A turkology blog

يانفون، رەقەملىك ئاپپارات ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنىڭ سىغىم كارتىسى ياكى كومپيوتېرغا چېتىپ بىر نەرسە قاچىلايدىغان بۆلەكلىرىنىڭ ھەممىنى ئومۇملاشتۇرۇپ U دىسكا دەپلا ئاتىۋەتتىم (ئەپۇ ئەتكەيسىلەر). ئادەتتە U دىسكىنى كومپيوتېرغا چاتقاندا ۋىرۇستىن يۇقىملىنىش ئەھۋالى دائىم كۆرۈلىدۇ. بۇنى ئالدىنى ئالىدىغان مۇنداق ئاددى بىر ئۇسۇل بار، ئاۋال باشلاش تىزىملىكىدىن «ئىجرا قىلىش» «خەنزۇچە: 运行» «ئېنگلىزچە : Run » نى ئېچىپ، cmd دىگەن خەتنى كىرگۈزسەك قارا ئېكران ھالەتتىكى بۇيرۇق بېرىش مەشغۇلات يۈزى چىقىدۇ. چىققان كۆزنەككە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يېزىپ مۇقىملاشتۇرىۋەتسەكلا U دىسكىغا ۋىرۇس يۇقمايدۇ.
mkdir autorun.ini
cd autorun.ini
mkdir a…\\
بۇ ئۇسۇل تولىمۇ ئاددى ھەم ئۈنۈملۈك. چۈنكى U دىسكىغا يۇقىدىغان Auto run ۋىرۇسى ئۆزىگە ئوخشاش ئىسىملىك ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچ بولغان دىسكىلارغا كىرەلمەيدۇ. بىز بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق شۇ خىل ۋىرۇسنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلارنى قۇرۇپ قويىمىز (U دىسكىنىڭ ئىچىگە). شۇنداق قىلىپ ۋىرۇس كىرەلمەيدۇ. ھەم بىزنىڭ قۇرۇپ قويغىنىمىز ۋىرۇس ئەمەس، بىر ھىچنىمە يوق ھۆججەت، U دىسكىغا ھىچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: