A turkology blog

يېقىندا بىلىك كۇلۇبىدا FinalFantasy ئاتلىق تورداش باشچىلىقىدا ئەسلىدىلا ئۇيغۇر (لاتىن) يېزىق نۇسخىسى ئىشلىنىۋاتقان Google نىڭ ئۇيغۇر (ئەرەب) يېزىق نۇسخىسىنى ئىشلەش ھەققىدىكى خىزمەتلەر ئەۋج ئالدى. بۈگۈن Blogger ئارقا سەھنىسىدە يېڭى قوشۇلغان بىر ئىقتىدارنى كۆرۈپ لاتىن يېزىقى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى يېزىقىنى تەڭ ئىشلىتىۋاتقان خەلقنىڭ يالغۇز بىز ئەمەسلىكىمىزنى ھىس قىلدىم. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.

مەزكۇر رەسىم بلوگنىڭ «تەڭشەش» ئورنىدىن تارتىلدى. Google Blogger ئارقا سەھنىسىگە ھىندى يېزىقى بىلەن ھىندى لاتىن يېزىقى؛ تامىل يېزىقى بىلەن تامىل لاتىن يېزىقى؛ كاننادا يېزىقى بىلەن كاننادا لاتىن يېزىقى قاتارلىق بىر قانچە يېزىقنى ئۆز-ئارا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلۇپتۇ. نۇرغۇن مىللەتلەر لاتىن يېزىقىنى ئىككىنچى بىر يېزىق سۈپىتىدە قوللانغان بولۇپ، Blogger دا بلوگ يازغاندا ئۆزى يېزىۋاتقان ماقالىنى بىر كونۇپكا بىلەنلا ئىككىنچى خىل يېزىقىغا ئايلاندۇرالايدىكەن. مەن ھازىر بلوگگېرنىڭ بارلىق ئۇسلۇبلىرىنى ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولدۇم. Google Blogger غا ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ قوشۇلىشى (Google تەرىپىدىن قوشۇلىشى) ئەلۋەتتە يەنە بىر مەسلە، Google مۇلازىمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ مۇكەممەللىشىگە ئەگىشىپ بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارمايدۇ ئەلۋەتتە. ئەگەر شۇنداق بولسا بىزمۇ بۇ ئورۇنغا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئۆز ئارا بىر كونۇپكا بىلەنلا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلساق بولغۇدەك.
مەزكۇر ئىقتىدارنى سىناش ئۈچۈن Blogger ئارقا سەھنىسىدىن «تەڭشەش» ياكى خەنزۇچە 设置 ، ئېنگلىزچە Settings نىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇنىڭدىكى 基本 ياكى Basic تۈرىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى Enable transliteration نى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: