A turkology blog

بۈگۈن Google شىركىتى Gmail بۆلۈمى ماقالە ئېلان قىلىپ Gmail ئادرېسىدىكى بىر قىسىم يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنى چۈشەندۈردى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقراق بولغىنى Gmail ئادرېسىغا خالىغانچە چېكىت قويسا بولۇشى بىلەن، خالىغان خەتنى قوشۇپ قويسا بولىشى. ئالايلۇق : سىزنىڭ ئىسمىڭىز مامۇت ساۋۇت، ئېلخەت ئادرېسىڭىز mamutsawut@gmail.com بىر قاراشقىلا دوستلىرىڭىز بۇنى ئەستە تۇتالىشى ناتايىن، ئەمما سىز دوستلىرىڭىزغا mamutsawut@gmail.com دىگەن ئېلخەت ئادرېسىنى
mamut.sawut@Gmail.com دەپ بەرسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. mamut.sawut@gmail.com غا خەت يازسىمۇ سىزگە كېلىۋېرىدۇ. ياكى خالىغان يېرىگە بىر نەچچە چېكىت قويىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەسلەن : m.a.m.u.t.sawut@gmail.com دىگەندەك.
يەنە بىر يوشۇرۇن ئىقتىدار ئېلخەت ئادرېسىدىكى @ تىن بۇرۇنقى سۆزنىڭ كەينىگە «+» بەلگىسىنى قوشۇپ، ئارقىسىغا خالىغان سۆزنى يېزىۋالسىڭىز بولىدۇ. مەسلەن سىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىڭىز mamutsawut@gmail.com بولسۇن، سىز خالىغانچە mamutsawut+uyghur@gmail.com دەپ يېزىۋالسىڭىزمۇ كەلگەن خەتلەر ھامان mamutsawut@gmail.com غا كېلىۋېرىدۇ.
ماڭا نىسبەتەن بۇ خىل ئىقتىدارلارنىڭ ئەڭ زور پايدىسى ئەخلەت ئېلخەتلەرگە قارشى تۇرۇش بولدى. مەسلەن سىز ئەگەر تور بانكىسىغا تىزىملاتماقچى بولسىڭىز mamutsawut+banka@Gmail.com دىگەن ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملىتىسىز، ۋە Gmail نىڭ سۈزۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ mamutsawut+banka@Gmail.com قا كەلگەن خەتلەرنى بىر تۈرگە ياكى يۇلتۇزلۇق خەتلەرگە ئاپتوماتىك قوشىدىغان، mamutsawut+banka@Gmail.com غا ئەۋەتىلگەندىن باشقا ھەرقانداق بانكا، پۇل توغىرسىدىكى خەتلەرنى بىۋاستە ئەخلەت دەپ تونۇيدىغان قىلىپ قويىسىز.
Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: