۆرۈنگەن ئېلان مەزمۇن جەھەتتە تور بېكەت مەزمۇنىغا دەل چۈشىدۇ ۋە چېكىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرمۇ ئانچە ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى Google قا ئېلان بېرىدىغان ئۇيغۇرچە بېكەتلەرمۇ چىقتى، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە ئەرەبچە ۋە تۈركچە ئېلانلارمۇ كۆرۈنىدىكەن. شۇڭلاشقا تور بېكەت مەزمۇنى مول بولسىلا ئېلان كۆرۈنمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىمەڭ.
تور بېكەتنى قۇرغان كۈنىلا ئېلان قويۇش كېرەكمۇ؟ Google ئېلانىنى چېكىدىغانغا زىيارەتچى بولمىسا بولمايدۇ، ھەمدە چېكىلىش نىسبىتى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. تور بېكەتتە مەزمۇن مول بولمىسا ئېلان مەزمۇنى بىلەن تور بېكەت مەزمۇنى ماس كەلمەيدۇ-دە چېكىلىش نىسبىتى يەنە تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا تور بېكەت قۇرۇلۇپ مەلۇم ئېقىمغا ئىگە بولغاندا ئاندىن ئېلان قويۇش كېرەك. ئادەتتە Adsense نىڭ ئاپشاركىسى تور بېكەت مەزمۇنىنى تولۇق ئىگىللەپ بولغۇچە بىر نەچچە كۈن ۋاقت كېتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ بىر نەچچە كۈنگىچە ئېلان نورمال كۆرۈنمەيدۇ ياكى تور بېكەت مەزمۇنى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئېلانلار كۆرۈنىدۇ.
ۋاكالەتچى تور بېكەتلەرگە ئېلان قويۇش
بۇ مېنىڭ تەجىربەمدىن ئۆتكەن ئىش. مەسلەن: سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزدە كىتاب ساتىسىز، مېنىڭچە كىتابتىن كىرگەن كىرىم ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ. 100دوللارلىق كىتاب سېتىلسا سىز 40 دوللار كىرىم قىلالىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ئەگەر تور بېكىتڭىزدە كىتاب سېتىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئانچە-مۇنچە Adsense ئېلانى قويۇپ قويسىڭىزچۇ؟! ئىشىنىڭكى بۇنىڭ ئۈنىمى بەك يۇقىرى. سىز چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز. سىزدىن كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن كىرگەن خېرىدالار تور بېكىتڭىزدىكى كىتابقا مۇناسىۋەتلىك ئېلانلارنى كۆپ چىكىدۇ. بۇ كىرىمىڭىزنى كۆپەيتىدۇ دىگەن گەپ. ھەم كىتاب سېتىپ كىرىم قىلىسىز، ھەم Adsense تىن كىرىم قىلىسىز. بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش دىگەن شۇ! مەن جەزم قىلىمەنكى كىتابنىڭ كىرىمىدىن Adsense نىڭ كىرىمى يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يەردە «كىتاب» مىسال قىلىندى. قانۇن يولغا قويغان تىجارەت دائىرسى ئىچىدە نىمە ساتسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: