A turkology blog

يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن تورداشلار ئىلگىرى تىزىملاتقان Adsense ھېساباتىدىكى ئىسىم باشقا بىر شەخسنىڭ بولغاچقا ھازىر ئۆزىنىڭكىگە ئۆزگەرتىش ئېھتىياجى تۇغۇلغانلىقى ۋە بۇنى قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقى ھەققىدە سۇئاللار سورىدى. بۇ ھەقتە تەپسىلى ئۇيغۇرچە ماتېرىيال بولمىغاچقا باشتىن يېزىپ قالدۇراي.
ئىلگىرى Adsense ئىچىدە ئىسىم ئۆزگەرتىش ئىنتايىن ئاددى ئىدى، Adsense ئىشلەتكۈچىلىرى پەقەت بىر نەچچە بىخەتەرلىك سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى يازسىلا ئۆزگەرتكىلى بولاتتى. Adsense ھېساباتىنى سېتىش تىجارىتى قىلىدىغانلارنىڭ پەيدا بولىشى، Adsense ھېساباتىنى ئوغۇرلاش قىلمىشىنىڭ پەيدا بولىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەبى بىلەن. Google شىركىتى Adsense تىكى خەنزۇچە ئىسىم بىلەن فامىلىنى Email ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ ئاندىن ئۆزگەرتىشنى يولغا قويدى. ھازىر ئىسىم ئۆزگەرتىشكە قويلىدىغان تەلەپلەر مۇنداق:
1.چوقۇم ئەڭ كەم دىگەندە بىر قېتىم پۇل تاپشۇرۇپ ئېلىپ باققان بولۇش.
2.بىخەتەرلىك سۇئالىغا جاۋاب بېرىش: ئىسمى ئۆزگەرتىلمەكچى بولغان ھىساباتنىڭ بىرىنچى قېتىم تور بەتكە ئېلان قويغان كۈنى، ۋە بىرىنچى قېتىم ئېلان قويغان كۈندىكى ئېلاننىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى.
3.ھازىرقى ئىشلەتكۈچىنىڭ كىملىكىنى سايىلاپ ئېلخەت ئارقىلىق Adsense بۆلۈمىگە ئەۋەتىش (بۇ كىملىك ھەرقانداق بىر ئۈچۈنچى تەرەپكە كۆرسىتىلمەيدۇ، بېرىلمەيدۇ، ئەمما دىققەت قىلىڭ: ھەرقانداق كىملىك ياكى كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنىڭ ساختىسىنى ياساش قانۇنغا خىلاپ)
دىققەت : يۇقارقىلار پەقەت بىر ئىسىمدىن يەنە بىر ئىسىمغا ئالماشتۇرماقچى بولغاندا قويىلىدىغان تەلەپلەر. ئەگەر ئىسىمدىكى خاتا يېزىلىپ قالغان خەتلەرنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز پەقەت بىخەتەرلىك سۇئالىغا جاۋاب بەرسىڭىزلا بولدى. پۇل ئالغان ياكى ئالمىغان بولۇش، كىملىكنى ئەۋەتىش تەلەپ قىلىنمايدۇ.
ئەگەر پىنيىن (ئېنگلىزچە) ئىسىمنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ھەم بۇ تەلەپ قويۇلمايدۇ. ھىسابات ئىچىدە تۇرۇپ بىۋاستە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
يېڭى ئىسىم ئۆزگەرتىش لايھەسى بەلكىم سەل ئاۋارچىلىق بولىشى مۇمكىن، ئەمما ھەر بىر Adsense ئىشلەتكۈچىنىڭ مەنپەتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يېڭى بىر قولايلىق لايھە چىققۇچە مۇشۇ ئۇسۇل داۋاملىق قوللىنىلىدۇ. ئەگەر ئىسىم ئۆزگەرتمەكچى بولۇپ قىينالسىڭىز تەكلىماكان بلوگدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىڭ(ئۇلار جەريانىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.) ئىسىم ئۆزگەرتىش ئۈچۈن Adsense ھېساباتىڭىزدا تۇرۇپ ئۇلارغا خەت يازىسىز.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: