A turkology blog

Google Adwords بۆلۈمى بىلەن Google Analytics بۆلۈمى ھەمكارلىشىپ جىددى تۈردە ئاۋازلىق ئېلان پروگراممىسى ئىشلەۋاتىدۇ. مەزكۇر مۇلازىمەت بەلكىم Adwords غا پلاستىنكا ئېلانى بېرىدىغانلارغا بەكرەك ماس كېلىشى مۇمكىن. رەسىملىك ياكى خەتلىك ئېلانلار
كۆرگۈچىلەرنى ئانچە كۆپ جەلپ قىلىپ كېتەلمەيدۇ. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر ۋاقت تىجەپ ئېلان ئوقۇمايدۇ. ئاڭلاش سەزگۈسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاۋازلىق ئېلانلار بۇ مەسلىگە ھەل قىلىش يولى ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن. ھازىر Google نىڭ سىنلىق ئېلانلىرى بار. بۇ ئېلانلار پەقەت ماس كەلگەن تور بېكەتلەردىلا بىرە-بىرە كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئەمما ھەممە تور بەتتە كۆرۈنىدۇ دىگىلى بولمايدۇ.
Bedding.com گۇگولنىڭ تۇنجى «ئاۋازلىق ئېلان»نىنى سىناق قىلىۋاتقان شىركەت. مەزكۇر شىركەتنىڭ پرەزدېنتى CEO تەد كاۋانا ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ «ئاۋازلىق ئېلانلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بىز مىڭلىغان يېڭى خېرىدارغا ئېرىشتۇق، تور بېكىتىمىزنىڭ زىيارەت سانى ھەسسىلەپ ئاشتى. Google Analytics ئېلاننىڭ ئۈنىمى بولغان ياكى بولمىغاننى ئىنتايىن ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
بەزى mp3 ناخشىلارنى ئاڭلىغاندا «دابليۇ دابليۇ دابليۇ شەبنەم كوم» دەيدىغان بىر غاراڭغۇرۇڭ سەت ئاۋاز ئارلىشىۋالىدىغان ئىش بار ئىدى. كېينچە نۇرغۇن تور بېكەتلەر مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللاندى. «دىيارىم تـــور بېكىتى» دەيدىغان بىر يوغان ئاۋازلىق گەپ بار تېخى دىيارىمغا كىرگەندە….
ئىشقىلىپ بۇ يېڭى تۈر Adsense ئىشلەتكۈچىلەرگىمۇ ۋە Adwords غا ئېلان بەرگۈچىلەرگىمۇ يېڭى كىرىم ئېلىپ كېلىدىغان ياخشى ئىش دەپ قارايمەن.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: