A turkology blog

تور ئالبۇمى تورداشلار ھەقسىز رەسىم بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەم رەسىملەرنى ئۆزى كۆرۈش ياكى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان بوشلۇق. تۆۋەندىكىلىرى بىر قەدەر ئىشەنچىلىك ھەم سىناقتىن ئۆتكەن ئېسىل تور ئالبۇملىرى.
1. ياھۇ Flickr
Yahoo شىركىتى تارمىقىدىكى ھەقسىز تور ئالبۇمى. ھەقسىز ئىشلەتكۈچىلەر ھەر ئايدا 100mb چوڭلۇقتا رەسىم چىقىرالايدۇ. سىرىتقى ئۇلىنىش قىلىشنى قوللايدۇ. رەسىملەر چوقۇم ئۆزى تارتقان ياكى ئۆزىگە تەۋە رەسىملەر بولىشى كېرەك. رەسىملەرنى كىرىشتۈرۈپ كارتون فىلىم (فلاش) قىلىپ كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
ئادرېسى: Flickr.com
2. پىكاسا Picasa
ئېتى داڭلىق رەسسام پىكاسونىڭ ئىسمىغا ئوخشايدىغان بۇ تور ئالبۇمى Google شىركىتىگە قاراشلىق. 1G ھەقسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. سۈرەتكە چەك قويمايدۇ. سىرىتقى ئۇلىنىش قىلىشنى قوللايدۇ. ئالبۇمدىكى رەسىملەرنى ئۆز-ئارا كىرىشتۈرۈپ فلاش قىلىپ قويۇشقا ۋە بۇ فلاشنى باشقا ئورۇنغا كۆچۈرۈشكە بولىدۇ.
ئادرېسى: picasa.google.com
3. پانورامىيو Panoramio
مەزكۇر شىركەتمۇ Google غا تەۋە دىيىشكە بولىدۇ. چۈنكى Google ئۇنىڭ كۆپ قىسىم پايچەكلىرىنى سېتىۋالغان. Panoramio غا چىقىرىلغان رەسىملەرنى Google Earth ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. شۇڭلاشقا Panoramio غا پەقەت جۇغراپىيىلىك رەسىملەرلا چىقىرىلىدۇ. باشقا رەسىملەر چىقىرىلسا ئۆچۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن.
ئادرېسى: Panoramio.com
4. مىكروسوفتنىڭ Windows Live ئالبۇمى
مىكروسوفت شىركىتىگە تەۋە ھەقسىز تور ئالبۇمى، بوشلۇق چەكسىز، ئەمما ھەر ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 پارچە رەسىم چىقىرىشقا بولىدۇ. Windows رەسىم قورالى ئارقىلىق رەسىمنى توپ يوللاشقا بولىدۇ. يوللىغان رەسىملەر Live Space تە ئىشلىتىلسە بولىدۇ. رەسىملەرنى باشقا جايغا ئۇلاپ چاپلاشقا بولىدۇ.
ئادرېسى: spaces.live.com/photos
5. فوتولوگ Fotolog
رەسىملىك بلوگ دىيىشكىمۇ بولىدۇ. 1G ھەقسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەر ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 100mb چىقىرىشقا بولىدۇ. رەسىملەرنى باشقا ئۇرۇنغا ئۇلاپ چاپلاشقا بولىدۇ.
ئادرېسى: Fotolog.com
6. مەن بەزىدە ئىشلىتىپ قويىدىغان Yupoo
يۇپۇ جۇڭگودىكى داڭلىق تور ئالبۇم مۇلازىمەتچىسى. 60mb ھەقسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمما كېيىنچە كېڭەيتىشكە بولىدىكەن. رەسىملەرنى سىرىتقى ئۇلىنىش قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئالبۇمنىڭ سۈرئىتى باشقا ئالبۇملارغا قارىغاندا تېز. ئەمما دەسلەپ بىر قانچە پارچە رەسىم چىقارغاندا چوقۇم رەسىملەرنىڭ «نەشىر ھوقۇقى» ۋە «شەخسى ماتېرىيال» نى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىنلا باشقا ئورۇنغا ئۇلاپ چاپلاشقا بولىدۇ.
ئادرېسى: Yupoo.com
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋاڭيى (163) شىركىتىنىڭ، بەيدۇ شىركىتىنىڭ ۋە QQ شىركىتىنىڭ ھەقسىز تور ئالبۇملىرى بار، پەقەت شۇ شىركەت تەمىنلىگەن تور بەتتىن باشقا ھىچقانداق ئورۇندا ئۇلىنىش قىلىشقا ياكى كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمىغاچقا بۇلارنى تەۋسىيە قىلمىدىم. ئەمما ئۇلارنىڭمۇ بېرىدىغان بوشلۇقى ۋە مۇقىملىق دەرىجىسى يۇقىرى.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: