A turkology blog

بۈگۈن Google (جۇڭگو) نىڭ يانفون ئىزدەش بېتى مۇكەممەللەشتى. ئىلگىرى پەقەت تېكست ئارقىلىقلا ئىزدىگىلى بولىدىغان يانفون (Wap) مۇلازىمىتى بۇ قېتىم خەرىتە، رەسىم ئىزدەش، خەۋەر ۋە باشقا مۇلازىمەتلىرىنىمۇ قوشقان. دىيارىمىزدا يانفوندا تورغا چىقىش ئاۋارچىلىق، ئاساسلىقى ئىقتىسادى ئاۋارىچىلىق كەلتۈرىدىغان بولغاچقا بىز ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيمىز، ئەمما فۇند بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، پايچېكى ئوينايدىغان ۋە يانفون بانكىسى ئىشلىتىدىغان سودىگەرلەر GPRS چىقىمىغا ئانچە قاراپ كەتمەيدۇ. كومپيوتېردا تورغا چىقىشقا ۋاقت يەتمىگەن ۋاقتلاردا ئېلخەت كۆرۈش ياكى ئۇچۇر ئىزدەش قاتارلىق ئىشلارنى يانفوندا ئېلىپ بارسىمۇ بولىدۇ. يانفوننىڭ ئۆزىدە http://gmail.com غا كىرىش ئارقىلىق ئېنگلىزچە نۇسخىدىكى Gmail نىڭ Java يۇمشاق دېتالىنى يانفونغا قاچىلاشقا بولىدۇ. بۇ قورال بەك ئەپلىككەن. ئېلخەت يوللاش ۋە تاپشۇرۇۋېلىش جەريانىدا باشقا تورغا ئۇلىنىدىغان Java پروگراممىلىرىدەك GPRS ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۋەتمەيدىكەن. ئادەتتە يانفوندا Gmail گە كىرسەك بۇ پروگرامما دەرھال ئون پارچە يېڭى خەتنى يانفونغا چۈشۈرىدىكەن، چۈشۈرگەندە پەقەت تېكستنىلا چۈشۈرۈپ، رەسىم ۋە باشقا ھۆججەتلەرنى بۇيرۇق بەرمىسەك چۈشۈرمەيدىكەن، بۇ ئارقىلىق تورغا چىقىش ھەققىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. خەت يېزىۋاتقاندا توردىن ئۈزۈك ھالەتتە تۇرىدىكەن. «يوللاش» كونۇپكىسى بېسىلغاندا ئاندىن تورغا ئۇلىنىدىكەن. يانفون ئارقىلىق بلوگ يېزىش ۋە ئېلخەت كۆرۈش تولىمۇ قولايلىق بولىدىكەن.
يانفوندا Google خەنزۇچە ئىزدەش مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن يانفون تور كۆرگۈچىگە http://www.google.cn ياكى http://www.g.cn نى يېزىڭ !

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: