A turkology blog

بلوگ يازىدىغانلار كۈنسايىن كۆپيىۋاتىدۇ، بەزىلەر بلوگ كۆڭۈللۈك بولغاچقا يازىدۇ، بەزىلەر پۇل تېپىش ئۈچۈن يازىدۇ. مەيلى قانداقلا بولسۇن بىر نەرسە ئورتاق : بلوگلنىڭ كۆرۈلۈشى قانچە كۆپ بولسا، سىز شۇنچە خۇشال بولىسىز. بەزىلەر بلوگ يازدى ئەمما قانداق تەشۋىق قىلىشنى بىلمەيدۇ. بلوگنىڭ زىيارەت سانى ئىنتايىن تۆۋەن. بۇنداق بلوگلاردا پۇل تاپقىلى بولمايدۇ ھەم كۆڭۈللۈك ئىشمۇ يوق!
ئەنگىلىيلىك Patrick ئاتلىق كىشى 2007-يىلى 6-ئايدا BlogStorm ناملىق بىر بلوگ ئېچىپ 3 ھەپتە ئىچىدىلا 10000 تاشقى ئۇلىنىشقا ئېرىشىپتۇ. (بلوگنىڭ باشقا تور بەتلەردە ئۇلىنىش قىلىنىشىنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى Page Rank ھەققىدىكى ماقالىدىن كۆرۈڭ.)
11 ھەپتىدىلا 50000 ئۇلىنىشقا ئېرىشىپتۇ. 2000 دىن ئارتۇق RSS مۇشتەرى پەيدا بوپتۇ. دىمەك 11 ھەپتە ئىچىدىلا ئەنگىليىدىكى ئەڭ چوڭ بلوگ بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بلوگنى تەشۋىق قىلىش ئۇسۇلىنى «Creat 50000 link in 11 weeks» ۋە «How I built 10,000 links in 3 weeks» دىگەن ئىككى ماقالىسىگە يىغىنچاقلىدى. بلوگ ئارقىلىق پۇل تاپىدىغان ھەرقانداق بلوگنىڭ قېتىرقېنىپ ئوقۇشىغا ئەرزىيدىغان بۇ ئىككى پارچە ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاي.
11 ھەپتىدە 50000 تاشقى ئۇلىنىشقا ئېرىشىشنىڭ سىرى
تەرجىمە قىلغۇچى : تەكلىماكان؛ يازغۇچى: پەترىك (ئەنگىلىيە)
بۇ ماقالە تەكلىماكان بلوگ ۋە BlogStorm نىڭ ئەسلى يازمىسى. كۆچۈرۈپ چاپلىغاندا تەكلىماكان بلوگنى ئۇلىنىش قىلىشىڭىزنى، ھەقسىز بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش كىلىشىمىگە ئەمەل قىلىشىڭىزنى ئۈمد قىلىمەن.
1. سىر : بلوگنى ئېچىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق
بلوگنى ئېچىشتىن بۇرۇن چوقۇم باشقىلارنى جەلپ قىلالايدىغان مەنبەلەرنى تەييار قىلىشىمىز كېرەك. ئالايلۇق: زۆرۈر لازىملىق قوراللار ۋە ئېسىل يازمىلار دىگەندەك. BlogStorm نى رەسمىي ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇن مەن بىر قىسىم ئۇلىنىش ئىز قوغلاش قوراللىرىنى تەييارلىدىم. بۇ قوراللار بلوگىمنىڭ باشقا تور بەتلەردە ئۇلىنىش قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرەلەيدۇ. مۇشۇ قورال ئارقىلىقلا مەن بلوگىمنى باشقا ئوخشاش تۈردىكى بلوگلاردىن گەۋدىلىك ھالدا قايتۇرما ئۇلىنىشقا ئېرىشتۈرەلىدىم.
ئەلۋەتتە مېنىڭ يەنە نۇرغۇن سىناق ئۈستىدىكى قوراللىرىم بار. كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا مەن تولۇق سىناپ بولۇپ، ئۇلارنىمۇ بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرىمەن. باشتا تىلغا ئالغان بلوگ قايتۇرما ئۇلىنىش ئىز قوغلاش قورالىنى مەن مەخسۇس لايھەلىگەن. بۇ قورال كۆپلىگەن ئوقۇرمەننى Blogstorm غا قىززىقتۇردى.
ئۇنىڭدىن باشقا مەن تور بەتنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى زېھىن قويۇپ لايھەلىدىم. ئېلان سانىنى ئامالنىڭ بارىچە ئازلاتتىم. زىيارەت قىلغۇچىغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە زوق بېغىشلاشقا تىرىشتىم. مەن يەنە نۇقتىلىق ھالدا SEO ئىشىنى ئەڭ ياخشى قىلدىم (SEO دىگەن Search Engine Operation بولۇپ، ئىزدەش ماتورلىرىغا بلوگنى ئەڭ ئاسان تاپقۇزۇش ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمەت. مۇناسىۋەتلىك ماقالە تەكلىماكان بلوگنىڭ بلوگ ھۈنەرلىرى سەھىپىسىدە بار.). Titel بىلەن Tag نىڭ بىردەكلىكىنى ساقلىدىم. ھەر بىر ماقالەمنى تەپسىلى تەكشۈردۈم، تەكرارلانغان مەزمۇن ياكى قىممىتى تۆۋەن بەتلەرنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ساقلاندىم.
مەن يەنە بلوگنىڭ ئەسلى كودىنى تەكشۈرۈپ تۇردۇم. بۇ ناھايىتى مۇھىم. بلوگدىكى ھەر بىر ئىقتىدارنىڭ نورمال ئىشلەۋاتقانلىقىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. ئالايلۇق: مۇشتەرى بولۇش، RSS بېتى، ئىنكاس بېتى ۋە باشقا تۈرلۈك ئىقتىدارلار … بۇلار چوقۇم ھەرقانداق ۋاقتتا نورمال خىزمەت قىلىشى كېرەك. بلوگدا ھىچقانداق قىممىتى يوق ئۇلانما ياكى ۋاقتى ئۆتكەن ئېلان، كېرەكسىز قورال. نورمالسىز ئىتقىدار بولماسلىقى كېرەك.
2. سىر : بلوگدىكى دەسلەپكى بىر نەچچە ماقالە
BlogStorm غا يوللانغان دەسلەپكى تۆت پارچە ماقالە:
Blogstorm غا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!
مۇلازىمەت سەۋىيىمىزنى قانداق ئۆستۈرىمىز؟
hotlinkers بىلەن Google رەسىملىرىدىن پايدىلىنىپ توربەتنىڭ تەبئى ئۇلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈش ئۇسۇلى
GoogleAnalytics ۋە Google يېڭى ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇسۇلى
يېڭى ئېچىلغان بلوگلارغا نىسبەتەن بلوگدا دەسلەپ يوللانغان بىر قانچە ماقالە مەزكۇر بلوگنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ. كۆرگۈچىلەر بلوگقا كىرىپ كۆرگەن بىر قانچە ماقالە ھىچقانداق ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق نەرسىلەر بولسا ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىككىنچى ئاياغ باسمايدۇ. مەن ئۆزۈممۇ شۇنداق ئويلايمەن. ئەگەر بىر تور بەت ئىگىسى يازغان ماقالە داۋاملىق ئانچە چوڭ ئەھمىيىتى يوق نەرسىلەر بولسا، مۆجىزە كۆرۈلۈپ مەزكۇر تور بەت ئىگىسىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۇقىرى سۈپەتلىك ماقالە يېزىپ قېلىشىنى ئۈمد قىلمايمەن. ئۇنداق تور بەتكە كىرىپمۇ قويمايمەن.
Google Analytics ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى چوڭقۇرلۇققا ئىگە ماقالە. مەن بۇ ماقالىنى خېلى بۇرۇنلا يېزىپ تەييار قىلىپ قويغان. بۇ قېتىم Google يېڭى ئۇسلۇب ئېلان قىلغاندىن كېيىن مەن ماقالىغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزدۈم ۋە قايتا ئېلان قىلدىم. مېنى قايىل قىلىدىغىنى شۇكى بۇ ماقالەم Google Analytics يېڭى نۇسخا ئېلان قىلغاندىن كېيىن تور ساھەسىدە تۇنجى سېستىملىق چۈشەندۈرگەن كۆرسەتمە ماقالە بولۇپ، كۆپلىگەن تور بېكەت ئىگىلىرىنى جەلپ قىلدى.
3.سىر : بلوگنى رەسمىي ئېچىش (توردا ئېلان قىلىش)
بلوگ ئېچىلغاندا قىلىدىغان تۇنجى ئىش دوستلىرىڭىزغا ئېلخەت ياكى ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ يازمىلىرى ياكى تور بەتلىرىدە بلوگىڭىزنى تىلغا ئېلىشنى تاپىلاش. ئاۋال سىز ماڭا ياردەم قىلالايدۇ دەپ قارىغان ئادەملەردىن باشلاپ خەت يېزىڭ. بىر تىزىملىك تۈزىۋېلىپ بىردىن-بىردىن خەت يېزىڭ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تور بەت ياكى بلوگلىرىدا، مۇنبەرلەردە بلوگىڭىزنى باھالاپ ماقالە يازسۇن. Blogstorm نى ئاچقاندىن كېيىن مەن بىر قانچە داڭلىق بلوگلارغا خەت يېزىپ، ئۆزۈمنىڭ بلوگىنى باھالاپ ماقالە يېزىپ قويىشىنى ئۆتۈندۈم، نەتىجىدە بىر قانچىسى بلوگىمغا باھا بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ماقالە يازدى. تۇنجى ھەپتىدىلا مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق 30000 زىيارەتچىگە ئېرىشتىم.
ئەمەليەتتە بىر يېڭى تور بەت مەيدانغا كەلگەندە سىرلىق بىر مەخپىيەتلىك يوق. پەقەت تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسىڭىز بولدى.
دوستىلىرىڭىزغا ئېلخەت يوللاش
سىز بىلىدىغان ئادەملەرگە ئېلخەت يوللاش
ئىجتىمائىي تور بېكەتلەردىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىش
ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋىتىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىش
4.سىر: ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىغا بېقىش
بلوگ يېڭى ئېچىلغاندا نۇرغۇنلار كۆپلىگەن ئۇلىنىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىمەن دەپ ئويلايدۇ. ئەمما تور كۆرگۈچىلەر كۆپ ئۇلىنىش ۋە كۆپ ئېلان قىستۇرۇلغان ماقالىلەرنى ئانچە ياقتۇرمايدىكەن. مېنىڭ ئۇسۇلۇم، ئۇلىنىش كۆپ بولۇپ كەتكەن ماقالىلارنى ھەپتىدە بىرەر قېتىملا يوللايمەن. باشقا ماقالىلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە پايدىلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن. ئەلۋەتتە بەزىدە يۇقىرى سۈپەتلىك ماقالىلار ئۇلىنىش قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ماتېرىيال، بۇنداق بولغاندا بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدۇ.
5. سىر : قايتۇرما ئۇلىنىش
ھەر ھەپتىدە ئەڭ كەم دىگەندە بىر چوڭ ياكى داڭلىق بلوگدا ئۇلىنىش قىلالىسىڭىز بۇ ناھايىتى ياخشى ئادەت. شۇنداق بولغاندا ھەتتا بەزى كۆرۈرمەنلەر تەبئى ھالدا سىز ئۇلىنىش قىلغان ماقالىنى باشقا ئىجتىمائىي تور بېكەتلەردە ئۇلىنىش قىلىپ قويىدۇ.(دىققەت بۇ يەردە يازغۇچىنىڭ دېۋاتقىنى سىز بلوگىڭىزدىكى مەلۇم بىر سۈپەتلىك ماقالىنى، ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىدىن چوڭراق بىر تور بېكەتكە يوللاپ، ئۆز بلوگىڭىزنىڭ ئۇلىنىشىنى مەنبە قىلىپ بېرىسىز دىمەكچى- تەكلىماكان). JohnChow بلوگى ماڭا بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى.
6.سىر ئىناۋەت تىكلەش
ھەر بىر بلوگ يازغۇچى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بلوگقا قويغان باھاسى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ نۇقتا يېڭى پەيدا بولغان بلوگقا نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم ئەلۋەتتە. بىر قىسىم تەنقىتلەش ياكى سەلبى ئىنكاسلارنى كۆرگەندە دەرھال جاۋاب قايتۇرۇش، مۇۋاپىق ھەركەت قوللىنىپ تورداشلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشىش كېرەك.
7.سىر: يۇقىرى سۈپەتلىك مەزمۇن
توردا بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك بلوگ قۇرىمەن دەيدىكەنسىز يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۆزلۈكسىز يېڭلىنىپ تۇرىدىغان مەزمۇن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل. مەن ھەر بىر تەكلىماكان بلوگ زىيارەتچىسىنىڭ ھەر قېتىم زىيارەت قىلغاندا بلوگنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە چوقۇم يېڭى بىر بىلىمگە ئىگە بولىشىنى ئۈمد قىلىمەن. بۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆز بلوگلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە پايدىسى بار.
توغرا ئۇسۇلدا قىلىنغان تەشۋىقات بولمىسا، ھىچكىم سىزنىڭ بلوگىڭىزنى بايقىمايدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك مەزمۇن بولمىسا ھىچكىم سىزنىڭ بلوگىڭىزنى داۋاملىق ئوقۇمايدۇ.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: