A turkology blog

قانداق قىلغاندا چىراي پەرقلەندۈرۈش بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ توغرىلىق نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ چىرايىدىكى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلارنى بىرلەشتۈرگەندە ئويلىمىغان نەتىجىلەر كۆرۈلىدىكەن. دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى خەلقئارالىق ئايروپورت، مۇھىم ئورگان ۋە چېگرا توساقلىرىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن مۇداپىئە كۆرۈلىدۇ. ئەڭ ئاددىي تەكشۈرۈش ئۇسۇلى مېتال بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈش. نۇرغۇنلىغان ئىلغار ئۈسكۈنىلەرگە قارىغاندا چىراي پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى چېگرا بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئالاھىدە ئۆستۈردى. چىراي پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىغا ئالدىن كىرگۈزۈلگەن ماتېرىيال بىلەن چېگرىدىن ئۆتكۈچىنىڭ چىرايىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنى بايقاشقا ۋە ساختا گۇۋاھنامە بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلغۇچىلارنى تېپىشقا بولىدۇ. چىراي پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى ھەر بىر چىراينىڭ ھەر خىل ئىپادىلىرى ئارقىلىق جىنسى ۋە شۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى پەرق قىلالايدۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كىشى چىرايىدا قورۇق پەيدا بولىدۇ ۋە چىراي ئىپادىسى، نۇرىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ئەسلىدە ئامباردىكى ماتېرىياللار ئارقىلىق چىراي پەرقلەندۈرىدىغان ئۈسكۈنىنىڭ توغرىلىق نىسبىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
يېقىندا ئەنگلىيە گلاسگاۋ ئۇنۋېرستىتى تەتقىقاتچىلىرى ئاجايىپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر يېڭى تېخنىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چىراي پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنىڭ توغرىلىق نىسبىتىنى ئويلىمىغان دەرىجىدە ئۆستۈردى. ئالىملار بىر ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان يۈز قىسمىدىكى تۆشۈكچىلەرنى (ئادەم يۈزىدە تۈك تۆشۈكچىلىرى ۋە تەر تۆشۈكچىلىرى بولىدۇ) رەسىمگە تارتقان ۋە ئوخشاش بىر ئادەم يۈزىنىڭ ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن تارتىلغان رەسىملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئادەم قېرىسىمۇ تۆشۈكچىلەرنىڭ ئورنى ۋە چىرايدىكى كۆپ تەرەپلەردە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان. ھەم بۇ ئۇسۇلنى چىراي پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىگە يۈكلەپ سىدنى خەلقئارا ئايروپورتىدا ھازىر سىناق قىلىۋاتىدۇ.
ئالىملار ئامېرىكا بۇرۇنقى پرېزىدېنتى بىل كلىنتوننىڭ ياش ۋاقتىدىكى ۋە ھازىرقى رەسىملىرى ئارقىلىق بۇ خىل تېخنىكىدا ئۇنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرۈپ كۆرگەن، ئويلىمىغان يەردىن توغرىلىق نىسبىتى 100 پىرسەنت بولغان.
ھازىرقى ئىلىم-پەن كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدىن ئېلىندى

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: