يەر شارىدىكى تۇنجى ئۈنئالغۇغا ئېلىنغان ئاۋاز
كىشىلەر ئۈنئالغۇنى ئېدىسون كەشپ قىلغان دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى. ئېدىسون كەشپ قىلغان تۇنجى ئۈن لىنتىسى (ماگنېت يالىتىلغان قەغەز) گە «Mary had a little lamb» دىگەن بىر جۈملە ئېدىسوننىڭ سۆزى ئېلىنغان. مەنىسى «مارىيەنىڭ بىر پاقلىنى بار.» ئەمما يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بىر تارىخى تەتقىقات گۇرۇپپىسى پارىژدىكى بىر ئارخىپ ئامبىرىدىن ئېدىسوندىن بۇرۇنراق ئۈنگە ئېلىنغان «ئۈنئالغۇ لىنتىسى- ماگنېت يالىتىلغان قەغەز» نى بايقىدى. مەزكۇر لىنتىغا فرانسىيە خەلق ناخشىسىدىكى «Au Clair de la Lune» دىگەن بىر مىسرا ئېلىنغان. ۋاقتى 10 سېكونتلۇق. مەزكۇر ئاۋازنىڭ ئېلىنغان ۋاقتى 1860-يىلغا توغرا كېلىدىكەن. شۇڭلاشقا ئالىملار ئۈنئالغۇنى ئېدىسون كەشپ قىلغان دىگەن قاراشقا قارىتا باشقىچە چۈشەنچە بەردى. دىمەك تۇنجى قېتىملىق ئۈن ئېلىش فرانسىيەدە كەشپ قىلىنغان. مەزكۇر كەشپىياتنى ۋۇجۇتقا چىقارغۇچى فرانسىيىلىك Édouard-Léon Scott de Martinville ئىسىملىك خەت ئۇرۇش ئىشچىسى. ئەمما ئېدۋارد لېئون ئەينى چاغدا پەقەت ئۈن ئېلىشنىلا بىلگەن. ئەمما ئۇ ئالغان ئۈننى قويغىلى بولمىغان. بۇ ئۈن كېيىن ئامېرىكا لورا بېركلىي تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىملار (Lawrence Berkeley) تەرىپىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ چىقىرىلدى.
شۇنداق قىلىپ بۇ ماقالە ئارقىلىق ئۈنئالغۇنى ئېدىسون كەشپ قىلغان دىگەن قاراشقا قايتا ئېنىقلىما بېرىمىز. ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئېدىسوننىڭ مىڭلىغان كەشپىياتلىرىنى يوققا چىقارغىنىمىز يوق. ئېدىسون يەنىلا ھەم ئۈنئالغىلى بولىدىغان ھەم قويغىلى بولىدىغان ئۈنئالغۇ كەشپ قىلغۇچى.