A turkology blog

داڭلىق ماركلىق مەھسۇلاتلار قىممەت. ئەبجەش ماركىلىق مەھسۇلاتلار ئەرزان. داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتنىڭ تۈرى ئاز، ئەبجەش ماركىلىقلارنىڭ تۈرى تولىمۇ كۆپ، بۈگۈنكى كۈندە ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدە ئەبجەش ماركىلىق مەھسۇلاتلار كۆپ بولۇپ كەتتى. ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلەيدىغان بىر تونۇشۇم يېقىندا «NCKIA» ماركىلىق يانفون سېتىۋاپتۇ، ئۈستىدە «N70» دىگەن خېتىمۇ ھەم باركەن. ئەمما يانفون قوزغالغاندا چىققان «NOKIA CONNECTING PEOPLE» دەپ چىقىدىغان ئېلاندىن مەلۇم بولدىكى بۇ «NOKIA» ئەمەسكەن. كۆزنەكلىرىمۇ تازا قاملاشمىغان. يانفون رەڭگىمۇ بىر خىللا، كونۇپكىلىرى قاتتىق. ئاغىنەم 800 يۈەنگە «ئەرزانلا بەردى، تونۇش ئاداشتى! » دەيدۇ تېخى !
داڭلىق ماركا بىلەن ئەبجەش ماركىنىڭ پەرقى
داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى ئۆزىنىڭ شۇ داڭلىق ماركىسىنى تىكلەش جەريانىدا نۇرغۇن تەجىربىلەرنى يەكۈنلىگەن، ئۇنىڭ مەزكۇر مەھسۇلاتقا نىسبەتەن چوڭقۇر چۈشەنچىسى، لايھەلەش تېخنىكىسى ۋە پۇختا خىزمەت ئۇسۇلى بار. ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەيدىغان ئادىتى بار.
ئەبجەش ماركىلىق ياكى ماركىسى يوق «ساختا ماركىلىق» مەھسۇلاتلار مەلۇم بىر داڭلىق ماركىنىڭ شەكلى، ماركىسى ياكى بىرەر ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىگە تەقلىد قىلىنىپ بىر كېچە ياكى بىر ئايدىلا ۋۇجۇدقا چىققان مەھسۇلاتتۇر. بۇنداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ھىچقانداق تارىخى ياكى تەجىربىسى يوق، تېخنىكىسى ھەم يوق. ئىنچىكلىك بىلەن ئىشلەيدىغان ئادىتى ھەم يوق. بىردىنبىر مەقسىتى ئەسلىدىكى داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتقا ئوخشىتىپ ياساپ، ئۇنىڭ ئابرويىدىن مودا بولغان مەزگىلدە مۇددەتلىك پايدىلىنىپ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىش. شۇڭلاشقا ئۇلار خېرىدارنىڭ مەنپەئەتىنى قەتئى ئويلاشمايدۇ.
داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئەڭ ئاۋال ئويلايدىغىنى خېرىدارنىڭ مەھسۇلاتنى ياقتۇرۇشى، ئەبجەش ماركىنىڭ بولسا ئەڭ ئاۋال ئويلىشىدىغىنى خېرىدارنىڭ مەزكۇر مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشى. داڭلىق ماركا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنىڭ ماركىسىنى تىكلەش ئۈچۈن مەھسۇلاتىغا كۈچ قوشىدۇ، ئۇنى كۆركەملەشتۈرىدۇ، ئىقتىدارىغا ئىقتىدار قوشىدۇ. ئوماقلاشتۇرىدۇ ۋە ئامالنىڭ يېتىشىچە خېرىدار قوبۇل قىلالايدىغان باھاغا پۈتتۈرۈپ چىقىدۇ.
ئەبجەش ماركىلار بولسا ئامالنىڭ بارىچە ئوخشىتىپ ياسايدۇ، ئامالنىڭ بارىچە كۆپ ساتىدۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى چاتاق-پۇتاقلىرى بىلەن كارى يوق. ئامالنىڭ بارىچە ماركا ۋە ئىقتىدار ئوغۇرلايدۇ. ئامالنىڭ بارىچە ئەڭ ئەرزان باھالىق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ سېتىپلا كۆزدىن يوقاپ، ئەڭ كۆپ پايدا ئېلىشقا تىرىشىدۇ.
NOKIA ماركىلىق يانفوننى قىممەت كۆرسىڭىز ئەلۋەتتە 100 يۈەنلىك يانفونلارمۇ بار. NOKIA نىمە ئۈچۈن قىممەت ؟ چۈنكى ئۇنىڭ قىممىتى بار، چۈنكى ئۇنىڭغا نۇرغۇن تېخنىكلارنىڭ قىممەتلىك ئەمگىكى، نۇرغۇن سودىگەرلەرنىڭ قىممەتلىك مەبلىغى، نۇرغۇن مۇلازىمەتچىلەرنىڭ قىممەتلىك مۇلازىمىتى، نۇرغۇن جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن قىممەتلىك ماتېرىياللار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن. شۇڭلاشقا ئۇ قىممەت. شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىن چاتاق چىقمايدۇ ياكى ئاسان چاتاق چىقمايدۇ. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە يالغۇز نوكىيانىلا دىمەكچى ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئېلىكترون بويۇملىرى مەسلەن Lenovo ۋە IBM ، دېل ۋە ئالما قاتارلىقلار،،، داڭلىق كىيىم – كېچەكلەر، داڭلىق ماركىلىق ئاپتومۇبىللار، داڭلىق ماركىلىق ۋاھاكازالارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يوسۇندا بولىدۇ.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: