A turkology blog

ناتايىن ! ئەگەر تور بېكىتىڭىزنىڭ زىيارەتچىسى ئېلان چېكىلىش نىسبىتىگە لايىق كۆپ بولسا شۇنچە كۆپ پۇلغا ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر زىيارەتچىلەر ئاز، ئېلان چەككۈچىلەر كۆپ بولسا بىر تىيىنغىمۇ ئېرىشەلمەيسىز. ئېنىقراق چۈشەندۈرسەك نورمال بولغاندا بىر تور بېكەتتىكى ئېلاننىڭ چېكىلىش نىسبىتى %10 تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. دىققەت قىلىڭ %10 ئەڭ يۇقىرى چەك. ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە ياكى سىزنىڭ ئېلانىڭىزنىڭ چېكىلىش نىسبىتى %5 پېرسەنتتىن ئاشقان ھامان Google سىزنى تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ. ئەگەر ئالدامچىلىق قىلغان بولسىڭىز دەرھال ھىساباتىڭىزنى پېچەتلەيدۇ. ئەگەر چېكىلىش نىسبىتى ھەقىقىي تەبئى ھالدا پەيدا بولغان بولسا ئۇ ھالدا سىزگە خەتەر يوق.
ئېلان چېكىلىش نىسبىتى دىگەن نىمە؟
ئېلان چېكىلىش نىسبىتى بىر ياكى سىزنىڭ بارلىق تور بېكىتىڭىز (بېتىڭىز) دىكى ئېلانلارنىڭ چېكىلىش نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ.مەسلەن تور بېتىڭىزگە بىرلا ۋاقتتا (ياكى بىر كۈندە) 100 ئادەم كىرىپ، 2 ئادەم ئېلان چەكسە ئۇ ھالسا سىزنىڭ مەزكۇر تور بېتىڭىزدىكى ئېلاننىڭ چېكىلىش نىسبىتى %2 بولىدۇ. ئەگەر 10 ئادەم ئېلان چەكسە چېكىلىش نىسبىتى %10 بولىدۇ.
ماتېماتىكىغا ئۇستا بولمىسىڭىز يەنە ھىسابلاپ بېرەي!
ئەگەر تور بېتىڭىزگە 2 ئادەم كىرىپ، ھەر ئىككىلىسى ئېلان چەكسە ئۇ ھالدا تور بېتىڭىزدىكى ئېلاننىڭ چېكىلىش نىسبىتى %100 بولىدۇ. بۇ چاغدا سىزنىڭ ھىساباتىڭىز تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ ياكى ھىساباتىڭىز تاقىلىدۇ.
ئېلان چېكىلىش نىسبىتىنى نەدىن كۆرىمىز؟
Adsense ھىساباتىڭىزغا كىرگەندىن كېيىن بەتنىڭ باش قىسىمىغا جەدۋەللەشتۈرۈپ چىقىرىلغان كىرىم دوكلاتىغا قارىسىڭىز «Page CTR» ياكى خەنزۇچە «点击率» دەيدىغان بىر تۈر بار. مۇشۇ تۈر ئاستىدىكى «%» بەلگىسى قويۇلغان سانلار بېكەت ياكى بەتتىكى ئېلاننىڭ چېكىلىش نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ.
مەسلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

تەكلىماكان بلوگدىكى ئېلاننىڭ چېكىلىش نىسبىتى %1.16 ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ئەگەر چېكىلىش نىسبىتى %10 تىن ئېشىپ كەتمىسە ئانچە قورقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر سىز باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئېلان چەكتۈرمىسىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئېلانىنى ئۆزىڭىز چېكىپ سالمىسىڭىزلا مەزكۇر سان %10 تىن ھەرگىز ئېشىپ كەتمەيدۇ.
چېكىلىش نىسبىتى ئايرىم بەتنىڭ نىسبىتىمۇ ياكى بارلىق تور بېتىمدىكى ئېلاننىڭمۇ؟ ئەگەر ئايرىم تور بەتتىكى چېكىلىش نىسبىتى %10 تىن ئېشىپ كېتىپ، باشقا بارلىق تور بېكەتلەرنى قوشقاندا چىقارغان چېكىلىش نىسبىتى %10 تىن تۆۋەن بولسا ئېلان ھىساباتىم توختاپ كېتەمدۇ؟
ئادەتتە سىز Adsense ھىساباتىڭىزغا كىرگەن ھامان چىقارغان دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن چېكىلىش نىسبىتى بارلىق تور بەت، بېكەت، بلوگلىرىڭىزدىكى جۈملىدىن سىزنىڭ بارلىق ئېلانىڭىزنىڭ ئومۇمى چېكىلىش نىسبىتى. ئايرىم تور بەتلىرىڭىزنىڭ چېكىلىش نىسبىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن دوكلات جەدۋىلىنىڭ سول، ئۈستى تەرەپتىكى ئېنگلىزچە «Top Channels» ياكى خەنزۇچە «最佳染道» دىگەن كونۇپكىنى چېكىسىز. بۇ چاغدا ھەر بىر تور بېكىتىڭىزنىڭ ئايرىم چېكلىش نىسبىتى چىقىدۇ. ئەلۋەتتە سىز بۇنداق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن ھەر بىر تور بەتكە Adsense كودىنى قويغاندا چوقۇم ئۇنىڭغا بىر «قانال نامى» بەلگىلەپ قويىشىڭىز كېرەك. بۇ ھەقتە ئىلگىركى ماقالىلاردا تەپسىلى توختالغان ئىدۇق.
ئەگەر ئايرىم بىر بلوگ (ياكى تور بەت) تىكى ئېلانىڭىزنىڭ چېكىلىش نىسبىتى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ھىساباتىڭىز توختاپ كېتىدۇ. چوقۇم %10 تىن ئاشماسلىقى كېرەك. بارلىق تور بەتلىرىڭىزدىكى ئېلانلارنىڭ ئومۇمى چېكىلىش نىسبىتىمۇ %10 تىن ئېشىپ كەتسە ئوخشاشلا ھىساباتىڭىز توختايدۇ. ئەمما شۇنىسى ئېنقكى ئايرىم تور بېكەتلەرنىڭ %10 تىن ئېشىپ كەتمەي تۇرۇپ، ئومۇمىي نىسبەت %10 تىن يۇقىرى بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇ ماتىماتىكىلىق قانۇنىيەت.
ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە سىزگە قوقاق سېلىۋاتقىنىم يوق. سىز بلوگ مەزمۇنىنى يېڭىلاش بىلەنلا بولۇپ، ئۆز ئېلانىڭىزغا ئۆزىڭىز ھۇجۇم قىلمىسىڭىز ۋە باشقىلارنى ئېلان چېكىشكە رىغبەتلەندۈرمىسىڭىزلا %10 تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ھەم بۇ %10 دىگەن سانغا يەتكۈزۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. (ھازىرچە) كۈنىگە ئاران دىگەندە 500 قېتىم ئەتراپىدا كۆرۈلىدىغان تەكلىماكان بلوگقا نىسبەتەن ئېيتقاندا 50 ئادەم ئېلان چەككەندە ئاندىن %10 بولىدۇ دىگەن گەپ. ئەگەر تەكلىماكان بلوگدىكى ئېلاننىڭ چېكىلىش نىسبىتى %5 لا بولغان بولسا مەن يالغۇز بىر بلوگدىن ئېيىغا 4000 يۈەن مائاش ئالىدىغان ئادەم بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن! شۇڭلاشقا ئېلاننىڭ چېكلىش نىسبىتى تۆۋەن بولغاندىن يۇقىرى بولغان ياخشى! پەقەت %10 تىن ئېشىپ كەتمىسىلا بولىدۇ.
ئۇنداقتا چېكىلىش نىسبىتىنى قانداق يۇقىرلىتىمىز؟
ھەرقانداق توغرا، Google Adsense ئېلان كىلشىمىگە خىلاپلىق قىلمايدىغان ئۇسۇللار بىلەن ئېلان چېكىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز. بۇ ئۇسۇللار ھەققىدە بۇندىن بۇرۇن «ئېلاننى قەرەللىك ئۆزگەرتىپ تۇرۇش»، «بېكەت مەزمۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇش»، «بلوگنى ئىزدەش ماتورلىرىغا يوللاش» قاتارلىق ماقالىلەردە تەپسىلى توختالدۇق.
ئىككى كۈن بۇرۇن تەكلىماكان بلوگدىكى ئېلاننىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ قويغان ئىدىم، كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش بولدى. زىيارەت سانى كۆپرەك بولغان بلوگلار مېنىڭچە ئېلان ئورنى، رەڭگى ۋە شەكلىنى ئايدا ياكى ھەپتىدە بىر ئالماشتۇرۇپ، زىيارەتچىلەرگە يېڭىلىق تۇيغۇسى بەرسە ئۈنىمى يۇقىرى بولىدىكەن. ئېلان رەڭگى ۋە شەكلىنى ئۆزگەرتىش ھازىر Adsense ھىساباتىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپلا مۇمكىن. ئېنگلىزچە «Adsense SetUp» نىڭ ئىچىدىن «Manage Ads» ياكى خەنزۇچە «Adsense设置» نىڭ ئىچىدىن «管理广告» نى تاللاپ ئۆزگەرتەلەيسىز.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: