A turkology blog

نۇرغۇن دوستلار ئېلخەت ئارقىلىق مەندىن بلوگنى ئۇيغۇرچىلاش ئۇسۇلىنى سورىدى. مەن گەرچە تەكلىماكان بلوگدا بۇ ھەقتە ئاللىبۇرۇن ماقالە يازغان بولساممۇ تېخىچە دوستلارنىڭ ئانچە چۈشىنەلمىگەنلىكىنى بايقىدىم، شۇڭلاشقا ئايرىم بىر نەچچە بۆلۈملۈك تېما قىلىپ يوللاپ پۈتۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىنى سۆزلىمەكچى. بۇ ماقالىنىڭ ھەر بىر بۆلۈمىدە بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىڭىز خالىغان ئۇسلۇبتا Blogger.com دا ئۇيغۇرچە بلوگ ياساش، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش. بلوگنى بېزەش، بلوگقا ئېلان قىستۇرۇش، بلوگدا ماقالىلەرنى تۈرگە ئايرىش، ۋە بلوگقا ھەرخىل ئىقتىدار قوشۇشنى سۆزلەيمەن. شۇڭا بۇ ماقالە سەل ئۇزۇنراق داۋاملىشىشى مۇمكىن. سەۋرىچانلىق بىلەن ئوقۇڭ.
ئەڭ ئاۋال چۈشەندۈرۈشكە تىگىشلىك بىر نەچچە ئىش :
1. Blogger.com گۇگول شىركىتىگە تەۋە شىركەت بولۇپ، ئەگەر سىز Blogger.com دا palani دىگەن نامدا بلوگ ئالسىڭىز ئۇ ھالدا سىزنىڭ بلوگ ئادرېسىڭىز http://palani.blogspot.com بولىدۇ. دىققەت قىلىڭ. Blogger بىلەن Blogspot ئىككى مۇلازىمىتېردا بولۇپ، Blogger سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئارقا باشقۇرۇش سەھنىسىنى تەمىنلەيدۇ، blogspot.com بلوگنىڭ ئالدى يۈزىنى تەمىنلەيدۇ. شۇڭلاشقا سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ باشقىلار كۆرىدىغان ئادرېسى http://palani.blogspot.com بولىدۇ. بۇ يەردىكى palani مىسال ئۈچۈن ئېلىنغان، بۇ نامنىڭ ئورنىدا سىز بېكىتكەن نام بولىدۇ.
2. Blogger دىكى بلوگدا يوللانغان رەسىملەرنىڭ ھەممىسى picasa غا يوللىنىدۇ. چۈنكى پىكاسا گۇگول شىركىتىنىڭ ھەقسىز تور ئالبۇم مۇلازىمىتى. Blogger دىكى بلوگقا يوللانغا ئۈن-سىنلار YouTube قا يوللىندۇ. چۈنكى Youtube گۇگولنىڭ ئۈن-سىن تور بېكىتى.
ئەمسە باشلايلى !
ئاۋال http://www.blogger.com/start نى ئېچىڭ ۋە ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىر بلوگ ئىلتىماس قىلىڭ. ئەگەر سىز بۇندىن بۇرۇن Gmail ئىشلەتكەن بولسىڭىز Blogger غا تىزىملاتقاندا ئاشۇ Gmail ئادرېسىڭىزنى ئىشلىتىڭ. ھەم شۇنداق قىلىشىڭىز شەرت.
بۇ ماقالىدە چۈشەندۈرۈش بىردەكلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن blogger.com ئارقا سەھنە تىلىنى خەنزۇچىگە تەڭشەڭ.
تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن بلوگقا بىر قانچە پارچە ئۇيغۇرچە ماقالە يوللاڭ. ماقالىنى ئاۋال http://www.yulghun.com/imla دا يېزىۋېلىپ ئاندىن Blogger دىكى ماقالە يېزىش ئورنىغا چاپلىسىڭىز بولىدۇ. ماقالە ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمىسە ھىچ ۋەقەسى يوق، قانداق قىلىپ نورمال كۆرسىتىشنى ھازىر دەپ بېرىۋاتىمەن، قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭ ئەمسە !
ئىككىنچى قەدەمدە http://www.blogger.com نىڭ ئارقا سەھنىسىگە تىزىملاتقان نام ۋە مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈپ كىرىڭ. ئارقا سەھنىگە كىرگەندىن كېيىن سىز ئۇيغۇرچە قىلماقچى بولغان بلوگنىڭ 布局 دىگەن تۈرىنى تاللاپ كىرىڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك. قىزىل بويالغان ئورۇنغا دىققەت قىلىڭ

بۇ چاغدا بلوگ ئارقا سەھنىسىدىكى 布局 نىڭ ئاستىدا 页面元素 字体和颜色 修改HTML 选择新模板 دەيدىغان تۆت تۈر پەيدا بولىدۇ.

بۇ تۈرلەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
页面元素 – بۇ ئارقىلىق بلوگقا ھەرخىل كود ۋە ئىقتىدار قوشىمىز.
字体和颜色 – ئارقىلىق بلوگ ۋە مەزمۇنلارنىڭ رەڭگىنى بەلگىلەيمىز.
修改HTML- بۇ ئارقىلىق بلوگنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىمىز.
选择新模板 – ئارقىلىق بلوگ ئۇسلۇبىنى تاللايمىز ياكى يېڭىدىن تاللايمىز.
خوش ! ئەمسە ئاۋال 选择新模板 غا كىرىپ بلوگقا بىر يېڭى ئۇسلۇب تاللاڭ. تاللاپ بولغاندىن كېيىن ساقلاڭ. ئاندىن مەن ئۇسلۇبنى ئۆزگەرتىشنى بىر – بىرلەپ سۆزلەي. مەن سىناق ئۈچۈن No. 897 دىگەن ئۇسلۇبنى تاللىدىم، سىز خالىغانچە تاللىسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
ئۇسلۇب تاللاپ بولغاندىن كېيىن قىلىدىغان ئىش خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىغا ئالماشتۇرۇش. سىز بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم خەت نۇسخا نامىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولىشىڭىز كېرەك.
修改HTML دىگەن تۈرنى ئېچىڭ. ئاندىن ئاستىغا قارىسىڭىز بىر قاتار مۇرەككەپ كود رايونى كۆرۈنىدۇ. بىز بلوگنى ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ كود رايونىنى تەھرىرلىشىمىز كېرەك. ئاۋال بارلىق فونت ناملىرىنى تېپىشىمىز كېرەك. يەنى مۇشۇ كود رايونىدىن بارلىق فونت ناملىرىنى تېپىشىڭىز كېرەك. ئاۋال خاتېرە دەپتەرگە بارلىق كودنى كۆچۈرۋېلىپ خاتېرە دەپتەرنىڭ ئىزدەش ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ Font دىگەن سۆزنى ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ. خاتېرە دەپتەرنىڭ 编辑 تىزىملىكىدىكى 查找 دا ئىزدەش ئىقتىدارى بار. دىققەت قىلىڭ، سىز تاللىغان ئۇسلۇبنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، Font ناملىرى كۆپ ياكى ئاز ھەم ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا بولىشى مۇمكىن، چوقۇم بارلىق ئورۇندىكى Font ناملىرىنى تېپىشىمىز كېرەك. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

فونت ناملىرىنى تاپقاندىن كېيىن بارلىق فونت ناملىرىنى UKIJ Tuz Tom غا ياكى MS Uighur غا ئۆزگەرتىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك. دىققەت قىلىڭ. سىز پەقەت فونت نامىنىڭ ئورنىغا UKIJ Tuz Tom ۋەياكى MS Uighur دىگەن خەتنى چاپلاڭ. ئىككىسىدىن بىرنى چاپلاڭ. فونت نامىنىڭ ئالدى كەينىدكى پەش، چېكىت قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرىگە چېقىلماڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

كود رايونىڭ ئاستى-ئۈستى ھەممە يەرلىرىنى ئاختۇرۇپ، بارلىق فونت نامىنى چوقۇم UKIJ Tuz Tom ياكى MS uighur غا ئالماشتۇرىشىڭىز كېرەك. بىرەرسى قالسا بولمايدۇ، شۇڭلاشقا كود رايونىڭ ھەممە جايلىرىنى تەپسىلى كۆرۈڭ.
تولۇق ئۇيغۇرچە فونتقا ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن ئاستىدىكى ساقلاش كونۇپكىسىنى بېسىپ ساقلاڭ. ئاندىن بلوگنى ئاچسىڭىز بلوگدا ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنىدۇ. بۇنى سىناش ئۈچۈن سىز ئاۋال بلوگقا بىر قانچە پارچە ئۇيغۇرچە ماقالە يوللىغان بولىشىڭىز ۋە كومپيوتېرىڭىزدا سىز ئۆزگەرتكەن UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ياكى MS Uighur خەت نۇسخىسى بولىشى كېرەك. ئەگەر Vista ئىشلەتكەن بولسىڭىز MS uighur بار، ئەگەر UKIJ Tuz Tom بولمىسا، تەكلىماكان بلوگنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىدىكى «خەت نورمال بولمىسا قاچىلاڭ» دىگەن جاينى چېكىپ، ئۇيغۇرچە UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنى قاچىلايسىز.
خوش بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ئەتە بلوگدىكى خەتلەرنىڭ يۆلىنىشىنى ئوڭغا توغىرلاش ۋە لاتىنچە خەت بىلەن ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئورنى ئالمىشىشپ كېتىش مەسلىسىنى ھەل قىلىش شۇنداقلا يەنە بىر قەدەم ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدە سۆزلەيمەن. قىززىقسىڭىز ماقالىنىڭ 2- بۆلۈمىنى ئوقۇڭ. رەھمەت. قىيىنچىلىقلار ياكى چۈشنۈكسىزلىكلەر بولسا ئىنكاس يېزىڭ. مەن دەرھال تېخىمۇ تەپسىلى يازىمەن.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: