A turkology blog

ئامېرىكا مىننىسۇتا شىتاتدىكى Abigail Hensel بىلەن Brittany Hensel ئاچا سىڭىللار يەرشارىدا ئاز ئۇچرايدىغان بىر بەدەننى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئادەملەردۇر. بۇ ئىككى ئاچا سىڭىلنىڭ گەۋدىسى (تېنى) بىر ئەمما بېشى ئىككى، ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈشىچە ئۇلارنىڭ بىر مېڭىسى باركەن. ئۇزۇندىن بۇيان بىر بەدەننى ئورتاق ئىشلىتىپ ئۇلار تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتتى. خۇددى قوش بېشى بار ئادەمدەك. ئۇلار تۇرمۇستىكى ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشنى ئۆگەندى. ئۇلار ھازىر ۋەلسپىت مېنىش، ماشىنا ھەيدەش قاتارلىق تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى قىلالايدۇ، يېقىندا ئۇلار 18 ياشقا توشقان تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. ئۇلار يەنە تېخى ياتلىق بولۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تېنى پەقەت بىر بولغاچقا ئاچا-سىڭىللار ھازىر توي ئىشىدا ئېغىر ھەل قلىش تەس بولغان ئويلىنىشقا دۇچ كېلىدىكەن. ھازىر ئۇلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىغا تەييارلىق كۆرمەكتە

بۇنداق ئەھۋاللار يالغۇز بۇلادانى ئاچا-سىڭىللاردىلا ئەمەس، 2003-يىلىغۇ دەيمەن، CCTV دا قوش تەنلىك بىر باشلىق بالا تۇغۇلغانلىقى، بۇ بالىلار 3 ياشقا كىرگەندە ئوپراتسىيە قىلىنىپ، قوشماق بېشى ئاجرىتىلدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن ئىدى. كېيىن بۇ بالىلار ئوپراتسىيە قىلىندى، ھەم ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولماي ئۆلۈپ كەتتى.
ئابىگەيول بىلەن برىتتانى ئاچا – سىڭىللار 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكا مىننىسۇتا شىتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇلار 18 يىلدىن بۇيان بىر بەدەننى ئورتاق ئىشلىتىپ ھەمكارلىشىپ كەلدى. (بۇ ماقالە تەكلىماكان بلوگدىن كۆچۈرۈلدى)

بۇ تويى تەسكە چۈشىدىغان ئاچا-سىڭىللار ھازىر توي قىلىش مەسلىسىنى ئويلاشقا باشلاپتۇ. قارىغاندا توي قىلىش ئىنسان ئۈچۈن بەك مۇھىم ئوخشايدۇ. ئاتا-ئانامنىڭ بۇ ھەقتىكى گەپلىرى قۇلاققا پەقەتلا كىرمەتتى !
Wikipedia دىكا-سىى بۇ ئاچڭىللارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالە
شىنخۇا ئاگنېتلىقىنىڭ بۇ ئاچا-سىڭىللار ھەققىدە بەرگەن خەۋرى

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: