A turkology blog

بۇ گەپ غەلىتە تۇيۇلىۋاتامدۇ. ئەگەر سىزنىڭ تور بېتىڭىز بولسا بۇ ماقالە سىزگە قانداق تەرەققىي قىلىشنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. دېۋاتقىنىم تور بەت كۆرگۈچىلەر كۆزىنى تېڭىۋېلىپ ئاندىن تور بەت كۆرىدۇ ئەمەس ئەلۋەتتە. ئەپەندى تورىنى مىسالغا ئالايلى.. بەلكىم سىز مال سېتىپ باقمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن ئۇ توردا. «سېتىۋېلىش ئۇسۇلى»، «ئالاقە ئۇسۇلى»، «باھاسى» «سېتىۋېلىش تەرتىپى» دىگەندەك ئۇچۇرلار يوغان-يوغان ئالاھىدە چوڭ خەتلەر بىلەن ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ مال سېتىۋالغۇچىلار داۋاملىق قانداق سېتىۋالىمەن؟ پۇلنى قانداق تۆلەيمەن ؟ دىگەنلەرنى سورايدۇ. ئىشقىلىپ ھازىرغىچە مەندىن بۇلارنى سورىمىغان بىرمۇ مال سېتىۋالغۇچى يوق!
سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تور بېكىتىنى مىسالغا ئالايلى. پەقەت ئۈرۈمچى رايونىدىلا سۇغۇرتى كەسپى بېجىرىدىغانلار توردا رسمىيەت بېجىرسە بولىدۇ دەپ تولدۇرىدىغان جەدۋەلنىڭ ئۈستىگە قىزىل رەڭدە پەرق ئەتكۈدەك قىلىپ يېزىپ قويۇلغان. ئەمما زىيارەتچىلەر يەنىلا ئۈرۈمچىنىڭ سىرتىدىنمۇ جەدۋەل تولدۇرۇپ تاپشۇرغان. تېخى ئۈرۈمچىنىڭ سىرتىدىن جەدۋەل تولدۇرغانلار كۆپ…
مەلۇم بىر مۇنازىرە مۇنبىرىنى مىسالغا ئالايلى : تېمىلارنى ماس سەھىپىگە يېزىڭ، تېمىلارنى يازغاندا ماس سەھىپىنى تاللاڭ… دىگەندەك ئەسكەرتىشلەر يوغان ئېلان شەكىلدە يېزىلسىمۇ، تېما يازىدىغان رامكىنىڭ يېنىغا سەھىپە تاللاش تۈرى قوشۇلغان بولسىمۇ يەنىلا نۇرغۇن ئەزالار شئېرنى Vista سەھىپىسىگە، پروگرامما لايھەلەش ھەققىدىكى يازمىسىنى تارىخ سەھىپىسىگە يوللاپ تۇرىدۇ…
تەكلىماكان بلوگدا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب تارقاتقاندىن كېيىن ئۇسلۇب قاچىلاش ئۇسۇلىنى بارلىق ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب تونۇشتۇرۇلغان يازمىلارنىڭ ھەممىسدە ئۇلىنىش قىلىپ يوللىغان بولساقمۇ يەنىلا قانداق قاچىلايمىز؟ دىگەندەك سۇئاللاردىن قۇتۇلالمىدۇق.
مېنىڭچە بەك نۇرغۇن بلوگ يازغۇچىلار، تور بېكەت باشلىقلىرى بۇنداق مەسلىگە كۆپ قېتىم ئۇچرىغان ۋە ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. تور بېتىڭىزدە ئېنىق ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ يەنە ئىشلەتكۈچىلەر قايتا-قايتا تەكرار-تەكرار خاتالىشىدۇ. سىز ئېنىق جاۋاب بېرىپ بولغان سۇئاللارنى، سىز جاۋابىنى ئاللبىۇرۇن ئاشكارا ئېلان قىلىپ بولغان سۇئاللارنى قايتا-قايتا سوراپ ھاردۇرۋېتىدۇ.
دىمەك تور بەت كۆرگۈچىلەر كۆزىنى ئېتىۋېلىپلا كۆرىدۇ، ئۇلار ئەسكەرتىشلەرگە ئەزەلدىن بويسۇنمايدۇ. بىز بېكىتىپ قويغان قائىدىگە خىلاپلىق قىلىدۇ. ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەلۋەتتە سىز بېكەت باشلىقى، بلوگىر بولغان ئادەم شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى ئىشلەتكۈچىلەرنى، زىيارەتچىلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئەسكەرتىش بېرىپمۇ كۆرگۈچىلەرنى ئىسلاھ قىلغىلى بولمايدۇ. ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىكى يەنىلا تور بېكەتنىڭ ئۆزى. قانداق ئۆزگەرتىمىز. زىيارەتچىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئۆزگەرتىمىز. زىيارەتچنىنىڭ تەجىربىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىمىز. تور بېكەتتە كۆپلىگەن ئەسكەرتىشلەرنى بېرىپ تۇرغاننىڭ ئورنىغا خاتالىق سادىر بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيارەتچىلەرنىڭ خاتا قەدەم بېسىشىغا پۇرسەت قالدۇرماسلىق كېرەك.
بىرسى پروگرامما لوگىلىكىلىق جەھەتتىن زىيارەتچىگە خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان پۇرسەت قالدۇرماسلىقى كېرەك. بۇ جەھەتتىكى ئەڭ ياخشى ئۈلگە بەلكىم Dell شىركىتىنىڭ تور بېكىتى. زىيارەتچىلەر Dell نىڭ تور بېكىتىدە كومپيوتېر زاپچاسلىرىنى ئۆزلىرى تاللاپ قوراشتۇرالايدۇ. Dell شىركىتى ئالدىن قوراشتۇرۇلغان كومپيوتېرنى تەمىنلىمىگەن. مەلۇم Dell ماركىلىق كومپيوتېرنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز قاتتىق دىسكا قانچە چوڭدۇ؟ ئىچكى ساقلىغۇچ قانچىدۇر؟ دەپ باش قاتۇرۇپ ئولتۇرمايسىز، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىز قانچە قىلماقچى بولسىڭىز شۇنچە قىلىپ تاللايسىز. ئەلۋەتتە بۇنداق بولغاندا ھىچكىم Dell دىن قايتا قايتا مەسىلھەت سوراپ ئولتۇرمايدۇ. ئىشلەتكۈچىلەرمۇ قەدەمنى خاتا باسمايدۇ.
زىيارەتچىلەرگە خاتا قەدەم بېسىش پۇرسىتى بەرمەسلىك ئەلۋەتتە بەك ئاشۇرۋېتىلسە ھەم بولمايدۇ. نۇرغۇن تور بېكەتلەرنىڭ تىزىملىتىدىغان يېرىگە ئادرېسنى تولدۇرىدىغان ئورۇن باركەن. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى جۇڭگودىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنى تاللاشقا بولىدىكەن. چەتئەل دۆلەتلىرىنى تاللاش تۈرى يوقكەن.
بەزى تور بېكەتلەردە نامىنى تولدۇرىدىغان جايغا چېكىت قويۇلسا بولمايدىكەن. بەزى تور بېكەتلەر قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق تەستىقلاش ئۇسۇلى قوللانغان، ئەمما يانفون نومۇرىنى يازىدىغان ئورۇن چەتئەلنىڭ يانفون نومۇرىنى قوللىمايدۇ.
بەزى تور بېكەتلەر تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت ھەم شۇنداق. بىر مۇنچە ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ، تىزىملىتىپ ئاخىرىغا كەلگەندە ھازىرچە سىز تۇرىۋاتقان رايونغا مۇلازىمەت تەمىنلىيەلمەيمىز. دىگەن ئۇچۇرنى چىقىرىپ بەرگەن، ئەمما باشتا رايون تاللاش رامكىسى چىقارمىغان.
Bidvertiser مۇ Google Adsense قا ئوخشاش داڭلىق شىركەت. ئېلانغا تىزىملاتسام مېنىڭ ئادرېسىمنى تىزىملاشقا بولىدىكەن. مەن تۇرىۋاتقان رايونغا ھازىرچە ئېلان تەمىنلىمەيدىكەن. ئۇنداق ئادەم باشتىلا تىزىملىتىشقا بولمايدۇ دىسە بولمامدۇ؟
دىمەك…. بلوگىر، تور بېكەت باشلىقى ئۆز تور بېكىتىدىكى ھەر بىر ئىقتىدار، ھەر بىر ئۇلىنىش، ھەر بىر مەھسۇلات، ھەر بىر مەزمۇننىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خاتا قەدەم بېسىشىغا پۇرسەت قالدۇرماسلىقى كېرەك. تور بەتنىڭ ھەر بىر ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولىشىنى ھەر چاغ كۆزىتىش زۆرۈر

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: