A turkology blog

ھازىر توردا ھەقسىز بلوگ تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر كۆپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خەلقئارادا Blogger.com ئەڭ داڭلىق، جۇڭگودا Blogbus.com ئەڭ ياخشى. ئەلۋەتتە يەنە سىنا، 163 قاتارلىقلارنىڭمۇ بلوگ مۇلازىمەتلىرى بار، كۆپۈنچىسى يۇنىكود قوللىمىغاچقا كۆپ تىل (ياكى ئۇيغۇرچە) نى قوشۇپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. دىمەك ئۇيغۇرچە قوللايدىغان مۇكەممەلرەك بلوگ مۇلازىمىتىدىن Blogger.com بىلەن Blogbus.com بار. ئۇنداقتا بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىنى تاللاش كېرەك؟ بلوگنى ئالغاندىن كېيىن «كۈندە يۈز دوللار» دىگەن تېمىدا ئەسكەرتىلگىنىدەك بلوگ ئورنى ۋە ئادرېسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك، چۈنكى بۇنىڭ زىيىنى كۆپ. بىر ئورۇندىن مۇقىم ئالغاندىن كېيىن قايتا يۆتكەپ يۈرۈش ياخشى ئەمەس. ئۇنداقتا blogbus نى تاللامدۇق ياكى blogger نىمۇ؟ تۆۋەندە بىر نەچچە جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ جاۋاب بېرىپ باقاي.
سىزنىڭ IT ۋە تىل سەۋيىڭىز.
ئەگەر IT ھەققىدە ھىچقانداق ساۋادىڭىز بولمىسا ھەم ھىچقانداق چەتئەل تىلى بىلمىسىڭىز مېنىڭچە يەنىلا Uyghur.cn دىن ئالغان ياخشى. چۈنكى پۈتۈن مەشغۇلات يۈزى ئۇيغۇرچە، ھىچقانداق قىينالمايسىز. باشقا داڭلىق BSP لارغا سېلىشتۇرغاندا ئىككىلا كەمچىلىكى بار، بىرى 2-دەرىجىلىك قىسقا تور نامى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. 2- مۇشتەرى بولۇش ئۇلىنىشى ياكى RSS بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. ئۇندىن باشقا جايلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن داڭلىق بلوگلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
ئەگەر IT ھەققىدە ئانچە – مۇنچە چۈشەنچىڭىز بولسا ياكى ئۆگىنىش نىيتىڭىز بولسا Blogbus.com ياكى Blogger.com نىڭ خالىغان بىرىدىن ئالسىڭىز بولىدۇ. بلوگنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن پروگرامما ساھەسىدە بەك كۆپ بىلىممۇ زۆرۈر ئەمەس.
بلوگنىڭ باش تېمىسى
باش تېما دىگەن گەپنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات دەرسىدە ئۆگىنىپ بولغان بولغىيتىڭىز ھەقاچان. ئۇ بلوگدىكى پۈتكۈل مەزمۇنلارنىڭ ئاساسى يۆلىنىشىدۇر. ئەگەر بلوگ كۆپ تىل ۋە كۆپ دۆلەت زىيارەتچىلىرىگە قارتا ئېچىلغان بولسا Blogger دىن ئالغان ياخشى. چۈنكى Blogger كۆپ خىل تىل قوللايدۇ.
ئېلان ئارقىلىق پۇل تېپىش
Blogger ۋە Blogbus نىڭ ھەر ئىككىلىسىگە JavaScript كودىنى قىستۇرۇشقا بولىدۇ. ئەمما Blogbus قا قىستۇرۇش سەل ئاۋارچىلىق، ھەم ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ تۇرۇش قولايسىز. ئېلاننى خالىغان ئورۇنغا يۆتكەش كۈچ ۋە ئىقتىدار تەلەپ قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە Blogger دا كۆپ قولايلىقلار بار، بەتنىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى مەزمۇننى بەتنىڭ ھەرقانداق يېرىگە يۆتكەپ قويالايسىز. ھىچقانداق پروگرامما بىلىمى يوق ئادەممۇ ئارقا سەھنىدە ئويناپ يۈرۈپ بۇلارنى قىلالايدۇ. Blogger ئىقتىدار جەھەتتە Google نىڭ «ئاددى ۋە قولايلىق» قائىدىسىگە ۋارسلىق قىلغان.
Blogbus جۇڭگودا بولغاچقا Adsense ئېلانى قويۇلغاندا كۆپۈنچە خەنزۇچە باھاسى تۆۋەن ئېلان چىقىدىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە بلوگلارغا تېخىمۇ تۆۋەن باھالىق ئېلانلار چىقىدىكەن. Blogger نىڭ مۇلازىمىتىرى چەتئەلدە بولغاچقا ئېلانلار ھەر خىل تىلدا ۋە ھەر خىل مەزمۇندا چىقىدۇ، شۇنداقلا كۆرۈنگەن ئېلانلارنىڭمۇ باھاسى يۇقىرى. مەن تەكلىماكان بلوگنى Blogbus قا بىر مەزگىل يۆتكەپ سىناق قىلغاندا ئېلان چېكىلىش باھاسى بەكلا تۆۋەنلەپ كەتتى. ھەتتا 0.01 دوللارلىق ئېلانلارمۇ كۆرۈندى، Bloggeer دا بىر قېتىملىق چېكىلىشى 2 دوللارغا يېتىدىغان ئېلانلارمۇ كۆرۈلدى. بلوگنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بلوگنىڭ كىرىمىنى ئويلىشىش ئەلۋەتتە ئالدىنقى شەرتلەرنىڭ بىرى.
ياماقلىرى ۋە قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى
Blogbus نىڭ ھىچقانداق ياماقلىرى يوق دىيىشكە بولىدۇ. ھەم بارلىق ئىقتىدارلار Blogbus شىركىتى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن، سىز تەمىنلەنمىگەن ئىقتىدارلارنى قوشالمايسىز ياك ئاساسەن قوشالمايسىز. Blogger دە كۆپۈنچە ئىقتىدارلار تەمىنلەنمىگەن، ئەمما ياماق ياماش ۋە Html نى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھەر قانداق بىر بلوگدا بولۇشقا تىگىشللىك ھەرقانداق ئىقتىدارنى ئاساسەن قوشقىلى بولىدۇ.
مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى
بۇ ئىككى شىركەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ئاساسەن ئوخشاش، ئەمما Blogbus نىڭ يەنە VIP دەيدىغان بىر مۇلازىمتى بار، VIP لار ھەر يىلى 120 يۈەن تاپشۇرىدۇ ھەمدە چەكسىز بوشلۇق ۋە ئۆزىنىڭ تور نامىنى بلوگقا باغلاش مۇلازىمتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ. Blogger نىڭ كېلىشىمىدە «بىز ھەق ئالمايمىز ھەم كېيىنچە ھەق ئېلىش پلانىمىز يوق» دېيىلگەن. بۇ جەھەتنى ئويلاشقاندا Blogger ئەڭ مۇۋاپىق.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: