A turkology blog

بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق بلوگ پروگراممىسى بولغان WordPress نىڭ 2.5 نۇسخىسى ئاخىرى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر بلوگ پروگراممىسى PHP دا تۈزۈلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئەڭ مۇقىم ۋە ئىشەنچىلىك، قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك بلوگ پروگراممىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇندىن ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان BSP تەمىنلىگۈچىلەر WordPress نى ئىشلەتكەن. ھەمدە WordPress باش شىركىتىمۇ wordpress.com نامىدا ھەقسىز بلوگ بىلەن تەمىنلىگەن. باش شىتابى ئامېرىكىغا جايلاشقان مەزكۇر بلوگ پروگراممىسىغا Uyghurche نامىدىكى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىق) تىل بولىقىمۇ قوشۇلغان.
WordPress 2.5 نى تۈزۈشكە جەمئى 185 كۈن ۋاقت كەتكەن. 54008 دانە يېڭى ئىقتىدار قوشۇلغان. بۇرۇنقى نەشىردىكى 1300 دىن ئارتۇق ئورۇن ئۆزگەرتىلگەن. ئەسلىدە ئىشلىتىۋاتقان WordPress نىڭ كونا نەشىرىنى ئاپتوماتىك يېڭىلاپ يېڭى نەشىرىگە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. سانداننى يېڭىلىغاندىن كېيىن يېڭى نەشىردىكى WordPress نىڭ ئۇسلۇبىغا ئۆتىدۇ.
مەن ئىلگىرى بۇنى ئىشلىتىپ باققان. ئەڭ چاتاق يېرى Javascript نى قوللاش ئىقتىدارى تاقىۋېتىلگەن، شۇڭلاشقا مەن ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچكەن ئىدىم. بۇ قېتىمقى نەشىرىدە مەزكۇر ئىقتىدار قوشۇلدىمۇ يوق بىلمەيمەن. گەرچە Javascript نى ئارقا بەتتە بىۋاستە قوشقىلى بولمىسىمۇ، ئۇسلۇبنى تەھرىرلەش ئارقىلىق قوشىۋەتكىلى بولاتتى، ئەمما بۇنداق ئاۋارچىلىقلارنى ئانچە ياقتۇرمايمەن.
يېڭى نەشىردىكى (ئېنگلىزچە) wordpress پروگراممىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرەلەيسىز
http://www.wordpress.org/download

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: