A turkology blog

يېقىندىن بۇيان Adsense نىڭ تەۋسىيە ئېلان ھەق ھىسابلاش تۈزىمى بىر نەچچە قېتىم ئۆزگەردى، شۇڭلاشقا نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر چۈشنۈكسىزلىك ھىس قىلىشماقتا، بۈگۈن بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىرەك قىلىپ كۆپ سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتىمىز.بۇ تور بېكىتىڭىزنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلالىشى مۇمكىن.
تەۋسىيە ئېلانى 推介广告 دىگەن نىمە ؟ قانداق ھەق ھىسابلايدۇ ؟
جاۋاب: ئادەتتىكى Adsense ئېلانلىرى چېكىلسىلا ھەق ھېسابلايدۇ. ئەمما تەۋسىيە ئېلانى باشقىلارغا مەلۇم مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرۇپ، تونۇشتۇرۇلغۇچى مەزكۇر مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان (ياكى كومپيوتېرىغا چۈشۈرۈپ قاچىلىغان) دىن كېيىن ئاندىن ھەق ھېسابلايدۇ. بۇنداق ئېلانلارنى تەۋسىيە ئېلانى دەپ ئاتىدۇق.
تەۋسىيە ئېلانى دۆلەت \ رايون \ تىل قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرامدۇ؟
جاۋاب: كۆپلىگەن تەۋسىيە ئېلانلىرى مەلۇم دۆلەت ياكى رايوننى ۋە ياكى مەلۇم تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقنى نىشانلىغان بولىدۇ، شۇڭلاشقا تەۋسىيە ئېلانلىرىنى تاللىغاندا بلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ تىلى (دۆلىتى، رايونى) غا ماس ئېلانلارنى تاللىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز A دۆلەتنى تاللاپ، زىيارەتچى B دۆلەتتىن تور بېكىتىڭىزگە كىرسە ئۇ ھالدا بېكىتىڭىزدە B دۆلەتتىن كىرگەن زىياەتچىگە بۇ ئېلان كۆرۈنمەيدۇ.
بلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ قايسى دۆلەتتىن كىرگەنلىكىنى نەدىن كۆرىمىز ؟
Google Analytics ئارقىلىق بۇ مەسلىنى ھەل قىلىمىز. بىز Google Analytics قا تىزىملاتقاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن كود ئېلىپ، بلوگقا چاپلايمىز. ئۇ چاغدا Analytics ھېساباتىمىزدا تۇرۇپ، كىرگەن ھەر بىر زىياەتچىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرەلەيمىز.
تەۋسىيە ئېلانى قۇرۇلما چەكلىمىسىگە ئۇچرامدۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، تەۋسىيە ئېلانلىرىنىڭ شەكلى (چوڭ-كىچىكلىكى ۋە باشقا قۇرۇلمىسى) باشقا ئېلانلارغا ئوخشىمايدۇ، تەۋسىيە ئېلانلىرى پەقەت ئالدىن بېكىتىلگەن قۇرۇلمىدىلا بولىدۇ، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئالدىن بېكىتىلگەن تەۋسىيە ئېلانلىرىنىڭ مۇقىم قۇرۇلمىلىرىغا ئاساسەن تاللىشىڭىز كېرەك.
مەن A ئېلاننى تور بېتىمگە قويسام نىمىشقا B ئېلان كۆرۈنىدۇ؟
جاۋاب: A ئېلان يۇقارقى ھەرقانداق بىر چەكلىمە تۈپەيلىدىن كۆرۈنەلمىگەندە، سېستىما ئاپتوماتىك B ئېلاننى كۆرسىتىدۇ. بۇلار سىزنىڭ كىرىمىڭىزنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سېستىمىدا تەمىنلەنگەن ئىقتىدار.
تەۋسىيە ئېلانى نىمىشقا بەزىدە كۆرۈنمەيدۇ ياكى كۆرۈنمەيدۇ؟
جاۋاب: سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىلەرنىڭ بىرى بولىشى مۇمكىن
1.سىز تاللىغان تەۋسىيە ئېلانى سىز تۇرىۋاتقان دۆلەتتە چەكلەنگەن.
2.سىز ئېلان كودى ئالغاندا چەكلىمىگە ئۇچرىسا كۆرۈنمەسلىكنى تاللاپ قويغان.
3.سىز بىر بەتكە 3 تىن ئارتۇق تەۋسىيە ئېلانى قويغان بولىشىڭىز مۇمكىن.
4.Google Adsense پروگراممىسى تور بېتىڭىزدە سېرىق ياكى سەزگۈر مەزمۇنلارنى بايقىدى، ئۆزگەرتىپ ئاندىن بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ قايتا ئېلان قويۇڭ.
5.ئېلان كودىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولىشىڭىز مۇمكىن. ئېلان كودىنى تولۇق كۆچۈرۈپ چاپلىمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.
باشقىلارنى تەۋسىيە ئېلانىنى چېكىشكە رىغبەتلەندۈرسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: بولمايدۇ، بۇنداق قىلسىڭىز تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان بولىسىز.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: