A turkology blog

بۈگۈن كۆپلىگەن دوستىلىرىمىزنىڭ تەكلىپى ۋە ئۇيغۇر بلوگگېرلارنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ھەقسىز بلوگ بلوگباسنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبىنى تارقاتتۇق. بۇ ئەلۋەتتە مەزكۇر بلوگ مۇلازىمىتىگە قارتا تارقىتىلغان تۇنجى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب، بىز يەنە تورداشلار ياقتۇرغان باشقا ئۇسلۇبلارنىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ھەر ھەپتىدە بىردىن داۋاملىق تارقىتىمىز.
ئۇسلۇب نامى : Son of Moto ئۇيغۇرچە (Blogbus ئۈچۈن)
لايھەلىگۈچى : جېفرى جونسون (ئامېرىكا) ؛ تەكلىماكان (تەكلىماكان بلوگ)
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : 谢杰 (شېنجېن)
ئۇسلۇب ئۈلگىسى : http://www.tekli.cn
چۈشۈرۈش ئورنى
ئەسكەرتىش: قاچىلاشتىن بۇرۇن قاچىلاش ئۇسۇلىنى تەپسىلى ئوقۇڭ. بۇ بلوگقا بىز مايور ئەپەندى ئىشلىگەن چىرايلىق فونت پروگراممىسىنىڭ ئۇلىنىشىنى قوشۇپ تارقاتتۇق. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مايور ئەپەندى، بۇ ئۇسلۇبنى لايھەلىگەن جەفرى جونسون ئەپەندى، ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان شيې جيې ئەپەندىلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز. ئەگەر يەنە ئىشلىگۈچىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان باشقا پروگراممىلار ياكى بۆلەكلەر كۆرۈلسە تورداشلارنىڭ بىزگە ئەسكەرتىپ قويىشىنى ئۈمد قىلىمىز. بىز دەرھال ئەسلى ئاپتور بىلەن ئالاقە قىلىپ رۇخسىتىنى ئالىمىز.
قاچىلاش ئۇسۇلى:
ئاۋال http://www.blogbus.com غا كىرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ھېساباتىنى ئېچىپ ئارقا سەھنىدىن ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش ئورنىغا كىرىمىز. رەسىمدىكى قىزىل بويالغان يەرگە دىققەت قىلىڭ


رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، يېڭى ئۇسلۇبتىن بىرنى قۇرىمىز. مەسلەن قۇرۇلغان يېڭى ئۇسلۇب نامى teklimakan بولسۇن. ئاندىن تۆۋەندە رەسىمدە كۆرسىتىلگەن «ئۆزگەرتىش» دىگەن ئورۇننى چېكىمىز.

ئەمدى ئەڭ ھالقىلىق بەت ئېچىلىدۇ، بۇ بەتتىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن head, index, index-posts دىگەندەك خەتلەرنى كۆرگەنسىز، ھەر بىرسىنى چەكسىڭىز بىر قۇرۇق تەھرىرلەش بېتى ئېچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە سىز باياتىن چۈشۈرگەن ھۆججەتتىكى ماس ئىسىملىك ھۆججەتنى خاتېرە دەپتەردە ئېچىپ، ئىچىدىكى كودلارنى تولۇق كۆچۈرۈپ، ماس ئىسىملىك تەھرىرلەش رامكىسىغا چاپلايمىز. چاپلاپ بولغاندىن كېيىن ئاستىدىكى ساقلاشنى بېسىپ ساقلايمىز.
ھەممىنى تولۇق كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، رەسىمدە كۆرسىتىلگەن «ئىشلىتىش» دىگەن خەتنى چېكىپ مەزكۇر ئۇسلۇبنى بلوگنىڭ ئۇسلۇبى قىلىپ بەلگىلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام ۋەسسالام.
ئېلان ھەققىدە دىققەت: مەزكۇر ئۇسلۇبقا Google Adsense ئېلان كودى مۇۋاپىق ئورۇنغا قىستۇرۇلدى. سىز بۇنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىمەن دەپ ئاۋارە بولماي، index, details قاتارلىق تەھرىرلەش بەتلىرىنى ئېچىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى Adsense ئېلان كودىنى تېپىپ كود ئىچىدىكى pub-545645454545454121 دىگەندەك نومۇرلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېلان ھېسابات نومۇرىغا ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. ئەگەر ئالماشتۇرمىسىڭىز سىزگە ھەق ھېسابلانمايدۇ. بۇ ھەقتە قىينالسىڭىز بىز بىلەن ئالاقە قىلىڭ. ئەگەر adsense ھېساباتىڭىز بولمىسا ھەم ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىش نىيتىڭىز بولمىسا بىز بىلەن ئالاقە قىلىڭ. بىز بلوگىڭىزغا قويۇلغان ئېلاننىڭ چېكىلىش قېتىمىغا ھېسابلىغۇچ ئورناتقاندىن كېيىن سىزگە ھەر ئايدا مۇۋاپىق پۇل ئەۋەتىپ بېرىمىز.
كېلەر ھەپتە قىزلارغا ماس كېلىدىغان بلوگ ئۇسلۇبى «رەيھانگۈل» نى تارقىتىمىز. ۋاقتىدا ئىشلىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: