A turkology blog

يېشىل بولۇش تەلەپ قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن Google شىركىتى GoogleTalk قا ئېنىرگىيە تىجەش ئىقتىدارى قوشتى. كومپيوتېر ئىشلەش جەريانىدا زەھەرلىك گاز چىقىرىدۇ، كومپيوتېرغا ئىشلىتىلگەن توكنى ھاسىل قىلىش جەريانىدا كۆمۈر قاتارلىق زەھەرلىك گاز چىقىرىدىغان قېزىلمىلار يېقىلغۇ قىلىنىدۇ. دىمەك بىز كومپيوتېردا بىر ھەرىپ (بايت) خەت يوللىغاندا چىقىدىغان CO2 تەخمىنەن 0.0000000000000000034 بولىدۇ. ئەگەر بىز باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئازراق خەت يازساق ئەلۋەتتە يۇقارقى ئاجىرىلىپ چىقىدىغان CO2 مىقدارى ئازراق بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاز بولسىمۇ ئېنىرگىيە تىجەش ۋە يېشل يەرشارىغا كۆڭۈل بۆلۈش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.
ئەلۋەتتە بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بىر ئەخمىقانە قاراش ياكى نۇرغۇن كىشىلەر توردا پاراڭلاشقاندا ئاللىبۇرۇن سۆز قىسقارتىشنى ئۆگىنىۋالغان. مەسلەن ئامېرىكالىقلار سۆزلەشكەندە «asl» دىگەن سۆزنى يازىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى «يېشىڭىز قانچە، ئەرمۇ ياكى ئايالمۇ، قايسى شەھەردىن ؟» دىگەنلىك بولىدۇ. تولۇق يېزىلىشى : age, sex, location ئەلۋەتتە مۇشۇنداق قىسقارتىشلار ئېنرگىيە تىجەشكە پايدىلىق.
ئۇنداقتا توردا ئالاقە قىلغاندا، ئېلخەت يازغاندا، مۇڭداشقۇلاردا پاراڭلاشقاندا بارلىق ئۇزۇن سۆزلەرنى قائىدىلىك ھالدا قىسقارتىپ، ئۇنى مەلۇم بىر پروگرامما ئاپتوماتىك ھالدا قارشى تەرەپكە ئۇزارتىپ چىقىرىپ بېرىدىغان قىلساق. ئۇ چاغدا بىز نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلاردىن ساقلىنالايمىز. ئەگەر بىر ھەرىپنى قىسقارتساق 0.0000000000000000034 كاربون تۆت ئوكسېد گازىنى قىسقارتقانغا باراۋەر.
مەسلەن :
As far as I’m concerned, you can give me the twenty dollars you owe me when I see you later
دىگەن جۈملىنى
AFAIC, U can gve me the 20 $$ YOM whn I CUL8R
دەپلا قىسقارتساق 50 پېرسەنتتىن ئارتۇق ھەرىپلەرنى تىجەپ قالالايمىز. يەرشارى كۈنىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن (2008-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى) Google شىركىتى GoogleTalk تا سۆزلەنگەن بارلىق ئېنگلىزچە سۆزلەرگە يۇقارقى قائىدە بويىچە قىسقارتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇزۇن يېزىلغان سۆزلەر ئاپتوماتىك ھالدا قىسقارتىپ يوللىنىدۇ، ۋە قىسقارتىلغان سۆزلەر مۇلازىمىتېردا ئالدىن بەلگىلەنگەن قائىدە بويىچە قارشى تەرەپكە ئەسلى ھالەتتە كۆرۈنىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇ خىل قىسقارتىش ئۇسۇلىغا كۆنىۋالمىسىڭىز بولمايدۇ. سىزنى مەشق قىلىۋالسۇن دەپ GoogleTalk ئەترىتى يەنە سۆز قىسقارتىپ ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان مەخسۇس ماشىنا ئادەمنى ياسىدى. GoogleTalk ھىساباتىڭىزغا en2im@bot.talk.google.com نى قوشۇپ ئۇنىڭغا قىسقارتماقچى بولغان جۈملىنى ئەۋەتسىڭىز قىسقارتىپ بېرىدۇ، ئۇزارتماقچى بولغان جۈملىنى ئەۋەتسىڭىز ھەم ئۇزارتىپ بېرىدۇ.

Google Talk goes green

图像 “https://i2.wp.com/photos1.blogger.com/blogger/4931/2115/1600/talkabout_logo.gif” 因其本身有错无法显示。

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: