A turkology blog

كىچىك ئوپېرا «Opera Mini» ئوپېرا شىركىتى مەخسۇس يانفون ئۈچۈن ئىشلىگەن تور كۆرگۈچ، بۈگۈن نوكىيا 6680 يانفونغا قاچىلاپ سىناپ باقتىم. ئوپېرا شىركىتى ھەقىقەتەن قالتىس ئىشلەپتۇ بۇنى. ئادەتتىكى يانفون تور كۆرگۈچلىرىگە ئوخشىمايدىغان يېرى كومپيوتېردا كۆرگەندەكلا كۆرگىلى بولىدىكەن. ئوپېرادا تور بەتنى ئاچقاندا يانفون ئېكرانىدا مائۇس پەيدا بولىدىكەن. ئۇنى يانفوننىڭ يۆلىنىش تىزگىنلەش كونۇپكىسى ئارقىلىق باشقۇرىدىكەنمىز. تور بەتلەر دەسلەپ ناھايىتى كىچىكلىتىلىپ ئېچىلىدىكەن. خالىغان جايىغا مائۇسنى ئاپىرىپ چوڭايتىپ كۆرىدىكەنمىز.
ئوپېرانىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئەگەر بىز ئاچماقچى بولغان تور بەتنىڭ يانفون نۇسخىسى بولسا، ئاپتوماتىك ئىزدەپ يانفون نۇسخىسىنى ئاچىدىكەن. يەنە RSS قوشۇش ئىقتىدارى باركەن. خۇددى Google Reader Mobile نى ئىشلەتكەندەك، ئۆزىمىز ياقتۇرغان تور بەتلەرنىڭ RSS ئادرېسىنى قوشۇۋالساقلا بولىدىكەن.
نوكىيانىڭ ئۆزىدىمۇ Netscape دىن ئۆزگەرتىلگەن تور كۆرگۈچ بار. سۈرئەت، ئۇسلۇب، ئىقتىدار جەھەتتە ئوپېرا مەن سىناپ باققان ھەرقانداق يانفون تور كۆرگۈچىدىن قېلىشمايدىكەن.
ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى يەنىلا پۇل! ئالاھەزەل بىر ئاش پىشما ۋاقت تورغا چىققانغا 12 كويدىن جېقراق GPRS ھەققى ھىسابلىنىپتۇ.
يانفونغا ئوپېرانى قاچىلاش ئۈچۈن يانفوندا http://opera.com تورىغا كىرىڭ.
图像 “https://i1.wp.com/www.operamini.com/images/home/front-b2.jpg” 因其本身有错无法显示。

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: