A turkology blog

خوش ! 2-بۆلۈمنى تولۇق ئوقۇپ چۈشەنگەنسىلەر ! ئەمسە داۋاملاشتۇرايلى ! بلوگ پۈتكەندۇ ؟ بلوگ قانداراق بولسا ياخشى ؟ مەن بۇ يەردە باشقا تىللاردىكى بلوگنى مىسال كەلتۈرمەي ! ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ «مەرىپەت تورى» دەك، جېك ئەپەندىنىڭ «جېك تور خاتېرسى» دەك ياكى «تەكلىماكان بلوگ» دەك بولسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە بلوگنى قايسى تىلدا يېزىش ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى. ئەگەر سىز ئىچكىرىدە ياكى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز ياكى مەلۇم خىل چەت تىلنى ئۆگىنىۋاتقان بولسىڭىز ئۆزىڭىز ئۆگىنىۋاتقان تىلدىمۇ بىر بلوگ يېزىڭ. چۈنكى سىز ئۇ تىلغا قىززىقىسىز. بلوگ يېزىش ئارقىلىق شۇ تىلدىكى يېزىش قابىليىتىڭىزنى ئاشۇرالايسىز. ئۆگىنىشىڭىز ئالغا باسىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى مەقسەت 100 دوللار تېپىش بولغاچقا سىزنىڭ ئۆگىنىشىڭىز توغىرسىدا ئارتۇقچە مۇزاكىرە قىلمايمىز . ئەممە مەن كېيىنكى بۆلۈمدە بلوگقا زىيارەتچى توپلاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرغاندا بۇ ھەقتە مەخسۇس سۆزلەيمەن. بلوگمۇ تەييار بولدى ! ئەمدى ئۇنىڭدا كۈنىگە 100 دوللار تېپىش ئۈچۈن چوقۇم بلوگنى كۈندە يېڭىلاش كېرەك، ياكى كۈندە بىر نەچچە قېتىم يېڭىلاش كېرەك. ھەپتىدە بىر يېڭىلايدىغان ياكى ئايدا بىر يېڭىلايدىغان بلوگلار ئايدا 10 دوللارمۇ تاپالمايدۇ. نىمە سەۋەبتىن ؟ يېڭىلىق ئاز ! كۈندە يېڭىلاۋەرگەنگە بلوگ يېڭى بولۇشى ناتايىن، يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىشى ناتايىن ! شۇڭا ئەڭ ھالقىلىق نوقتا بلوگنىڭ نىمىلىكىنى چۈشىنىش !
بلوگ دىگەن نىمە ؟
بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەيدىغان سورۇن ! شۇڭا ئۇنىڭدا پەقەت سىز يازغان نەرسىلەرلا بار، باشقىلار يازغاننى ئەينەن كۆچۈرۈپ يېزىشقا بولمايدۇ، ئەمما باشقىلارغا ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتا ئۆزىڭىزنىڭ تەسىراتلىرىنى يازسىڭىز ھىچ ۋەقەسى يوق ! شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى بۇ يەردە يەنە ئاپتورلۇق ھوقۇقى دەيدىغان گەپلەرمۇ بار ! بۇنىڭغا چوقۇم ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك. ھەر كۈنى ئۆزى قول سېلىپ يېڭىلايدىغان، ماقالىلەرنى ئۆزى يازىدىغان بلوگلارنى «ئىجادىي بلوگ» دەيمىز ! بۈگۈنكى كۈندە بىردىنبىر كۈنىگە 100 دوللار تاپالايدىغان بلوگلار دەل جېك ۋە تەكلىماكان بلوگقا ئوخشاش ئىجادىي بلوگلاردۇر ! (بۇ يەردە مەن شۇنى تەكىتلەپ قوياي ! مەن تەكلىماكان بلوگ ياكى جېك تور خاتېرىسىنى 100 دوللار تاپتى دېمىدىم، ھەم بۇ ئىككى بلوگدا باشقا تور بېكەتلەردىن كۆچۈرۈلگەن ۋە مەنبەسى ئېنىق ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلار بولىشى مۇمكىن)
چوقۇم ئۆزى يېزىشنىڭ بىر نەچچە پايدىسى بار : ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرىدۇ، يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ، ئىزدەش ماتورلىرى ئاسان قوشىۋالىدۇ، ھالقىلىق سۆزلەر كۆپ بولىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ سەۋىيەسى ئاشىدۇ. بلوگ زىيارەتچىلىرى ھەققىدە كېيىنكى بۆلۈمدە سۆزلەيدىغان بولغاچقا مۇشۇنچىلىك دەي ! شۇڭلاشقا بلوگنى چوقۇم ئۆزىڭىز يېزىشىڭىز كېرەك.
ئەگەر ئۆزۈم يازمىسامچۇ ؟
بىر ئېغىزلا گەپ ! 100 دوللار تاپالمايسىز ! شۇڭا ياۋاشلىق بىلەن گەپ ئاڭلاڭ !
ئۇنداقتا نىمە يازىمىز ؟
بۇنىڭغىمۇ بىر ئېغىزلا گەپ ! ئۆزىڭىز قىزىققان نەرسىنى يازىسىز ! نىمە بولسا مەيلى ! مەن باشتا دەپ ئۆتكەن ، خەت يازالىسىڭىزلا كۈنىگە 100 دوللار تاپالايسىز ! ئەلۋەتتە سىز گەرچە دوكتور ياكى مەلۇم كەسپ ئەھلى بولمىسىڭىزمۇ دوكتورلارغا ئوخشايدىغان بىر ئالاھىدىلىكىڭىز بار ! ئۇ نىمە ؟ ئۇ سىزنىڭ قىززىقىشىڭىز ! ئۇ سىزنىڭ ھەۋىسىڭىز ! چوقۇم سىز قىززىقىدىغان بىر نەرسە بار !
نىمىشقا ئۆزۈم قىززىققان نەرسىنى يازغۇدەكمەن ! ؟ باشقىلار قىززىققاننى يازسام بولمامدۇ ؟
بولمايدۇ. چۈنكى ئۆزىڭىز قىززىقمىغان نەرسىنى يازغۇڭىز كەلمەيدۇ، ياكى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يازالمايسىز ! نىمىگە قىززىقسىڭىز مەيلى، سىز قىززىقىدىغان نەرسە گۈل بولىشىمۇ مۇمكىن ! چەتئەل كىنولىرى بولسىمۇ مەيلى ياكى تارىخ ! شېئىر ! رومان ۋە باشقىلار ! دىمەك بلوگ چوقۇم سىز قىززىققان نەرسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مەخسۇسلاشقان بولىشى كېرەك ! سىزگە دەپ قوياي، ئۇنۋېرسال بلوگ دەپ بلوگ بولمايدۇ، ئۇنۋېرسال بلوگ مەغلۇپ بولىدۇ. تەكلىماكان بلوگمۇ ھەم ئۇنۋېرسال بلوگ ئەمەس، ئۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنى Google نىڭ مۇلازىمەتلىرى ۋە Adsense نى چۆرىدىگەن ھالدا يېزىلىۋاتىدۇ. ئەمما مەن تور سودىسىغىمۇ قىززىقىمەن، شۇڭلاشقا مەخسۇس بازىرىممۇ بار ! bazar.blogbus.com نى كۆرۈپ بېقىڭ ! مەن ئىلگىرى توردا سودا قىلىپ خېلى پۇل تاپقان. بىلىك كۇلۇبىدا iPod ۋەقەسىنى پەيدا قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىش ۋە چۈشەنچە بېرىشلەر بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىن تور سودىسىغا رايىم قالمىغان. ئەمما Adsense كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى قايتا قىلماقچى. توردا قانچىلىك سودا بولىشى بىلەن كارىم يوق، مېنىڭ ھېسابلىشىدىغىنىم Adsense تىكى كىرىم !
ھىچنەرسىگە قىززىقمايدىغان ئادەم بولمايدۇ. سىز مەلۇم نەرسىگە قىززىقسىڭىزلا شۇ نەرسە ھەققىدە ھەر كۈنى يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايسىز ! ئەگەر ھايۋاناتلارغا قىززىقسىڭىز ھەر كۈنى بىر ھايۋاننى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ماقالە يېزىڭ ! بىرىنچى كۈنى مۈشۈكنى، ئىككىنچى كۈنى ئىتنى، تۆتىنچى كۈنى تۆگىنى دىگەندەك ! ھەرگىز توختاپ قالماڭ، ھايۋان ھەر كۈنى يارىلىدۇ، ھەر گىز تۈگەپ قالمايدۇ، ياكى سىز بلوگىڭىزدا ساناپ تۈگىتەلمەيسىز، پۇلنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ھايۋاناتلار دۇنياسىغا بىۋاستە يۈزلىنىسىز ! خۇددى مۇخبىرلاردەك خەۋەر توپلايسىز، ئۇ چاغدا Adsense تىن تاپقان پۇلغا ئەڭ ئىلغار رەقەملىك ئاپپاراتتىن بىرنى، Land Cruiser دىن بىر سېتىۋالىسىز ۋە يۈك تاقلىرىڭىزنى ئارتىپ ھەر كۈنى بىر يېڭى ھايۋاننىڭ ۋىدىئولۇق كۆرۈنۈشلىرىنى تارتىپ كېلىپ بلوگقا يوللايسىز. پۈتۈن جاھاندىكى ھايۋاناتشۇناسلار ۋە بئولوگلار سىزنىڭ بلوگىڭىزنى پايدىلىنىدىغان ماتېرىيال ئامبىرى قىلىشقا باشلايدۇ ! بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىش ! مۇرەككەپ ھىس قىلىۋاتامسىز ، ياق ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس ! مەن Google نىڭ ھەممە مۇلازىمەتلىرىنىڭ بلوگىنى ئوقۇيمەن، يېڭى مەزمۇن بولسىلا ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ تەكلىماكان بلوگقا يازىمەن ! ئۇ مەيلى ئادەم جەلىپ قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن بۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ! يېڭى نەرسە ھامان بىر ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ، ئۇ ئەڭ كەم دىگەندە سىز ! تەكلىماكان بلوگنىڭ ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنغان كۈنى 500 دىن كۆپ ئادەم كىرگەن، ئەڭ كۆپ ئىنكاس يېزىلغان كۈنى 29 پارچە ئىنكاس يېزىلغان، ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان كۈنى 37 دوللار تاپقان ! سىنىڭ ھالىڭمۇ چاغلىقكەنغۇ دەپ قالماڭ ! مەن كۈنىگە 100 دوللارنى چوقۇم تاپالايمەن ! سىزمۇ ھەم مەندەك قىلغاندا چوقۇم تاپالايسىز !
ئۇنداقتا قانداق مەزمۇن ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىدۇ ! ؟
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك سىز قىززىققان مەزمۇندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىدۇ.
داڭلىق چولپانلار
داڭلىق چولپانلارغا ۋاكالىتەن بلوگ يېزىش بىر ئوبدان تاللاش، ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم شۇ چولپاننىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۈن – سىن بويۇملىرىنى بلوگدا ئىشلەتكەندە. ئەلۋەتتە مېنىڭ ۋاكالىتەن دىگىنىم ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئەمەس، بلوگنى ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا يازىسىز، ئۇنى تونۇشتۇرپ !
تەبىئەت مەنزىرلىرى
ئۆزىڭىز فوتوگراف بولىشىڭىز كېرەك، ياكى رەسىمگە يامان ئەمەس تارتىدىغان بولسىڭىز مۇشۇنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، تۇرمۇشتا ھەر كۈنى گۈزەل مەنزىرىلەر ئۇچرايدۇ، قۇياشنىڭ پېتىشى، ئاينىڭ چىقىشى، ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇشۇپ قېلىشى ۋە ياكى باشقىلار دىگەندەك ! ئىشقىلىپ ئۆزىڭىز تارتقان رەسىملا بولسا بولىۋېرىدۇ، ھامان كۆرىدىغانغا ئادەم چىقىدۇ. ئەمما مەن كېيىنكى بۆلۈمدە بلوگقا ئادەم توپلاشنىمۇ ئۆگىتىپ قويىمەن ! ھازىر پەقەت بلوگقا نىمە يازسام بولار دىگەن ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز.
داڭلىق بلوگلارنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى
سىز يەرشارىدىكى ماشابول، تەكنوراتى دىگەندەك داڭلىق بلوگلارنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى يازسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇلار مەزمۇننى يېڭىلىسا سىزمۇ ماس قەدەمدە يېڭىلاپ قويىسىز، يېڭىلىمسا سىزمۇ جىم تۇرىسىز.
ئېلىم-پەن
گەرچە نۇرغۇن كىشى ئېلىم-پەن ماقالىلىرىنى چۈشەنمىسىمۇ ئېلىم-پەن نەتىجىلىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئاممىغا بىۋاستە يۈزلەندۈرۈش ياخشى ئىش! بۇ ئارقىلىق قوللىغۇچىلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز مەلۇم كەسپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولسىڭىز بلوگ مەزمۇنى ئۈچۈن ئۆز كەسپىڭىزنى تاللاڭ! ئۆز كەسپىڭىزدىكى داڭدار تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە داڭلىق شەخسلەرنىڭ ماقاللىرىنى بلوگ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاڭ. ئەمما ھەرگىزمۇ يالغاندىن ئالىم بولىۋالماڭ ! خەنزۇلار ئارىسىدا يالغاندىن ئالىم بولىۋېلىپ، بلوگدا باشقىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆزۈم دەپ ئېلان قىلىپ، كېيىن شەرمەندە بولغانلار بولغان ! سىزمۇ ئوخشاشلا شەرمەندە بولىسىز، قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىسىز.
ناخشا، كىنو، مۇزىكا
بلوگنى ناخشا ياكى كىنو تور بېكىتىگە ئوخشىىتپ قويسىڭىز بولمايدۇ، بۇ يەردە چۈشۈرگىلى ياكى كۆرگىلى بولىدىغان ئۇلىنىش تەمىنلىشىڭىز ھاجەتسىز، پەقەت دۇنيادا بىر يېڭى كىنو ياكى يېڭى داڭلىق پلاستىنكا چىقىپ بولغۇچە سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ئۇ توغىرسىدىكى ئۇچۇر پەيدا بولۇپ بولىشى كېرەك.
زىيارەت
نىمىنى زىيارەت قىلىسىز ؟ ئۆزىڭىز قىززىققان خەلق ئارىسىدىكى كىشىلەرنى ! مەسلەن دېھقاننى، ئوقۇتقۇچىنى، ئوقۇغۇچىنى، باغۋەننى، ساتراشنى، موزدوزنى دىگەندەك. ھەر كۈنى بىر يېڭى شەخس بىلەن پاراڭلىشىسىز، بۇ ئاسان ! بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى مەن مۇخبىر دەپ يالغان ئېيتىشىڭىز ھاجەتسىز. ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ھەققىدە ماختىنىپ سۆزلەشكە ئامراق، سىز ھەرقانداق بىر كاسپقا ئازراق يەل ئۇرۇپ كوچىلاپ قويسىڭىزلا ئۇ ئۆزى سۆزلەپ كېتىدۇ، ھەر قېتىملىق سۆھبەتنى تەپسىلى بلوگ قىلىپ يازىسىز !
تور بەتنى يېزىش
سىز ئادەتتە قانداق تور بەتلەرنى كۆرىسىز ! ؟ مۇنبەرنىمۇ ياكى يۇمشاق دېتال تور بېكەتلىرىنىمۇ؟ ئىشقىلىپ ھەر كۈنى بلوگىڭىزدا مۇنەۋۋەررەك بولغان بىر تور بېكەتنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى، مۇلازىمەت دائىرىسى، ئىشلەتكىلى بولىدىغان ھەقسىز مۇلازىمەتلىرىنى يېزىپ تورداشلارغا بىلىم بېرىسىز. مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ 365 كۈندە 365 تور بېكەتنىڭ مەشغۇلات قائىدىسىنى سۆزلەيسىز.
كىتابنى
دۇنيادا نەچچە مىڭلىغان نەشىرىيات ئورۇنلىرى بار، ھەر كۈنى بىر پارچە ئۇيغۇرچە كىتاب ھەققىدە ماقالە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىزدەش ماتورى دىگەن ياخشى نەرسە، سىزنىڭ بلوگىڭىزدا بىر نەرسە بولسىلا تاپالايدىغان قىلىۋېتىمىز، نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر كىتاب ئوقۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ نىمە مەزمۇندا يېزىلغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە بىلىشكە ئېھتىياجلىق. بارلىق كىتاب ئالغۇچىلار ئاۋال نىمە مەزۇندا ئىكەنلىكىگە كۆپرەك دىققەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مەزمۇنلار كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسىمىدا بار. دىمەك سىز قىلىدىغان ئىش ھەر كۈنى كىتابخانىغا بىر قېتىم قاتراپ بىر كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىنى ئوقۇپ چىقىش. ئۇنىڭ نىمە مەزمۇندا ئىكەنلىكىنى بلوگقا يازىسىز. مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ 5 يىل يازغاندا سىزنىڭ بلوگىڭىز شىنجاڭ داشۆنىڭ كۈتۈبخانىسىمۇ تەمىنلىيەلمەيدىغان چوڭ كاتالوگنى تەمىنلەيدۇ.
ۋىكى (ئېنسكلوپېدىيە) ياكى قامۇس دەيلى
بلوگىڭىزنى بىر كىچىك قامۇس قىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئەگەر سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان بولسىڭىز بۇنداق قىلماڭ، چۈنكى بۇ توغىرلىق نىسبىتى تەلەپ قىلىدىغان ئىش . ئەگەر سەۋيىڭىز يۇقىرىراق بولسا مۇشۇ تۈرنى تاللىسىڭىز كىرىم بەك ئوبدان بولىدۇ، ئۇنداقتا قانداق قامۇس يازىسىز ! ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى بىر قامۇس ! ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بىر چوڭ ئېنسكلوپېدىيە ! ھەممىنى باشتىن يازىسىز ! ھەر كۈنى پەقەت بىر پارچە ! قانداق يازاتتىڭىز ، «قېتىق ئۇيۇتۇش ئۇسۇلى»، «قوينى قانداق بوغۇزلايدۇ؟»، «ئىشەكنى قانداق باغلايدۇ؟»، «گالىستۇقنى قانداق چىگىمىز؟»، «پولونى قانداق ئېتىدۇ؟»، «تاۋۇزنى قانداق تىلىدۇ؟» …. ۋەھاكازالار ! سىز «نىسپىيلىك نەزەرىيسى» دىگەندەك چوڭ تېمىلارنى يازىدىغانغا ئالىي ئەرباب ئەمەس، سىز كۈنىگە 100 دوللارمۇ تاپالمايۋاتقان بىر نامرات ! شۇڭا گەرچە «تاۋۇزنى قانداق تىلىدۇ؟» دىگەندەك ئۇششاق تېمىلار بەك ئاددى ، سەل تېتىقسىز بولسىمۇ بۇلارنى رەسىملىك ۋە مەزمۇنلۇق قىلىپ ھەر كۈنى يېزىۋەرسىڭىز ۋە تۈرلەرگە ئايرىپ بلوگقا توپلاۋەرسىڭىز تورداشلارنى ئەڭ قىززىقتۇرىدىغان نەرسە يېزىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقايسىز ! ئېسىمدە قېلىشىچە مەن ئۆتكەن يىلى بىلىك كۇلۇبىغا «ئارغامچىنى مۇنداق چىگىدىكەنمىز» دەپ بىر تېما يازسام ئىنكاس شۇنداق جېق بولغان.
ۋە باشقا مەن بىلمەيدىغان سىز بىلىدىغان ساھەلەر ….
مۇشۇلارنىڭ بىرىنى يېزىڭ !
مەن يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي ! باشقىلار يازمىغاننى يېزىڭ، باشقىلار تاللىمىغان تۈرنى تاللاڭ. نۇرغۇن دوستلار ھازىر مېنى دوراڭ دەپ قويسام بۇ گەپنى خاتا چۈشىنىۋېلىپ تەكلىماكان بلوگنىڭ ماقالىلىرىنى پەش چېكىتلىرىگچە كۆچۈرۈپ ئۆزىنىڭ بلوگلىرىغا ئۈندۈرۈپ بولدى. بىر ياخشى تېما چىقسىلا ھەممە تور بەتكە ئۈنۈپ كېتىدۇ، سىز شۇنداق قىلغاندا ھىس قىلدىڭىزمۇ ؟ بىر مەزمۇن ئۇنىڭدىمۇ بولسا، بۇنىڭدىمۇ بولسا ئادەمدە زېرىكىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا تەكلىماكان بلوگ تاللىغان مەزمۇنلارنى سىز تاللىماڭ. تەكلىماكان بلوگ ھەم سىز تاللىغان مەزمۇنلارنى تاللاشقا توغرا كەلسە باشقا ئۇسلۇبتا بايان قىلىدۇ. نىمە يازسىڭىز يېزىڭ. ئەمما باشقىلار يازغاننى كۆچۈرۈپلا بولدى قىلماڭ. بۇ ئىجادىي بلوگ ئەمەس، بۇ كۈنىگە 100 دوللار تاپالايدىغان بلوگ ئەمەس !
ۋىليام لوڭ، مارشال برەين، googlesystem قاتارلىق بلوگلار كۈنىگە نەچچە 100 دوللار تېپىۋاتىدۇ، ئۇلارمۇ ھەقسىز بلوگ مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىدۇ. مەن دىققەت قىلىپ كۆرسەم ئۇلار يۇقىرىدا مەن سۆزلەپ ئۆتكەن قائىدىلەرگە بەك دىققەت قىلىدۇ، مەسلەن سىز دۇنيادىكى داڭلىق بلوگ ماشابولدا باشقا تور بېكەتتىن كۆچۈرۈپ كىلىنگەن ھىچقانداق مەزمۇننى ئۇچرىتالمايسىز. Googlesystem گە پۇل بەرسىڭىزمۇ Google نىڭ سىرتىدىكى ماقالىلەرنى يازمايدۇ. ئۆزىگە GoogleSystem دەپ ئىسىم قويۋالغان بىلەن Google شىركىتى بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق، پەقەت Google دا بىرەر ئۆزگىرىش ياكى يېڭىلىق بولۇپ بولغۇچە بۇلارنىڭ بلوگىدا پەيدا بولۇپ بولىدۇ، ھەتتە ئۆتكەن يىلى Google شىركىتى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ Adsense ئېلانىنى Googlesystem ئۈچۈن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ بۆلۈمدىن خۇلاسە خۇلاسە :
1. بلوگ مۇلازىمىتېرىنى تاللاش : ھەقسىز بلوگنى تاللىدۇق
2. Adsense ئېلانى ئىلتىماس قىلىش (ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى)
3.بلوگ ياساش ۋە بېزەش. (ئۇيغۇرچە بولسا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش)
4. بلوگ مەزمۇنىنى بېكىتىش چوقۇم مەخسۇس بىر تۈردە بولسۇن
5.بلوگنى چوقۇم ئۆزىڭىز يېزىڭ. نىمە بولسا مەيلى !

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: