A turkology blog

Archive for ئاپرېل, 2008

بلوگ ئۈچۈن زۆرۈر قوراللار

ئۇيغۇرچە بلوگنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ چىقىش ئۈچۈن چوقۇم تەييارلاشقا تىگىشلىك بىر قانچە پايدىلىق نەرسىلەر بار. ئەلۋەتتە مەن پايدىلانغان نەرسىلەر سىز پايدىلانغان نەرسىلەرگە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ئەمما بۇ قوراللارنىڭ ماڭا ياردىمى تېگىۋاتىدۇ.
1. يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ ياكى ئۇيغۇر ئېدىت
ئادەتتە ئۆلچەملىك يۇنىكودلۇق خەت نۇسخا ۋە كىرگۈزگۈچ ئارقىلىق بلوگ يېزىش ئۈچۈن يۇقارقى ئىككى قورالنىڭ خالىغان بىرىدىن پايدىلىنىڭ ۋە يازغان ماقالىنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈڭ. يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىملا ئامبىرى ئانچە مول ئەمەس، ئەمما تور نۇسخا ئارقىلىق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخا بولمىغان كومپيوتېرلاردا ئۇيغۇرچە ماقالە تەييارلاشقا بولىدۇ. ئۇيغۇر ئېدىتنىڭ ئىملا ئامبىرى تېخى يېقىندا يېڭىلاندى، ئاساسەن بىز يازغان ھەممە ئۇيغۇرچە سۆزنى دىگۈدەك تونۇيدۇ.
يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ چۈشۈرۈش ئورنى
ئۇيغۇر ئېدىت چۈشۈرۈش ئورنى
يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ تور نۇسخا
مەن يەنە يۇلغۇن Html تور ئۈستى تەھرىرلىگۈچتىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم پايدىلىق كودلارنى ھاسىل قىلىمەن، مەسلەن ئېلان رامكىسى، رەسىم رامكىسى، مۇرەككەپ ئۇلىنشلىق تېكست ھۆججىتى، جەدۋەل قاتارلىقلار.
2. Google Analytics ياكى Alexa
بلوگنىڭ كۈندىلىك، ھەپتىلىك، ئايلىق، پەسىللىك ۋە يىللىق كۆرۈلۈش سانىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشۇم، تورداشلار قايسى تۈردىكى ماقالىلەرگە قىززىقىۋاتىدۇ. تورداشلار قايسى تور بەتتىن بلوگىمغا كىرىۋاتىدۇ، قايسى ئىزدەش ماتورى ياكى قايسى سۆز ئارقىلىق بلوگىم ئىزدىلىۋاتىدۇ….ۋاھاكازلار. بۇلارنى ۋاقتىدا بىلىپ، ۋاقتىدا تەڭشەپ تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم Google Analytics ياكى Alexa غا ئوخشاش ستاتىستىكا قوراللىرىدىن پايدىلىنىشمىز كېرەك. مەن كېيىنكى يازمىلاردا Google Analytics نى ئىشلىتىش ھەققىدە تەپسىلى توختلىپ ئۆتىمەن.
3. Flickr ياكى Picasa ۋە ياكى سىز بىلىدىغان باشقا تور ئالبومى
بلوگدا بەزىدە رەسىم ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، رەسىملەرنى باشقا تور بەتتىن كۆچۈرسەك، ئەسلى ئادرېسىنى ئىشلەتسەك رەسىم قاچىلىنىپ بولۇش ئۈچۈن ۋاقت كېتىدۇ. ئەگەر بلوگنىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن بوشلۇقنى ئىشلەتسەك بىزگە بەرگەن بوشلۇقنىڭمۇ چېكى بار. شۇڭلاشقا سۈرئىتى تېز ۋە مۇقىم بىرلا بوشلۇقتىن ئالبۇم ئېلىپ بلوگقا يوللايدىغان رەسىملەرنى ئاۋال شۇ بوشلۇققا يوللاپ ئاندىن بلوگدا ئۇلىنىش قىلىش كېرەك. شۇنداق بولغاندا رەسىمنىڭ قاچىلىنىپ بولىشى ئۈچۈن جېق ۋاقت كەتمەيدۇ. بلوگ ئۆزىدىكى رەسىملەرنى تولۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن باشقا تور بەتلەرگە ئۈسۈپ يۈرمەيدۇ.

4. مۇشتەرى بولۇش قورالى ياكى GoogleReader
سىز ھەر كۈنى بلوگقا يوللىغان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىز يېزىپ بولالىشىڭىز ناتايىن. ئەلۋەتتە باشقا داڭلىق بلوگلاردىن تەرجىمە قىلىشىڭىز ۋە ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈپ ئۆزگەرتىشىڭىز ھەمدە ئۆزىڭىزنى تەجىربە-سىناقلىرىنى قوشۇپ موللاشتۇرۇشىڭىز مۇمكىن. بلوگقا يوللايدىغان خام ماتېرىياللارنى توپلاش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۇ بۇ تور بېكەتلەرگە ئۈسۈپ يۈرسىڭىز كۆپ ۋاقت كېتىدۇ. GoogleReader گە ئوخشاش بىرلا مۇشتەرى بولۇش قورالىغا سىزگە لازىملىق بارلىق تور بېكەتلەرنى قوشۇپ قويسىڭىز، ئۇلارنىڭ يېڭىلانغان سىزگە لازىملىق مەزمۇنى ھەر كۈنى دەل ۋاقتىدا ئاپتوماتىك ھالدا خەت ساندۇقىڭىزغا ياكى مۇشتەرى بولۇش قورالىنىڭ ئىچىگىلا كېلىدۇ.
GoogleReader ئادرېسى : reader.google.com

Advertisements

Google Page Rank سانلىق مەلۇماتى يېڭىلاندى

يىلدا بىر قېتىم يېڭىلىنىدىغان Google Page Rank بۈگۈن يېڭىلاندى. تەكلىماكان بلوگنىڭ PageRank قىممىتى 2 بوپتۇ. PageRank قىسقارتىلىپ PR قىممىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەزكۇر سان ھەر يىلى تور بېكەت ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان سان. «Page Rank دىگەن نىمە؟» ۋە ئۇنىڭ قانداق رولى بار دىگەن سۇئاللارغا جاۋاب.

11 ھەپتىدە 50000 تاشقى ئۇلىنىشقا ئېرىشىش

بلوگ يازىدىغانلار كۈنسايىن كۆپيىۋاتىدۇ، بەزىلەر بلوگ كۆڭۈللۈك بولغاچقا يازىدۇ، بەزىلەر پۇل تېپىش ئۈچۈن يازىدۇ. مەيلى قانداقلا بولسۇن بىر نەرسە ئورتاق : بلوگلنىڭ كۆرۈلۈشى قانچە كۆپ بولسا، سىز شۇنچە خۇشال بولىسىز. بەزىلەر بلوگ يازدى ئەمما قانداق تەشۋىق قىلىشنى بىلمەيدۇ. بلوگنىڭ زىيارەت سانى ئىنتايىن تۆۋەن. بۇنداق بلوگلاردا پۇل تاپقىلى بولمايدۇ ھەم كۆڭۈللۈك ئىشمۇ يوق!
ئەنگىلىيلىك Patrick ئاتلىق كىشى 2007-يىلى 6-ئايدا BlogStorm ناملىق بىر بلوگ ئېچىپ 3 ھەپتە ئىچىدىلا 10000 تاشقى ئۇلىنىشقا ئېرىشىپتۇ. (بلوگنىڭ باشقا تور بەتلەردە ئۇلىنىش قىلىنىشىنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى Page Rank ھەققىدىكى ماقالىدىن كۆرۈڭ.)
11 ھەپتىدىلا 50000 ئۇلىنىشقا ئېرىشىپتۇ. 2000 دىن ئارتۇق RSS مۇشتەرى پەيدا بوپتۇ. دىمەك 11 ھەپتە ئىچىدىلا ئەنگىليىدىكى ئەڭ چوڭ بلوگ بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بلوگنى تەشۋىق قىلىش ئۇسۇلىنى «Creat 50000 link in 11 weeks» ۋە «How I built 10,000 links in 3 weeks» دىگەن ئىككى ماقالىسىگە يىغىنچاقلىدى. بلوگ ئارقىلىق پۇل تاپىدىغان ھەرقانداق بلوگنىڭ قېتىرقېنىپ ئوقۇشىغا ئەرزىيدىغان بۇ ئىككى پارچە ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاي.
11 ھەپتىدە 50000 تاشقى ئۇلىنىشقا ئېرىشىشنىڭ سىرى
تەرجىمە قىلغۇچى : تەكلىماكان؛ يازغۇچى: پەترىك (ئەنگىلىيە)
بۇ ماقالە تەكلىماكان بلوگ ۋە BlogStorm نىڭ ئەسلى يازمىسى. كۆچۈرۈپ چاپلىغاندا تەكلىماكان بلوگنى ئۇلىنىش قىلىشىڭىزنى، ھەقسىز بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش كىلىشىمىگە ئەمەل قىلىشىڭىزنى ئۈمد قىلىمەن.
1. سىر : بلوگنى ئېچىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق
بلوگنى ئېچىشتىن بۇرۇن چوقۇم باشقىلارنى جەلپ قىلالايدىغان مەنبەلەرنى تەييار قىلىشىمىز كېرەك. ئالايلۇق: زۆرۈر لازىملىق قوراللار ۋە ئېسىل يازمىلار دىگەندەك. BlogStorm نى رەسمىي ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇن مەن بىر قىسىم ئۇلىنىش ئىز قوغلاش قوراللىرىنى تەييارلىدىم. بۇ قوراللار بلوگىمنىڭ باشقا تور بەتلەردە ئۇلىنىش قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرەلەيدۇ. مۇشۇ قورال ئارقىلىقلا مەن بلوگىمنى باشقا ئوخشاش تۈردىكى بلوگلاردىن گەۋدىلىك ھالدا قايتۇرما ئۇلىنىشقا ئېرىشتۈرەلىدىم.
ئەلۋەتتە مېنىڭ يەنە نۇرغۇن سىناق ئۈستىدىكى قوراللىرىم بار. كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا مەن تولۇق سىناپ بولۇپ، ئۇلارنىمۇ بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرىمەن. باشتا تىلغا ئالغان بلوگ قايتۇرما ئۇلىنىش ئىز قوغلاش قورالىنى مەن مەخسۇس لايھەلىگەن. بۇ قورال كۆپلىگەن ئوقۇرمەننى Blogstorm غا قىززىقتۇردى.
ئۇنىڭدىن باشقا مەن تور بەتنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى زېھىن قويۇپ لايھەلىدىم. ئېلان سانىنى ئامالنىڭ بارىچە ئازلاتتىم. زىيارەت قىلغۇچىغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە زوق بېغىشلاشقا تىرىشتىم. مەن يەنە نۇقتىلىق ھالدا SEO ئىشىنى ئەڭ ياخشى قىلدىم (SEO دىگەن Search Engine Operation بولۇپ، ئىزدەش ماتورلىرىغا بلوگنى ئەڭ ئاسان تاپقۇزۇش ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمەت. مۇناسىۋەتلىك ماقالە تەكلىماكان بلوگنىڭ بلوگ ھۈنەرلىرى سەھىپىسىدە بار.). Titel بىلەن Tag نىڭ بىردەكلىكىنى ساقلىدىم. ھەر بىر ماقالەمنى تەپسىلى تەكشۈردۈم، تەكرارلانغان مەزمۇن ياكى قىممىتى تۆۋەن بەتلەرنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ساقلاندىم.
مەن يەنە بلوگنىڭ ئەسلى كودىنى تەكشۈرۈپ تۇردۇم. بۇ ناھايىتى مۇھىم. بلوگدىكى ھەر بىر ئىقتىدارنىڭ نورمال ئىشلەۋاتقانلىقىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. ئالايلۇق: مۇشتەرى بولۇش، RSS بېتى، ئىنكاس بېتى ۋە باشقا تۈرلۈك ئىقتىدارلار … بۇلار چوقۇم ھەرقانداق ۋاقتتا نورمال خىزمەت قىلىشى كېرەك. بلوگدا ھىچقانداق قىممىتى يوق ئۇلانما ياكى ۋاقتى ئۆتكەن ئېلان، كېرەكسىز قورال. نورمالسىز ئىتقىدار بولماسلىقى كېرەك.
2. سىر : بلوگدىكى دەسلەپكى بىر نەچچە ماقالە
BlogStorm غا يوللانغان دەسلەپكى تۆت پارچە ماقالە:
Blogstorm غا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!
مۇلازىمەت سەۋىيىمىزنى قانداق ئۆستۈرىمىز؟
hotlinkers بىلەن Google رەسىملىرىدىن پايدىلىنىپ توربەتنىڭ تەبئى ئۇلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈش ئۇسۇلى
GoogleAnalytics ۋە Google يېڭى ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇسۇلى
يېڭى ئېچىلغان بلوگلارغا نىسبەتەن بلوگدا دەسلەپ يوللانغان بىر قانچە ماقالە مەزكۇر بلوگنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ. كۆرگۈچىلەر بلوگقا كىرىپ كۆرگەن بىر قانچە ماقالە ھىچقانداق ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق نەرسىلەر بولسا ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىككىنچى ئاياغ باسمايدۇ. مەن ئۆزۈممۇ شۇنداق ئويلايمەن. ئەگەر بىر تور بەت ئىگىسى يازغان ماقالە داۋاملىق ئانچە چوڭ ئەھمىيىتى يوق نەرسىلەر بولسا، مۆجىزە كۆرۈلۈپ مەزكۇر تور بەت ئىگىسىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۇقىرى سۈپەتلىك ماقالە يېزىپ قېلىشىنى ئۈمد قىلمايمەن. ئۇنداق تور بەتكە كىرىپمۇ قويمايمەن.
Google Analytics ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى چوڭقۇرلۇققا ئىگە ماقالە. مەن بۇ ماقالىنى خېلى بۇرۇنلا يېزىپ تەييار قىلىپ قويغان. بۇ قېتىم Google يېڭى ئۇسلۇب ئېلان قىلغاندىن كېيىن مەن ماقالىغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزدۈم ۋە قايتا ئېلان قىلدىم. مېنى قايىل قىلىدىغىنى شۇكى بۇ ماقالەم Google Analytics يېڭى نۇسخا ئېلان قىلغاندىن كېيىن تور ساھەسىدە تۇنجى سېستىملىق چۈشەندۈرگەن كۆرسەتمە ماقالە بولۇپ، كۆپلىگەن تور بېكەت ئىگىلىرىنى جەلپ قىلدى.
3.سىر : بلوگنى رەسمىي ئېچىش (توردا ئېلان قىلىش)
بلوگ ئېچىلغاندا قىلىدىغان تۇنجى ئىش دوستلىرىڭىزغا ئېلخەت ياكى ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ يازمىلىرى ياكى تور بەتلىرىدە بلوگىڭىزنى تىلغا ئېلىشنى تاپىلاش. ئاۋال سىز ماڭا ياردەم قىلالايدۇ دەپ قارىغان ئادەملەردىن باشلاپ خەت يېزىڭ. بىر تىزىملىك تۈزىۋېلىپ بىردىن-بىردىن خەت يېزىڭ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تور بەت ياكى بلوگلىرىدا، مۇنبەرلەردە بلوگىڭىزنى باھالاپ ماقالە يازسۇن. Blogstorm نى ئاچقاندىن كېيىن مەن بىر قانچە داڭلىق بلوگلارغا خەت يېزىپ، ئۆزۈمنىڭ بلوگىنى باھالاپ ماقالە يېزىپ قويىشىنى ئۆتۈندۈم، نەتىجىدە بىر قانچىسى بلوگىمغا باھا بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ماقالە يازدى. تۇنجى ھەپتىدىلا مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق 30000 زىيارەتچىگە ئېرىشتىم.
ئەمەليەتتە بىر يېڭى تور بەت مەيدانغا كەلگەندە سىرلىق بىر مەخپىيەتلىك يوق. پەقەت تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسىڭىز بولدى.
دوستىلىرىڭىزغا ئېلخەت يوللاش
سىز بىلىدىغان ئادەملەرگە ئېلخەت يوللاش
ئىجتىمائىي تور بېكەتلەردىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىش
ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋىتىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىش
4.سىر: ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىغا بېقىش
بلوگ يېڭى ئېچىلغاندا نۇرغۇنلار كۆپلىگەن ئۇلىنىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىمەن دەپ ئويلايدۇ. ئەمما تور كۆرگۈچىلەر كۆپ ئۇلىنىش ۋە كۆپ ئېلان قىستۇرۇلغان ماقالىلەرنى ئانچە ياقتۇرمايدىكەن. مېنىڭ ئۇسۇلۇم، ئۇلىنىش كۆپ بولۇپ كەتكەن ماقالىلارنى ھەپتىدە بىرەر قېتىملا يوللايمەن. باشقا ماقالىلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە پايدىلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن. ئەلۋەتتە بەزىدە يۇقىرى سۈپەتلىك ماقالىلار ئۇلىنىش قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ماتېرىيال، بۇنداق بولغاندا بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدۇ.
5. سىر : قايتۇرما ئۇلىنىش
ھەر ھەپتىدە ئەڭ كەم دىگەندە بىر چوڭ ياكى داڭلىق بلوگدا ئۇلىنىش قىلالىسىڭىز بۇ ناھايىتى ياخشى ئادەت. شۇنداق بولغاندا ھەتتا بەزى كۆرۈرمەنلەر تەبئى ھالدا سىز ئۇلىنىش قىلغان ماقالىنى باشقا ئىجتىمائىي تور بېكەتلەردە ئۇلىنىش قىلىپ قويىدۇ.(دىققەت بۇ يەردە يازغۇچىنىڭ دېۋاتقىنى سىز بلوگىڭىزدىكى مەلۇم بىر سۈپەتلىك ماقالىنى، ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىدىن چوڭراق بىر تور بېكەتكە يوللاپ، ئۆز بلوگىڭىزنىڭ ئۇلىنىشىنى مەنبە قىلىپ بېرىسىز دىمەكچى- تەكلىماكان). JohnChow بلوگى ماڭا بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى.
6.سىر ئىناۋەت تىكلەش
ھەر بىر بلوگ يازغۇچى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بلوگقا قويغان باھاسى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ نۇقتا يېڭى پەيدا بولغان بلوگقا نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم ئەلۋەتتە. بىر قىسىم تەنقىتلەش ياكى سەلبى ئىنكاسلارنى كۆرگەندە دەرھال جاۋاب قايتۇرۇش، مۇۋاپىق ھەركەت قوللىنىپ تورداشلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشىش كېرەك.
7.سىر: يۇقىرى سۈپەتلىك مەزمۇن
توردا بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك بلوگ قۇرىمەن دەيدىكەنسىز يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۆزلۈكسىز يېڭلىنىپ تۇرىدىغان مەزمۇن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل. مەن ھەر بىر تەكلىماكان بلوگ زىيارەتچىسىنىڭ ھەر قېتىم زىيارەت قىلغاندا بلوگنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە چوقۇم يېڭى بىر بىلىمگە ئىگە بولىشىنى ئۈمد قىلىمەن. بۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆز بلوگلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە پايدىسى بار.
توغرا ئۇسۇلدا قىلىنغان تەشۋىقات بولمىسا، ھىچكىم سىزنىڭ بلوگىڭىزنى بايقىمايدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك مەزمۇن بولمىسا ھىچكىم سىزنىڭ بلوگىڭىزنى داۋاملىق ئوقۇمايدۇ.

Dada.net ئارقىلىق گۇگول ئېلانىغا تىزىملىتىش

ھازىر Adsense ھىساباتىغا تىزىملاتماق سەل تەسلىشىپ قاپتۇ، بولۇپمۇ جۇڭگودا ئاساسەن تەستىقلىمايدىكەن. بۇ ئەھۋال ئېلان بەرگۈچىلەر بىلەن تور بېكەت ئىگىلىرىنىڭ سانى ئوتتۇرسىدا پەرق كۆرۈلگەنلىكتىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. ئەگەر Google غا ئېلان بەرگۈچىلەر كۆپەيسە Adsense ھىساباتى تىزىملاتقانلار دەرھاللا تەستىقلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ جۇڭگودىكى ئېلان بەرگۈچىلەرنىڭ سانىغا باغلىق ئىش. ئەمما cn.dada.net ئارقىلىق Adsense ھىساباتىغا تىزىملاتقىلى بولىدىكەن.
ئاۋال cn.dada.net تورىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا تىزىملاتقاندىن كېيىن Adsense ھىساباتىغا تىزىملىتىدىغان ياكى تىزىملاتمايدىغانلىقىمىزنى سورايدۇ. تىزىملىتىپ، كىرگەندىن كېيىن دەرھال cn.dada.net تىكى بلوگقا بىر قانچە پارچە سۈرەت ۋە ئۈن-سىن يوللىۋەتسەك 48 سائەت ئىچىدە adsense ھىسابىمىزنى تەستىقلايدۇ.
دىققەت قىلىڭ: adsense تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن cn.dada.net تىكى بلوگنى ئىشلەتمەي، ئېلان كودىنى باشقا بلوگقا ئاپىرىپ چاپلاڭ. dada.net تىكى بلوگ ئارقىلىق پۇل تاپسىڭىز dada شىركىتى سىز تاپقان پۇلنىڭ 15 پېرسەنتىنى ۋاكالەتچىلىك ھەققى سۈپىتىدە ئېلىۋالىدۇ.

مېتاكافېي (MetaCafe) دا پۇل تېپىش

بۇ خەۋەر بۈگۈن نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىگە بېسىلىپتۇ. يەرشارىدىكى ئەڭ كۆپ پۇل بېرىدىغان ئۈن-سىن تور بېكىتى. سىز ئۇنىڭغا ئۈن-سىن يوللايسىز، كۆرۈلگەنگە قارىتا پۇل بېرىدۇ. قادىرشاھ 94 دانە فىلىم يوللاپ 102000 دوللار ھەق ئالدى. كەدرېشا ئەپەندى ئەسلىدە ئاشپەز بولۇپ، ئۇ «پىلتە قۇيماق ئېتىش»، «قايناقسۇ قاينىتىش» دىگەندەكلەرنى سىنگە ئېلىپ مېتا كافېيغا يوللىغان. ئۇ بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقتتا مۇشۇنداق فىلىمدىن جەمئى 94 پارچە يوللىغان، ۋە بۇ يىل 102000 دوللار پۇل تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ مېتا كافەيدىكى ئەڭ چوڭ پۇل تاپقۇچى بولۇپ قالدى. ئۇ يوللىغان تاماق ئېتىش ھەققىدىكى سىنلار نەچچە مىڭ قېتىم كۆرۈلۈپ، ئەڭ يۇقىرى ئېلان قىممىتى ياراتتى.
مېتا كافەي ئادرېسى: www.metacafe.com
«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» دىكى مەزكۇر ماقالە

page rank دىگەن نىمە ؟

pagerank تېخنىكىسى ھەققىدە قىسقىچە بىلىمگە ئىگە بوپ قويۇش ھەر بىر تور بېكەت ئىگىسى ئۈچۈن مۇھىم. Page Rank بولسا Google ساناش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم يادروسى. 2001-يىلى ئامېرىكىدا پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. پاتنېت تەلەپ قىلغۇچى Google شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لارى پەيج (Larry Page) . شۇڭلاشقا Page Rank سۆزىدىكى Page تور بەت دىگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇ لارى پەيجنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. لارى پەيج بۇ تېخنىكىنىڭ ئىجادچىسى بولغاچقا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بۇ تېخنىكىغا قويغان.
Google نىڭ Page Rank تېخنىكىسى توربەتنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى ئۇلىنىشىنىڭ سانى ۋە تەڭپۇڭلۇقىغا ئاساسەن تور بېكەتنىڭ قىممىتىنى بېكىتىدۇ. Page Rank نىڭ ئارقا كۆرۈنىشى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى توربەتنىڭ باشقا توربەتلەردە قىلىنغان ھەر بىر ئۇلىنىشى مەزكۇر تور بەتكە تاشلانغان بىر بېلەتتۇر. دىمەك ئەگەر تور بېتىڭىز باشقا تور بەتلەر تەرىپىدىن قانچە كۆپ ئۇلىنىش قىلىنسا بېكىتىڭىزگە شۇنچە كۆپ بېلەت تاشلانغان بولىدۇ. Page Rank سانىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. قانچە يۇقىرى بولسا Google ئىزدەش نەتىجىسىدە شۇنچە ئالدىغا تىزىلىدۇ.
يەنە بىر مىسال: ئەگەر تەكلىماكان بلوگدىكى مەلۇم بىر ماقالە باشقا ئورۇنغا كۆچۈرۈلۈپ، «تەكلىماكان بلوگ» دىگەن مەنبە ئەسكەرتىلىپ، ئۇلىنىش قىلىنسا مەزكۇر ماقالىنى كۆچۈرگۈچى تەكلىماكان بلوگقا بىر بېلەت تاشلىغان بولىدۇ.
Google نىڭ بىر قاتار تولۇق ئاپتوماتلاشقان page rank ھىسابلاش ئۇسۇلى بار. Google نىڭ Page Rank كە بېكىتكەن قىممەت دائىرسى 0 دىن 10 غىچە بولىدۇ. ئەگەر page rank قىممىتى 10 بولسا ئەڭ ياخشى، 0 بولسا ئەڭ ناچار بولىدۇ. page rank ئەلۋەتتە مەن چۈشەندۈرگەندەك ئۇنچە ئاددىلا گەپ ئەمەس، بۇ بىر خىل يۇقىرى تېخنىكا. PageRank 2 گە قارىغاندا PageRank3 ھەرگىزمۇ 1 ھەسسە ياخشى ئەمەس، بەلكى سەككىز ئون ھەسسە ياخشى بولىشى مۇمكىن.
دىمەك Page Rank قانچە يۇقىرى بولسا تور بېتىڭىزنىڭ مۇشۇ خىل تېخنىكا ئىشلەتكەن ئىزدەش ماتورلىرىدا تىزىلىش ئورنى شۇنچە ئالدىغا بولىدۇ. ئەمما Page Rank نىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق يۇقىرى تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بار. ئەگەر سىز تور بېتىڭىزنى ناھايىتى يۇقىرى زىيارەت سانىغا ئىگە بىر تور بېكەتتە ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز، ئەمما ئۇ تور بەت ناخشا تورى بولۇپ، سىزنىڭ تور بېتىڭىز مۇنبەر بولسا، ئۇ ھالدا مەزكۇر ناخشا تورىدىكى ئۇلىنىشتىن سىزنىڭ تور بېتىڭىزگە ھىچقانداق PageRank قىممىتى قوشۇلمايدۇ. شۇڭلاشقا چوقۇم تور بېتىڭىز باشقا تور بەتلەردە ئۇلىنىش قىلىنغاندا تور بېتىڭىزدىكى مەزمۇن نەقىل قىلىنغان ياكى تور بەت مەزمۇنلىرى ئۆز-ئارا ماس كېلىدىغان بولىشى كېرەك.
ئادەتتە Google نىڭ Page Rank سانلىق مەلۇماتى ھەر يىلى بىر قېتىم يېڭلىنىدۇ. شۇڭلاشقا يېڭى قۇرۇلغان تور بېكەتلەر تېخى بىر يىلغا توشماي تۇرۇپ Page Rank قىممىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئەمما بۇ يامان ئىشمۇ ئەمەس، سەۋرىچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرساقلا بولىدۇ.
Page Rank قىممىتى دىگەن سۆزنى ئادەتتە قىسقارتىپ «PR قىممىتى» دەيمىز.
باشقا تور بېكەتلەر بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ:
Google نىڭ تور بەتلەرنى ئىزدەش نەتىجىسىدە ئالدىغا تىزىشى پۈتۈنلەي PR قىممىتىگىلا باغلىق ئەمەس.
يۇقىرى PR قىممىتى توربەتنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىدە يۇقىرى ئورۇنغا تىزىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
Page Rank نىڭ يېڭىلىنىشى بەك ئاستا، بۈگۈن كۆرگەن PageRank ئۇچۇرلىرى بەلكىم 3 ئاي بۇرۇنقى قىممەت بولىشى مۇمكىن.
شۇڭلاشقا يالغۇز Page Rank نى قوغلىشىپلا تور بېكەت ياساش ھەم ئۇلىنىش قىلىشقا بولمايدۇ. Yahoo ۋە Accoona غا ئوخشاش ئىزدەش قوراللىرىنىڭ Google Page Rank كە ئوخشىمايدىغان باشقىچە تېخنىكىسى بار.

BlogSpot ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب: يولچى

«يولچى» ئۇسلۇبى بىر قانچە تۈرلۈك بولۇپ، بۈگۈن سارغۇچ رەڭلىكنى تەرجىمە قىلدىم. بۇ ئۇسلۇبنىڭ رەڭلىرى ئالدىنقى قېتىم تارقاتقان «ئەلئېھرام» غا ئوخشايدۇ، ئەمما كۆرۈنۈشى كەڭرەك. چوڭراق تىپتىكى بلوگلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. سولدىكى «تولۇق ئوقۇش» كونۇپكىسىنى بېسىپ، چۈشۈرۈش ۋە چۈشەندۈرۈش بېتىنى ئېچىڭ.
ئۇسلۇب نامى: يولچى ThisAway
ئىشلىگۈچى: Dan Rubin
ئۇيغۇرچە ئىشلىگۈچى: تەكلىماكان
ئۈلگە ئادرېسى: بۇ يەرنى چېكىپ ئۇسلۇبنى كۆرۈپ بېقىڭ
Microsoft تىن چۈشۈرۈش
Microsoft تىن چۈشۈرۈش(rar)
2-چۈشۈرۈش ئورنى
3-چۈشۈرۈش ئورنى (پرىسلانغان ھۆججەت)

بۇ يەرنى چېكىپ قاچىلاش ئۇسۇلىنى ئوقۇڭ.
بۇ يەرنى چېكىپ، بلوگ رەسىمىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىڭ
مەزكۇر ئۇسلۇب گۇگول بلوگدا ئەسلىدە بار بولغان ئۇسلۇبقا ئاساسەن ئۆزگەرتىلدى. بارلىق ھوقۇق ئەسلى ئىشلىگۈچىگە مەنسۇپ.
ئۇيغۇرچىلاشمىغان بىر قىسىم جايلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
eot ھۆججىتى ئۇلاش weft تىن ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى
بلوگ باش بېتىدە يازمىنىڭ ئىخچام شەكلىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى
بلوگنى ئەلالاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار