A turkology blog

Archive for ماي, 2008

ھۇنگارىيە ۋە شياڭگاڭدىكىلەر ئەمدى بانكا كارتىسى ئارقىلىق پۇل ئالىدۇ.

Adsense بۆلۈمى بۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھۇنگارىيە (ۋېنگېرىيە) ۋە شياڭگاڭ (خوڭكوڭ) دىكى Adsense ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ بانكا كارتىسى ئارقىلىقلا پۇل قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمدى پوچتا ئارقىلىق چەك ئەۋەتىش ھاجەتىسزكەن. بۇرۇنقىدەك خەت قاچان كېلەر دەپ ساقلايدىغان ئىشمۇ يوقكەن. بۈگۈن پۇلنى ئىلتىماس قىلسا ئەتىسىلا بانكىغا بېرىپ كارتىدىن چىقىرۋالغىلى بولىدىكەن.
Adsense نىڭ بۇ ئىقتىدارىنىڭ جۇڭگودىمۇ تېزرەك ئومۇملىشىىشىنى ئۈمد قىلىمەن. بارلىق Adsense چىلارنىڭ بېشىنى ئاغىرتىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى دەل مۇشۇ. تاپقان پۇلىڭىزنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاي ساقلايدىغان گەپ، تېخى كەلگەن چەكنى بانكىغا ئاپىرىپ، پۇلنى قولغا ئالغۇچە يەنە قىرىق نەچچە كۈن ساقلايدىغان گەپ.
شۇنىڭ بىلەن Adsense تۆۋەندىكى دۆلەتلەرگە ئېلىكترونلۇق يول (بانكا كارتىسىغا بىۋاستە پۇل سېلىش ئۇسۇلى EFT) ئارقىلىق ئېلان كىرىمىنى بېرىدۇ.

Australia

Australian Dollar

Austria

Euro

Belgium

Euro

Canada

Canadian Dollar

Czech Republic

Koruna

Denmark

Krone

Finland

Euro

France

Euro

Germany

Euro

Hong Kong

Hong Kong Dollar

Ireland

Euro

Israel

Shekel

Italy

Euro

Japan

Yen

Mexico

Peso

Netherlands

Euro

New Zealand

New Zealand Dollar

Norway

Krone

Poland

Zloty

Portugal

Euro

Slovakia

Koruna

Spain

Euro

Sweden

Krona

Switzerland

Franc

Turkey

Lira

United States

United States Dollar

United Kingdom

British Pound

Advertisements

بلوگ ۋە شاھمات

بۈگۈن نادىشا كابرال بىزگە نىمە ئۈچۈن بلوگىرلار شاھمات تاختىسىدىكى پىشكىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ قىزىقارلىق ئوخشىتىشلار بلوگ يازغۇچىلارنىڭ كۆرمىسە بولمايدىغان ئوقۇشلۇقى. بلوگىرلار پىىشكىغا ئوخشايدۇ.
ئويۇننى باشلىغاندا سانى كۆپ، قىممىتى تۆۋەن
شاھمات باشلانغاندا پىشكىلار ناھايىتى كۆپ، ھەرقانداق بىر تۈردىكى ئۇرۇقتىن كۆپ، بۇ ھەممە بلوگىرنىڭ بېشىنى ئاغىرتىدۇ. دەسلەپتە بەك نۇرغۇن ئادەم بىللە باشلايدۇ. ئاخىرغىچە بارالايدىغانلار ناھايىتى ئاز.
ئەڭ ئاۋال مىدىرلايدىغانلار يەنىلا پىشكا
چوڭ-چوڭ تور بېكەتلەردە بىرەر يېڭى ئۇچۇر كۆرۈنۈشتىن بۇرۇنمۇ ئاۋال بلوگدا كۆرۈنىدۇ. شاھمات تاختىسىدىمۇ ئاۋال پىشكا ماڭىدۇ. بلوگ باشلانغاندا نۆلدىن باشلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئامال يوق. ئاستا-ئاستا ئالدىغا قاراپ ماڭىدىغان گەپ.
پىشكا بىرىنچى قېتىم مىدىرلىغاندا 2 قەدەم ماڭسا بولىدۇ
بلوگنى دەسلەپ يازغان كۈنى كۆپرەك يازما يازىسىز، نادىر، تاللانغان نەرسىلەرنى كۆڭلىڭىزدىكى باشقىلارنى قىززىقتۇرالايدىغان يازمىلارنى يازىسىز. بىراقلا 2 قەدەم ئىلگىرلىگىلى بولىدۇ. ئەمما ۋاقت ئۆتكەنسىرى، ئالدىغا قاراپ ماڭغانچە پەقەت بىر قەدەملە ماڭغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز. ئىشلار شۇنداق. بۇنىڭغا ئامال يوق.
كۆپلىگەن پىشكىلار ئۆلىدۇ ياكى توسۇلۇپ قالىدۇ
ئالدىغا قاراپ ماڭغانچە توسالغۇلار بەك كۆپ، نۇرغۇن پىشكىلار يىيىلىپ كېتىدۇ، ياكى توسۇلۇپ مىدىرلىيالماس بولۇپ قالىدۇ. نۇرغۇن بلوگىرلار دەسلەپتە قىزغىنلىق بىلەن باشلاپ، ئوتتۇرغا كەلگەندە زىيارەتكە ئادەم چىقمىسا توختاپ قالىدۇ. دەسلەپ يۈز ئادەم باشلىسا ئاخىرىغا بارىدىغىنى ناھايىتى ئاز. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلار شۇنداق ئاز بولىدۇ ھەم ساز بولىدۇ. بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ بىر قانۇنىيەت. ھەممە ئىشتا ئوڭۇشسىزلىق بار.
چىداپ ئاخىرقى نۇقتىغا بارغان پىشكىلارنىڭ كۈچى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ
پىشكىلار ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ بارغاندا كۈچى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى كۈچىدىن ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئۇ باشقا چوڭ-چوڭ، كۈچلۈك ئۇرۇقلارغا ئايلىنالايدۇ. ئىشلار ئەنە شۇنداق. ئەمما ئاخىرقى نۇقتىغا بارىدىغان پىشكىلار ناھايىتىمۇ ئاز. ئۆتكەندە 25 مىليون دوللارغا ستىلغان ئارز تېخنىكا بلوگىنى خەۋەر قىلدۇق. ئاخىرقى نۇقتىغىچە چىداپ بارالىغان بلوگلارنىڭ تەغدىرى خۇددى شۇ پىشكىلاردەكلا بولىدۇ.
پىشكىلار ئاخىرقى نۇقتىغا يېقىنلاشقاندا ھۇجۇمغا كۆپ ئۇچرايدۇ
ئاخىرقى نۇقتىغا باراي دەپ قالغان پىىشكىغا قارشى تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇنى كۈچلۈك ئۇرۇققا ئايلاندۇرغىلى قويمايدۇ. ئەمەليەتمۇ شۇنداق. بلوگ تەرەققىي قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش باسقۇچىدا تۇرغاندا نۇرغۇن تورداشلار ھەسەت قىلىشى، ۋىرۇس ئېسىشى، تور بېكەتلەردە يامان تەشۋىق قىلىپ تىللىشى مۇمكىن. بۇنىڭلىق بىلەن ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىپ باشتىن باشلاش كەتمەيدۇ. سىزدىن خاتا كەتكەن جايلار بولسا تۈزىتىش كېرەك. ئەمما سىز ئاللىبۇرۇن يەتتە قەدەم ماڭدىڭىز، ئەگەر بىر قەدەملا ماڭسىڭىز كۈچلۈك ئۇرۇققا ئايلىنىسىز، ئۇ چاغدا ھەممە تەرەپكە خالىغانچە ماڭالايسىز. نىمىشقا ۋاز كەچكۈدەكمىز؟
سىز داۋاملىق پىشكا بولامسىز؟
بلوگىر پىشكىغا ئوخشايدۇ، ئالدىڭىزغا ھەر قېتىم بىر قەدەملا ماڭالايسىز، ئەمما يۆلىنىشنى سىز بەلگىلەيسىز، خاتا ماڭسىڭىزلا توسۇلۇپ قالىسىز ياكى باشقىلار سىزنى يەيدۇ. شۇڭلاشقا مەڭگۈ پىشكا بولمايمەن دەيدىكەنسىز ئاخىرغىچە ئۆزىڭىزنىڭ يۆلىنىشىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.
داررېن راۋزنىڭ شۇ ناملىق يازمىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلدىم. ئەسلى ئېنگلىزچە ماقالە

ئېلاندىن باشقا يول يوقمۇ؟

بلوگ ئۈچۈن پۇل تاپىدىغان ئېلان قويۇشتىن باشقا يول يوقمۇ؟ باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟ بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سۇئاللارغا چۈشنۈشلۈك جاۋابلار بېرىپ ئۆتىمىز.
ئاۋال ئاددىراق قىلىپ سۆزلەي. بلوگنىڭ پۇل تېپىشىدا مەن بايقىغان بىر نەچچە تۈرلۈك يول بار.
1. مال سېتىش، ئۆزىڭىزنىڭ شىركىتى (زاۋۇتى ياكى ئۆزىڭىزنىڭ دۇكىنىدىكى) ماللارنىڭ ئۇچۇرىنى بلوگدا تەمىنلەپ سېتىش. خېرىدار سىز تارقاتقان ئىسىم كارتۇچكىسىدىكى تور بەت ئادرېسى، ئىزدەش ماتورى، سىز مۇنبەرلەردە چاپلىغان ئېلان ۋە تۈرلۈك ئۇلىنىشلار ئارقىلىق بلوگىڭىزنى تاپىدۇ. مېنىڭچە يەر شارىدىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مۇشۇ ئۇسۇلدا خېرىدارنىڭ تەلىپىگە يېقىنلىشىپ بازارنى جانلاندۇرۋاتىدۇ. ھەرقانداق بىر داڭلىق شىركەتنىڭ بلوگ ئاچقانلىقىنى كۆرىسىز. ئەلۋەتتە سىزمۇ شۇنداق قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ. Ebay.com دەك چوڭ سودا تورلىرىدا خەلقئارالىق دۇكان ئاچقانغا ھەق تۆلەيسىز، سىز ئاۋال ماللارنى بلوگدا ئېلان قىلىپ، ئاندىن Ebay.com دىگەندەك تور بېكەتلەردە ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلسىڭىز، دائىملىق خېرىدارلار بلوگدىن تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىشى مۇمكىن. مال سېتىش بىلەن بىرگە بلوگدا يەنە ئېلان قويسىڭىز ئىككى يول ئارقىلىق كىرىم قىلالايسىز.
2. باشقىلار ئۈچۈن ماقالە يېزىپ بېرىش.
Squidoo ۋە Payperpost قا ئوخشاش داڭلىق شىركەتلەر بار، ئۇلار بلوگىرلارنى مەخسۇس تېما بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەگەر سىز شۇ تېمىدا ئۇلارنىڭ تەلىپىگە لايىق ماقالە يازالىسىڭىز ئىش ھەققى بېرىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 5 دوللار بېرىدۇ. Payperpost قا نۇرغۇن شىركەتلەر ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى ھەققىدە ماقالە يېزىپ بېرىش ئىلتىماسى سۇنىدۇ، بۇ مەھسۇلاتلار ئىنتېرنېت، يۇمشاق دېتال ياكى تۇرمۇشتىكى ماللار بولىشىمۇ مۇمكىن، سىز ئىشلەتكەن بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەسىراتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، ماقالە يېزىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.
مەسلەن مەن يازغان بىر پارچە ماقالە:
ئاخشام تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىنىڭ 13-بۆلۈمىنى يانفوندا كۆرۈۋېتىپ، تازا قىززىق يېرىگە كەلگەندە يانفوندا ئاۋاز يوق، مەن ئادەتتە ھەر كۈنى كەچتە ياتقاچ يانفونغا قاچىلىغان Divx Player ئارقىلىق توردىن چۈشۈرگەن DVD كىنولارنى كۆرىمەن. نىمە بولغاندۇ دەپ، ئالدىغا-كەينىگە يۆگىتىپ قويساممۇ ئاۋاز يوق، نىمە ئىشلار بوپ كەتتى بۇ. تازا پەچەت يېرىگە كەلگەندە ئاۋازى ئۆچۈپ قالدى. يانفوننى سىلكىپ باقتىم، ئۇرۇپ باقتىم ! يەنىلا جىم !
نىمە ئىش بۇ؟ بايا ئاۋازى چىققان يەرمۇ ئەمدى چىقماس بولۇپ قالدىغۇ؟ ئىچىم بەك پۇشتى، راستلا…. مايكول بىلەن سۇزەن ۋە باشقىلار موزىيغا كىرىۋاتقاندا … ھەي ! بۇ كىنونى كۆرۈۋاتقان ئادەم يېۋاتقان تامىقىنى قويۇپ كۆرىدىغان تۇرسا. ما يانفوننىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى ! ئاچچىقىم بەك كەلدى. مۇشۇ كېچىدە دەرۋازىنى ئېچىپ تورخانىغا يۈگرەمدىم ئەمدى؟
زادى ئىچىم پۇشتى. كاللامغا ئازراق ئەقىل كەلگەندەك بولدى، بەلكىم يۇمشاق دېتالنىڭ كاشلىسىدۇ دەپ، يانفوننى قايتا فورماتلاپ، Divx Player نى قايتا قاچىلىدىم. قايتا قويسام يەنىلا ئاۋاز يوق. خەپ !
زادى ئۇخلاشقا ئامال يوق. ئاخىرى قانداق بولار ؟
بولدىلا دەپ، ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە تورخانىغا مېڭىش ئۈچۈن كىيىم – كىيىشكە تەمشەلدىم. تورخانا بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى نەچچە كىلومىتېر كېلىدۇ دەڭە. بۇ كېچىدە ماڭا كىرا قىلىدىغان تاكسى نەدە تۇرۇپتۇ !
كىيىم كىيگەچ قولىقىمدىكى تىڭشىغۇچنى ئېلىۋىتەي دەپ، قۇلىقىمنى تۇتسام تىڭشىغۇچ يوق ! ئاپلا ، ما كاساپەتنى !!! ئەسلىدە تىڭشىغۇچ يەرگە چۈشۈپ كېتىپتىكەن ئەمەسمۇ ! شۇڭا ئاۋاز ئاڭلانماپتۇ !
ھەي ! بۇ Sony ماركىلىق تىڭشىغۇچ ئىدى. بەك سىلىق، قۇلاققا تاقاپ قويسڭىز بار-يوقلۇقىنى بىلمەيلا قالىدىكەنسىز، شۇنداق يەڭگىل، قۇلاقنى پەقەت ئاغىرتمايدىكەن.
*************
ئەنە شۇنداق مەن يۇقىرىدا يازغان ماقالىگە ئوخشاش ماقالىدىن بىرنى سىز تونۇشتۇرماقچى بولغان مەھسۇلاتقا ئاتاپ ئېنگلىزچە يېزىپ بەرسىڭىزلا 5 دوللاردىن 50 دوللارغىچە پۇل ئالالايسىز. Payperpost.com قاتارلىق شىركەتلەر Forbes دىگەندەك ژۇرناللاردا نامى تىلغا ئېلىنغان. شۇڭلاشقا ئىشەنچىلىك.
3. بلوگنى مەخسۇس ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئېلان سورۇنى قىلىش
ئالايلۇق سىز بىر پروگراممېر، باشقىلار ئۈچۈن تور بەت، يۇمشاق دېتال دىگەندەكلەرنى ياساپ بېرىپ پۇل تاپىسىز، ئۇنداقتا بلوگ سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سورۇن بولالايدۇ. سىز ئۆزىڭىز تەمىنلەيدىغان بارلىق مۇلازىمەتلەر، بارلىق شەرتلەر، ھەق ئېلىش ئۆلچەملىرى ۋە ئالاقە ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى بلوگدا تەمىنلەڭ.
بلوگدا يەنە سىز ئەڭ ياخشى ياسىغان ئۈلگىلەرنى تەمىنلەڭ. خېرىدارلار كۆرۈپ باقسۇن، سىزنىڭ قابىليىتڭىزنى كۆرسۈۇن. سىز ئەڭ يېڭى ئىشلىگەن ئىشلارنى ھەم بلوگدا ئېلان قىلىپ تۇرۇڭ. مۇناسىۋەت تورى ۋە ئىناۋەت بارغانسىرى ئاشىدۇ. مەن نۇرغۇن ئۇيغۇر پروگراممېرلارنىڭ تور بەت ياسايمىز، ئۇنى قىلىمىز، بۇنى قىلىمىز دەپ ئۆزى ئۈچۈن بىرمۇ تور بەت ياسمىغانلىقىغا، ھە دىسە باشقىلارنىڭ مۇنبىردىلا ئېلان بېرىپ يۈرگىنىگە ھەيران. ئۆزىڭىز ئۈچۈن تور بەت ياسىمىسىڭىز ھىچ ۋەقەسى يوق. ئەمما بىر بلوگ يېزىپ، بازارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن خېرىدارلار ئۆزىنىڭ تەسىرات ۋە پىكىرلىرىنى بلوگدا ئىنكاس قىلىشى، سىز بىلەن مەڭگۈلۈك ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، بازىرىڭىزنى كېڭەيتىپ بېرىشى مۇمكىن.
4. بلوگدا ھەقلىق يازما ئېچىش
بۇنىڭ ئۈچۈن سىز بىر داڭلىق يازغۇچى، ياكى ھەقلىق بىر نەرسە يازالايدىغان بولىشىڭىز كېرەك. سىز يازغان نەرسىلەرنىڭ پۇلغا سېتىۋالغۇدەك قىممىتى بولىشى كېرەك. نۇرغۇن بلوگ پروگراممالىرىنىڭ مەخپى نومۇر ئورنىتىش ياكى پۇل تۆلىگەندىن كېيىن كۆرسىتىش ئىقتىدارى بار، بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ بلوگدا ھەقلىق يازما يازالايسىز.
مەسلەن مەن ئەگەر «كۈندە 100 دوللار تېپىش ئۇسۇلى» دىگەن بىر يازمىنى يېزىپ، بېشىنى باشلاپ قويۇپ، ئاخىرىغا كەلگەندە مانچە پۇل بەرسىڭىز داۋامىنى ئوقۇيالايسىز دىسەممۇ چوقۇم پۇلغا سېتىۋېلىپ ئوقۇيدىغانلار چىقىدۇ.
دىققەت قىلىڭكى بۇ بلوگنىڭ ئىناۋەت مەسلىسى، بىر قېتىملىق پۇل تېپىش ئاسان، ئەمما مەڭگۈلۈك مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇش تەس، شۇڭلاشقا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ بلوگ يازغاندا ئالدامچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ. سىز تەمىنلىگەن ھەقلىق يازما چوقۇم، سېتىۋالغۇچىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا سېتىۋالغۇچى قانۇن ئارقىلىق سىزنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپالايدۇ ھەم ئالدامچىلىق ئۈچۈن بەدەل تۆلەيسىز.
مەن ئاددى مىساللارنى كەلتۈرەي.
سىز بلوگدا پۇلغا سېتىۋالغان كىتاب-ژۇرناللار، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى (HSK ئەڭ يېڭى ئاڭلاش مەشىقى، تەقلىدى ئىمتىھان…) دىگەندەكلەرنىڭ PDF ياكى باشقا نۇسخىسىنى كومپيوتېرغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرىشىنى بلوگدا تەمىنلەپ، باھا قويۇپ ساتسىڭىز بولىدۇ.
بارلىق يىللىقلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنى يىغىپ ساتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارنى قىلىش ئۈچۈن سىز يەنە سودا-سانائەت تارماقلىرىدا رەسمىيەت بېجىرىشىڭىز مۇمكىن.
….. دوستلارنىڭ باشقا ئۇسۇللىرى بولسا پىكرىىنى ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمد قىلىمەن.

Adsense ئىلتىماسىم نىمىشقا تەستىقلانمايدۇ؟

يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن تورداشلار خەت يېزىپ Adsense ئىلتىماسىنىڭ ئىزچىل تەستىقلانمايۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. ۋە سەۋەبىنى سوراشتى. بۈگۈن بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمىز.
بىز نورمال ئەھۋالدا ئىلتىماسنى 24 سائەت ئىچىدە تەستىقلايمىز، ئەگەر دەم ئېلىش ياكى بايرام كۈنلىرى بولۇپ قالسا ئىش كۈنىگە سۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئەگەر ئىككى ئىش كۈنى ئۆتۈپمۇ تەستىقلانمىسا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ بىرى:
1. سىز ئېلخەتتە تەستىقلىمىغان.
بىز سىز ئىلتىماس ئەۋەتكەندىن كېيىن دەرھال Email ئارقىلىق سىزگە بىر پارچە ئىلتىماس قىلغانلىقنى تەستىقلاش خېتى ئەۋەتىمىز، خەتتە ئۇزۇن بىر ئۇلىنىش بار، سىز شۇ ئۇلىنىشنى چېكىش ۋە مۇۋاپىق مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق ئىلتىماس ئەۋەتكەنلىكىڭىزنى تەستىقلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئىلتىماس ئەۋەتىپ تېخى ئېلخەتنى ئېچىپ تەستىق خېتىنى چەكمىگەن بولسىڭىز بۇ قەدەمنى بېسىڭ. سىز تەستىق خېتىدىكى ئۇلىنىشنى چەككەندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە ئاندىن سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىز تەستىقلىنىدۇ.
2. سىز خەنزۇچە ئۇچۇر تولدۇرغان، ئەمما دۆلەت تاللايدىغان ئورۇندا جۇڭگونى تاللىمىغان.
ئەگەر سىز بىزگە ئەۋەتكەن ئىلتىماستا خەنزۇچە ئۇچۇر تولدۇرۇپ، دۆلەت تاللاش رامكىسىغا دىققەت قىلماي باشقا دۆلەتنى تاللاپ قويغان بولسىڭىز، ئىلتىماسىڭىز سىز تاللىغان دۆلەتتىكى Adsense ئەترىتىگە كېتىدۇ، ھەم ئۇلار سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى چۈشەنمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانمايدۇ ياكى جۇڭگو ئەترىتىگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقت كېتىدۇ. ئەگەر مۇشۇ سەۋەب بولسا بىر مەزگىل ساقلاڭ.
3. ئىلگىرى سىز تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان.
سىز ئىلگىرى Adsense كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان ھەم ھىساباتىڭىز توختىغان، شۇڭلاشقا بۇ قېتىمقى ھىسابات ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانمايدۇ. بىز يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھىساباتى توختاپ كەتكەندىن كېيىن باشقا كىشىلەرنىڭ نامىدا تىزىملاتماقچى بولغانلىقىنى بايقىدۇق. بۇنداق ئىلتىماسلار ھەم تەستىقلانمايدۇ. بىز بايقىيالايمىز.
ئىلگىرى Adsense كىلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھىساباتى توختاپ كەتكەن تورداشلارنىڭ قايتا ئىلتىماس قىلىپ، Adsense پروگراممىسىغا قاتنىشىش ئۈمىدىدە بولماسلىقىنى ئۇقتۇرىمىز. بىز مەڭگۈ تەستىقلىمايمىز.
بۇ ئۇچۇرلار بۈگۈن Adsense بۆلۈمىنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىنىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىز تەستىقلىنىشى ئۈچۈن يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ ھىچقايسىسى بولمىسا تور بېكىتىڭىز Adsense كىلىشىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن تەستىقلانمىغان تورداشلار ئۆزىنىڭ تور بېتىنى Adsense كىلشىمىدىكى مەزمۇنلارغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇۇپ قايتا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

Google AdSense China Blog: 我的申请为什么没有被审核?

بىر ئېنگلىزچە بلوگىڭىز بولسۇن

نىمىشقا ؟ كۆپۈنچە ئېلان شىركەتلىرى ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە بلوگلارنى قوللىمايدۇ. بلوگ ئارقىلىق چوڭراق پۇل ساناشنى ئارزۇلىغان دوستلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم شۇكى چوقۇم زىيارەت سانى يۇقىرى بىر ئېنگلىزچە بلوگ بولسۇن. ئۇ بلوگدا داۋاملىق بىر نەرسە يېزىپ تۇرۇش ھاجەتسىز. تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ.
1. بلوگ blogger.com دا بولسا ياخشى. چۈنكى ھەرقانداق كودنى قىستۇرۇشقا بولىدۇ. ھەم ھەرقانداق ئېلان شىركىتىنىڭ تەستىقىدىن ئاسانلا ئۆتىدۇ.
2. ئېنگلىزچە بلوگ بولۇشنىڭ مەقسىتى مەن ھازىرغىچە بايقىغان ھەرقانداق بىر ئېلان شىركىتى ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدۇ، ياكى ئاساسەن قوللىمايدۇ. شۇڭلاشقا ئېلان ئىلتىماس قىلغاندا ئاۋال ئېنگلىزچە بلوگ ئارقىلىق ئېلان ھىساباتىغا ئېرىشىپ ئاندىن كودنى ئۇيغۇرچە بلوگدا چاپلىساق بولىدۇ.
3. بۇ بلوگنى دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش ھاجەتسىز، ئەمما زىيارەت سانى ئادەتتىكىچىرەك بولسۇن، بەك ئاز بولۇپ قالمىسۇن، بۇنىڭ زىيارەت سانىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن سىز يېزىۋاتقان ئۇيغۇرچە بلوگنى بىر ئىككى كۈن ئۇلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى باشقا ئۇسۇللاردىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ. كۈندە يۈز دوللار ناملىق يازمىلاردا بلوگ زىيارەت سانىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار تونۇشتۇرۇلدى. بلوگ ھۈنەرلىرى دىگەن يازمىلاردا ھەم بار.
بىر قىسىم سۇئاللارغا جاۋاب:
ئاللىبۇرۇن Google ئېلان ھىساباتىغا ئېرىشىپ بولغانلارمۇ ئېنگلىزچە بلوگ بىلەن ھەپلىشىپ يۈرەمدۇق؟
شۇنداق چۈنكى ھازىرغىچە نۇرغۇن يېڭى Adsense چىلار ھاياجانلىنىپ كېتىپ، Google ئېلانلىرىنى ئۆزى چېكىپ ياكى ئۆزى ئويلاپ تاپقان سۇ كىرمەيدىغان ئۇسۇللاردا چېكىپ ئېلان ھىسابىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. ئايرىلىپ قالغۇچىلارغا Google مەڭگۈ قايتا ھىسابات تەمىنلىمىگەندىن باشقا يەنە مەندەك،سىزدەك ئۇزۇن ئىسمى بار ، چېكلىشى سانىنى ئاشۇرىمەن دەپ ھەددىدىن ئاشۇرىدىغان، Terms of Use نى پەقەتلا ئوقۇمىغان ياكى چۈشەنمىگەن دوستلارغا ئاسان ھىسابات بەرمەيدىغان بولىۋالدى. شۇڭلاشقا ئەگەر Adsense ھىساباتى توختاپ كەتكەن تەغدىردىمۇ باشقا ئېلان شىركەتلىرى ئارقىلىق پۇل تېپىشقا بولىدۇ. YPN ۋە Adbrite لارنىڭ ئېلان كىرىمى Adsense نىڭكىدەكلا يۇقىرى. تېخىمۇ كۆپ ئېلان شىركەتلىرى پۇل تېپىش پۇرسىتى تۈرى ئىچىدىكى يازمىلاردا تونۇشتۇرۇلدى.
كۆپلىگەن ئېلان شىركەتلىرىنىڭ ئېلانلىرىنى بىرلا بلوگدا قويساق بولامدۇ؟
رۇخسەت قىلىنسا بولىدۇ. سىز ئىشلەتكەن ئېلان شىركىتىنىڭ ئىشلىتىش كىلشىمىدە بۇ ھەقتە تەپسىلى ئۇچۇر بولىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار ئۆزىنىڭ ئېلانىدىن باشقا ئېلانلارنى قويۇشقا رۇخسەت قىلسا قويسىڭىز تامامەن بولىدۇ. مەسلەن Google رۇخسەت قىلغان. Baidu رۇخسەت قىلمايدۇ.
ئېنگلىزچە بىلمەيمەن قانداق قىلىمەن؟
مەن ئېنگلىزچە بىلىڭ دىمىدىم، ئېنگلىزچە بلوگ بولسۇن دېۋاتىمەن. ھەم سىز بۇ بلوگنى داۋاملىق يېزىپ تۇرمايسىز، ئۆزىڭىز بىلىدىغان ۋە تەكلىماكان بلوگدا تونۇشتۇرۇلغان زىيارەت سانى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ھەرقاندىقىنى ئىشلىتىپ پەقەت ئازراق ئېقىم توپلاپ قويسىڭىزلا بولدى. ئېنگلىزچە بىلىشمۇ بەك ھاجەت ئەمەس. دەسلەپ بلوگنى قۇرۇشتا translate.google.cn دىن پايدىلىنىپ، خەنزۇچە ياكى باشقا سىز بىلىدىغان تىلدىكى ماقالىنى ئاۋال ئېنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپلا يوللايسىز. ياكى ئېنگلىزچە بىلىدىغان بىرەر دوستىڭىز سىزگە ياردەملىشىپ دەسلەپ بلوگ تىزىملىتىپ بەرسە بولىدۇ.
باشقا ئېلان شىركەتلىرى Google دەك ئىشەنچىلىكمىدۇ؟
تەكلىماكان بلوگدىكى پۇل تېپىش پۇرسىتى نامىدىكى يازمىلاردا تونۇشتۇرۇلغان ئېلان شىركەتلىرىنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ تارىخى Adsense تىن ئۇزۇن. ئۇلار كۆپلىگەن گېزىت-ژۇرناللاردا نامى تىلغا ئېلىنغان ئىشەنچىلىك ئېلان شىركەتلىرىدۇر. سىز خالىغانغا تىزىملىتىپ، قايسىنىڭ كىرىمى يۇقىرى كۆرۈنسە شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانسىڭىز بولىدۇ.
Blogger.com دىن ئالغان بلوگ ئېچىلمايدىغان تۇرسا؟
بەلكىم ئېنگلىزچە سۆزلەيدىغان رايوندا ئېچىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ. بلوگنىڭ زىيارەت سانىنى ئاساسەن ئېنگلىزچە سۆزلەيدىغان رايونلاردىن توپلىسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
بۇ يازما پەقەت تور بېكەت ياكى بلوگدا ئېلان قويۇپ كىرىم قىلىۋاتقانلارغا قارىتىلغان. باشقا مەقسەتتە بلوگ يازغانلارنىڭ ھىچقايسىسىغا ماس كەلمەيدۇ.
ئېنگلىزچە بلوگ يازغاندىمۇ ئوخشاشلا سىز تۇرىۋاتقان دۆلەت (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى) نىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىشىڭىز، بلوگدا نەشىر ھوقۇقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغان ناخشا، كىنو، يۇمشاق دېتال دىگەندەكلەرنىڭ چۈشۈرۈش ياكى كۆرۈش ئادرېسى بىلەن تەمىن ئەتمەسلىكىڭىز، شەھۋانى، ئەخلاقسىز نەرسىلەرنى يوللىماسلىقىڭىز لازىم. چۈنكى بۇ نوقتىلارغا بىزدىن باشقىلار بەك دىققەت قىلىدۇ. ھەم بۇ ئەخلاق مەسلىسى.

Blogads ئارقىلىق پۇل تېپىش

BlogAds شىركىتى مەخسۇس بلوگ (تورتۇرا) ئۈچۈن ئېلان تەمىنلەش سۇپىسى بار شىركەت. بۇ شىركەتمۇ Google Adsense قا ئوخشاشلا ئىشەنچىلىك. ھەر ئايدا كەم دىگەندە 50 دوللاردىن 5000 دوللارغىچە پۇل تاپقىلى بولىدۇ. ئەمما تىزىملىتىش تەس، ئۇلار يولغا قويغان بىر قانچە تىللىق بلوگلا تىزىملىتالايدۇ. تىزىملىتىش ئۈچۈن ھەم بۇرۇن BlogAds بىلەن شۇغۇللانغان بىرسىنىڭ تەكلىپى بولىشى كېرەك. ئەگەر تەكلىپكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز blogads.com غا كىرىپ، ئۇلار تەمىنلىگەن ئېلاننى بلوگىدا قويغان يازغۇچىلارغا ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق تەكلىپ ئەۋەتىشنى ئۆتۈنسىڭىز بولىدۇ.
بۇ شىركەتكە مەن 3 يىل بۇرۇن تىزىملاتقان، ئەمما ئۇزۇن ۋاقت كارىم بولمىدى، بۈگۈن ئېچىپ قارىساممۇ باركەن. شۇڭلاشقا مەن ئۇنى ئىشەنچىلىك دەپ قارايمەن. ماشابول قاتارلىق ژۇرناللاردىمۇ ئۇنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپتۇ.
ئادرېسى: www.blogads.com

ئەسكەرتىش: تەكلىماكان بلوگدا تەۋسىيە قىلىنغان ئېلان شىركەتلىرى بەلكىم ئۇيغۇرچە بلوگلارنى قوللىماسلىقى مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى سىز قىززىقان تور بېكەتنىڭ ئاستىدىكى Terms of Service دىگەن جايدا بار. تەكلىماكان بلوگ مەزكۇر بېكەتلەرنىڭ ھەرقانداق باياناتى ۋە كىلشىمىگە مەسئۇل ئەمەس.

بلوگ 25 مىليون دوللارغا سېتىلدى

بۇ خەۋەر ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان: Ars Technica (ئارز تېخنىكا) بلوگى 25 مىليون دوللارغا سېتىلدى. ئارز تېخنىكا بلوگى 1998 – يىلى ئارز ئەپەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئۇ قاتتىق دېتال ھەققىدكى يازمىلار بىلەن بلوگنى باشلىغان. ئارزنىڭ قۇرغۇچىسى ھازىر ھەر ئايدا 1.5 مىليون زىيارەتچى ۋە 4 مىليوندىن ئارتۇق تور بەت كۆرۈلۈشى بار دېدى.
نۇرغۇن بلوگىرلار بلوگنىڭ كىرىمىنى تور بېكەتكە يەتمەيدۇ دەپ قارايتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئارزنىڭ 25 مىليون دوللارغا سېتىلىشى بىلەن بۇ قاراشقا خاتىمە بېرىلدى بولغاي. بارلىق بلوگىرلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
مەزكۇر خەۋەرنىڭ ۋاشنگتون پوچتا گېزىتىدىكى مەنبەسى
ئارز تېخنىكا بلوگ ئادرېسى arstechnica.com