A turkology blog

مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلدى دىگەن گەپ پۇلى بار دىگەن گەپ، ئۇنداقتا پۇل نەدىن كېلىدۇ؟ پۇل پۇل زاۋۇتىدا بېسىلىپ كېلىدۇ. ئۇنداقتا قانداق نەرسە پۇلنى توختىماي ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ؟ بىر ئارالدا 1000 ئادەم بار دەپ پەرەز قىلايلى، ئۇلار دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرۈدۇ. بۇ مەزگىلدە پۇل دەيدىغان نەرسە يوق، دېھقاننىڭ كىيىم كەيگۈسى بولسا ئاشلىقلىرىنى ئاپرىپ كىيىم تىككۈچىگە بېرىدۇ، كىيىم تىككۈچى كىيىم بېرىدۇ. ئوتۇنچى ئوتۇن بېرىدۇ، قاسساپ گۆش دىگەندەك. بازاردىكى سودا پۈتۈنلەي نەرسە بىلەن نەرسە ئالماشتۇرۇش بولىدۇ.
ئەمما بەزى ۋاقتلاردا قولىڭىزدىكى سىز ئالماشتۇرماقچى بولغان نەرسە قارشى تەرەپ ئېھتىياجلىق نەرسە بولىشى ناتايىن. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئارالدىكى كىشىلەر دەرھال ئەقىل تېپىپ، ھەممە ئادەم ياقتۇرىدىغان ئالتۇن بىلەن كۆمۈشكە ھەرقانداق نەرسىنى ئالماشتۇرىدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپكى ئالتۇن پۇل ۋە كۆمۈش پۇل پەيدا بولدى. ئەمما ئالتۇن-كۆمۈشلەر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئۇپرايدۇ، كۆتۈرۈپ يۈرۈشمۇ ھەم بىئەپ بولغاچقا، مۇرەككەپ سودا جەريانىدا بۇ نەرسە سودىغا توسقۇنلۇق قىلىپ قويدى. بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئارالدىكى باشقۇرغۇچى بەلگە بېسىلغان قەغەز تارقىتىپ، قەغەزدىكى بەلگىلەرگە ئاساسەن بۇ قەغەزنىڭ قىممىتىنى ئالتۇن-كۆمۈشكە تەڭ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پۇل بارلىققا كەلدى.
تۆۋەندىكىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھازىر ئىشلىتىۋاتقان قەغەز پۇل
ھازىر 1 رىيال تەخمىنەن 2 يۈەن (خەلق پۇلى) غا تەڭ

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: