A turkology blog

يەر شارىدىكى ئەڭ داڭلىق ئىجتىمائىي تور بېكەت، مىكروسوفت شىركىتىگە تەۋە Facbook نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىدىكەن، بۇ خەۋەرنى بۈگۈن جۇڭگودىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىسى سىنا خەۋەرلىرىدىن كۆردۈم. مىكروسوفت شىركىتى Facebook نى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشتى، ۋە كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلدى. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ قېتىم يەن جاھاندىكى بارلىق چوڭ-چوڭ تىللاردىكى نۇسخىسىنى ئىشلەۋېتىپتۇ. بۇ چوڭ-چوڭ تىللارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە بىلەن يورۇبا تىلىمۇ بار دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتتى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باياناتچىسى.
خەۋەرنىڭ مەنبەسى
بۇلتۇر Google بىلەن مىكروسوفت facebook نى سېتۋلىشتا بەسلىشىپ، Google ئۇتتۇرۇپ قويغان، ھەمدە روھى چۈشۈپ كەتكەن Google ئاچچىقىغا پايلىماي facebook قا ئوخشاش بىر تور بېكەت opensocial نى ياسىغان ئىدى.
facebook ئەسلىدە ھارۋارد ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى ھارۋارد ئۇنۋېرستىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن قۇرۇلغان تور بېكەت ئىدى. كېيىن پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز – ئارا تەجىربە ئالماشتۇرىدىغان سورۇنىغا ئايلانغان، ھازىر بولسا مىكروسوفت سېتىۋالغاندىن كېيىن يەنە بىر قەدەر دائىرە كېڭەيتىپ، ھەرقانداق بىلىمخۇمار ئادەم تىزىملاتسا بولىدىغان قىلدى. بىرلا شەرت شۇكى چوقۇم ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈپ تىزىملىتىسىز. Facebook قا تىزىملاتقاندا چوقۇم ھەقىقىي ئىسىم ئىشلىتىلىدۇ، كەپتەر، توخۇ دىگەندەك ئىسىملارنى تىزىملىمايدۇ.
كېيىنكى يازمىلاردا Facebook ھەققىدە تەپسىلىرەك توختىلىمىز.
图像 “https://i2.wp.com/static.ak.fbcdn.net/images/welcome/welcome_3.gif” 因其本身有错无法显示。

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: