A turkology blog

تور ناھايتى چوڭ ئۇچۇر دېڭىزى، ئەگەر ئۆزىڭىزگە لازىملىق ئۇچۇرلارنى قانداق تېپىشنى بىلسىڭىز نۇرغۇن ۋاقت ۋە پۇلنى تىجەپ قالالايسىز. ھەم سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنالايسىز. تۆۋەندە تەتقىقات ياكى ئىشلىرىڭىزغا ئەڭ زور پايدىسى تېگىدىغان 9 تور بېكەتنى تونۇشتۇراي. مەيلى سىز قانداق كىشى بولۇڭ، بۇلار ئېھتىياجىڭىزنى تامامەن قاندۇرىدۇ.
1. Google
بۇنى كۆپ تونۇشتۇرمىساممۇ تورغا چىققان ھەممە كىشى Google نىڭ ئەڭ ياخشى ئىزدەش ماتورى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەمما ئىككى ئىشقا دىققەت قىلىڭ:
Google نىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ئۆگىنىڭ (Google دىگەن سەھىپىدە بار)
Google قورالىنى تور كۆرگۈچكە قاچىلاڭ
2. Wikipedia
يىتەكچى ئوقۇتقۇچىڭىز قانداق قارىشىدىن قەتئىنەزەر مېنىڭچە wikipedia تولىمۇ مۇكەممەل، ھەم ئىقتىدارلىق، ئۇنىڭدىن لازىملىق ھەرقانداق ئۇچۇرنى دىگۈدەك تاپقىلى بولىدۇ. Google نىڭ ئىزدەش رامكىسىغا ئاچقۇچلۇق سۆزنى يېزىپ ئاخىرىغا wiki نى قوشۇپ قويسىڭىز Wikipedia دىن ئىزدەيدۇ.
3. Scholarpedia
سكولارپېدىيە قارىماققا ۋىكىپېدىيەگە ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇ تېخىمۇ توغرا، ۋىكىپېدىيەنىڭ ھىچقانداق تۈزۈمى يوق، ھەرقانداق ئادەم ماقالە يازسا بولىدۇ. ئەمما Scholarpedia دە پەقەت تەكلىپ قىلىنغان ئالىم پروفېسسورلارلا ماقالە يازىدۇ، ھەم مەخسۇس پروفېسسورلار تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىدۇ. شۇڭلاشقا تېخىمۇ ئىلمىي نەتىجىلەر بار دېيىشكە بولىدۇ.
4. Yahoo Answers
بەلكىم Baidu Zhidao نى ئىشلىتىپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن، Yahoo Answers مۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. بىرەر ئىشنى بىلمىسىڭىز سۇئال سورايسىز، بىلگەنلەر جاۋاب بېرىدۇ. سىز بىلگەن سۇئاللارغا جاۋاب بېرىسىز. مۇشۇنداق قىلىپ بىلىمنى كېڭەيتىسىز.
5. AllExperts
بۇمۇ Yahoo Answers گە ئوخشايدۇ، ئەمما پەقەت داڭلىق پروفېسسورلارلا سۇئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ. ھەرقانداق ئادەم سۇئال سورىسا بولىدۇ، پەقەت كەسپ ئەھلىلىرلا جاۋاب بېرىدۇ.
6. About.com
بۇمۇ ۋىكىپېدىيەگە ئوخشاش بىر تور بېكەت. ئوخشىمايدىغان يېرى مەخسۇس پروففېسسورلارغا ئىش ھەققى بېرىپ تەكلىپ قىلىپ ماقالە يازدۇرىدۇ، ئەگەر سىز بىرەر ئىشنىڭ ئەھلى بولسىڭىز سىزمۇ يازسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھەق بېرىدۇ. شۇڭلاشقا About.com دىكى ئۇچۇرلار قىممىتى بار ئۇچۇرلاردۇر.
7. CliffsNotes
بۇ بېكەت بارلىق مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرى، كىتاب-ژۇرناللارنىڭ كاتالوگى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەرقانداق بىر تىرىشچان ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشلىتىشىگە ئەرزىيدىغان ئۇچۇرلار بار.
8. SparkNotes
بۇ تور بېكەتمۇ CliffsNotes كە ئوخشايدۇ. سىز پەقەت CliffsNotes تىن تاپالمىغان كىتابلارنى SparkNotes تىن ئىزدەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
9. How Stuff Works
بۇ مەن تونۇيدىغان مارشال برەين ئەپەندىنىڭ تور بېكىتى. ئۇنىڭدا تەبئى قانۇنىيەتلەردىن تارتىپ، سىياسىي ساھەلەرگىچە .. ئىشقىلىپ بارلىق ئىشلارنىڭ پىرىنسىپىنى چۈشەندۈرىدىغان تور بېكەت. پۇل قانداق ئايلىنىدۇ؟ بېلىق قانداق نەپەسلىنىدۇ؟ Google قانداق ئىزدەيدۇ؟ چاپان قاندا تىكىلىدۇ؟ … دىگەنگە ئوخشاش سۇئاللارنىڭ ھەرقاندىقىغا جاۋاب تاپالايسىز.
يۇقارقى تور بېكەت ناملىرىنىڭ كەينىگە com. نى قوشۇش ئارقىلىق كىرەلەيسىز.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: