A turkology blog

بلوگنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ھەقسىز بوشلۇقتا بلوگ ئېچىشتىن باشقا يەنە ھەقلىق ياكى شەخسى بوشلۇقتا بلوگ ئاچىدىغانلار بار. سەزگۈ بلوگ ۋە مەرىپەت تورى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. ئۇنداقتا شەخسى بوشلۇقتا بلوگ ئاچقاندا قايسى پروگراممىنى ئىشلىتىش كېرەك؟ بۇنىڭدا ئەلۋەتتە سىزنىڭ قايسى پروگرامما تىلىنى ئىشلىتەلىشىڭىزگە قارايمىز. مەسلەن : asp, php ,asp.net قاتارلىقلار. مەن تۆۋەندىكى بىر نەچچە پروگراممىنى تەۋسىيە قىلىمەن:
1. ز-بلوگ Z-Blog
جۇڭگودىكى داڭلىق ASP بلوگ پروگراممىسى، ھازىرغىچە بىر قانچە قېتىملىق نەشىرى چىقتى. ھازىر تەمىنلەۋاتقىنى 1.8 نەشىرى ئىكەن. ئۇسلۇبلىرى مول، مەن ئىلگىرى 1.7 نۇسخىنى ئىشلىتىپ باققان. Unicode قوللايدۇ. ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەم ئاسان. ئاپتوماتىك قاچىلىنىدىغان xml نۇسخىسىمۇ بار. ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇلار ھازىرغىچە ھەقسىز تەمىنلەۋاتىدۇ.
ئادرېسى: http://www.rainbowsoft.org
图像 “https://i2.wp.com/www.rainbowsoft.org/image/18d.png” 因其本身有错无法显示。

2. ئامېرىكىلىقلار ياسىغان WordPress
بۇ يەرشارىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن PHP بلوگ سۇپىسى. بۇ سۇپىنى ئىشلىتىپ ياسالغان بلوگلار ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭلاشقا بۇنىڭ ياردەملىرى ۋە ئىقتىدارى ھەرقانداق سۇپىدىن كۆپ. ئۇسلۇبلىرىمۇ ناھايىتى كۆركەم. ياماقلىرى تولۇق ۋە تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. توختىماي يېڭى نەشىرى چىقىدۇ. مۇشۇ سۇپىنى ئىشلىتىپ BSP تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. بۇ پروگراممىنىڭ ھەقلىق ھەم ھەقسىز نۇسخىسى بار.
ئادرېسى: http://www.wordpress.org
图像 “https://i1.wp.com/wordpress.org.cn/images/default/logo.gif” 因其本身有错无法显示。

3. يەنە بىر مۇتەخەسىس Drupal
Drupal گەرچە جۇڭگودا كۆپ ئومۇملاشمىغان بولسىمۇ ئىناۋىتى خېلى يۇقىرى PHP بلوگ سۇپىسى. مەزكۇر سۇپا 2005-يىلى «نادىر تور پروگراممىسى» بولۇپ باھالاندى. شۇ قېتىم نادىر بولۇپ باھالانغانلارنىڭ ئىچىدە Adobe مەھسۇلاتلىرى Drupal نىڭ كەينىگە تىزىلغان. كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. Unicode قوللايدۇ. پەقەت تىل بولىقىنىلا تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچە قىلىشقا بولىدۇ. بۇنى تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن IT ساھەسىدە بەك چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشمۇ ھاجەتسىز. بارلىق يېزىق ھۆججەتلىرى بىرلا بولاققا يىغىلغان. ھازىرغىچە ھەقسىز تەمىنلەۋاتىدۇ.
ئادرېسى: http://www.drupalchina.org
خەلقئارا: http://www.drupal.org
图像 “https://i0.wp.com/drupal.org/themes/bluebeach/logos/drupal.org.png” 因其本身有错无法显示。

4. مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان MovableType
مەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان بلوگ پروگراممىسى دەل MovableType . دىمەك Google Blogger مۇ مۇشۇنى ئىشلىتىدۇ. ئىقتىدارى ۋە ئۇسلۇبلىرى wordpress تەك مول بولمىسىمۇ، مەشغۇلات قىلىش ئىنتايىن قولايلىق. ھىچنىمە ئۇقمايدىغان كىشىمۇ بلوگ كۆرۈنۈشى ۋە باشقا جايلارنى تەڭشەپ كېتەلەيدۇ. قاچىلاشمۇ ئاددى. Unicode قوللايدۇ. سىرىتقى يۈزىنى مانا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋالدىم. ئۇيغۇرچە قىلىشمۇ ناھايىتى ئاسان. ھازىرغىچە ھەقسىز تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئادرېسى: http://www.movabletype.org
https://i0.wp.com/www.majordojo.com/images/mt4-logo-thumb.png

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: