A turkology blog

بلوگ يېزىۋاتىمىز، يازغاننىڭ نىمە پايدىسى بار؟ ئەگەر سىز بلوگىر بولسىڭىز بۈگۈن نىمە پايدىسى بارلىقىنى ئېيتىپ بېرەي. بۇ پەقەت مەن ھىس قىلغانلىرى. دوستلىرىمىز «پۇل تېپىش ئۈچۈن» مۇشۇنچىۋالا قىلىش كېتەمدۇ؟-مۇ دەپ باقتى. ئەلۋەتتە پۇل تېپىش ئۈچۈن بولسا بلوگ يازمايتتۇق.
1. بلوگ سىزنى نامايان قىلىدۇ.
بلوگ ماڭغان يولنى خاتىرلەپ ماڭىدىغان ئوبدان جاي. ھىچكىمگە دىگۈڭىز كەلمىگەن گەپلەرنى بلوگدا دەيسىز. ئوخشاش پىكىرلىك تورداشلار سىزگە ھىسداشلىق قىلىدۇ. قارشى پىكىرلىكلەر رەددىيە بېرىدۇ، شۇنداق قىلىپ نەزەر دائىرىڭىز كېڭىيىدۇ. بۈگۈن يازغان بلوگنى 10 يىلدىن كېيىن ۋاراقلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ 10 يىل بۇرۇنقى كۈنلىرىنى ئەسلەيسىز. بۇ تاتلىق ياكى سۆيۈملۈك ئەسلىمە بولىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ مەن شۇنى تىلەيمەن.
2. بلوگ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش سورۇنى
مەيلى تىل ئۆگىنىڭ، مەيلى تارىخ ئۆگىنىڭ ۋە ياكى كومپيوتېر، ماشىنا ھەيدەش بولسۇن ئۆزىڭىز ئۆگەنگەن، ياكى تەتقىق قىلىپ چىققان تۈرلەرنى بلوگدا ئېلان قىلىش بۈگۈنكى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان تۈر. ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى بلوگدا ئېلان قىلسىڭىز تېخىمۇ پىششىقلايسىز، تەتقىق قىلىپ چىققانلىرىڭىزنى ئېلان قىلسىڭىز ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشىسىز. ياكى خاتالىقلارنىڭ جاۋابىنى تاپىسىز.
3. بلوگ سودىگەرلەر ئۈچۈن مۇھىم
سىزنىڭ خېرىدارلىرىڭىز ئوخشىمىغان شەھەرلەردە بولىشى مۇمكىن. ئىسىم كارتۇچكىڭىزنىڭ ئۈستىگە بلوگ ئادرېسىڭىزنىمۇ قوشۇپ يېزىڭ. سىز تونۇشتۇرغان ياكى ساتقان مەھسۇلاتتا كۆپ ئۇچرايدىغان مەسلىلەرنى بلوگدا ئېلان قىلىپ تۇرۇڭ. بلوگ ئارقىلىقلا سىزگە مىليون پايدا يارىتىدىغان خېرىدار توپى شەكىللىنىشى مۇمكىن.
4. بلوگدا پۇل تاپقىلى بولىدۇ.
ئېلان قويۇپ پۇل تېپىش، ئېلان يېزىپ پۇل تېپىش، مەھسۇلات تونۇشتۇرۇپ پۇل تېپىش، ھەقلىق ماقالە ئارقىلىق پۇل تېپىش ۋە بىر قاتار بلوگ ئۈچۈن لايھەلەنگەن پۇل تېپىش ئۇسۇللىرى بار. تەكلىماكان بلوگ ئېلان قىلغان «كۈندە 100 دوللار» ۋە «پۇل تېپىش پۇرسىتى» نامىدىكى ماقالىلەرنى ئوقۇپ كۆرسىڭىز بلوگدا پۇل تېپىش ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولالىشىڭىز مۇمكىن.
5. بلوگ سىز ئۈچۈنلا ئەمەس ھەممە ئۈچۈن پايدىلىق.
بلوگ پەقەت سىزنىڭلا كۆرگەن بىلگەنلىرىڭىزنىڭ ئىنكاسى، باشقىلارنىڭ ئەمەس. بلوگ ئارقىلىق تېخىمۇ تەبئى ۋە تېخىمۇ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە بايقاشلاردىن خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ. نۇرغۇن ئالىملار، پروفېسسورلار،مىليونېرلار، ھەتتا دۆلەت باشلىقلىرى بلوگ يازىدۇ.
داڭلىق ئۇيغۇر بلوگىرلاردىن ناخشا چولپىنى ئەركىن ئابدۇللا، ناخشا چولپىنى مۆمىنجان، NASA دا ئىشلەيدىغان ئالىم ئەركىن سىدىق قاتارلىقلارنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن.
6. بلوگ كەسپىي سەۋيىرڭىزنى ئۆستۈرىدۇ.
بىلىپ – بىلمەي يازغان ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى ھىسابتا سىزنىڭ كەسپىڭىزگە كۆپرەك باغلىق بولىدۇ. بلوگدا كۈنىگە 1 پارچە ماقالە يازغان سىز بىر يىلدىن كېيىن ئۆز كەسپىدە 365 پارچە ماقالە ئېلان قىلغان پىشقان كەسپ ئەھلىگە ئايلىنىسىز. بۇ چاغدا ئىدارە ياكى شىركەتتىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىسىز، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدىغان بولىسىز. نۇرغۇن تەجىربىلەرنى يەكۈنلىگەن بولىسىز.
7. بلوگ كىشىلەرنى ئىناقلاشتۇرىدۇ.
ئاتا-ئانىڭىزغا ئۇدۇل دىيەلمىگەن گەپلەرنى بلوگدا دىيىشىڭىز مۇمكىن، ئەلۋەتتە ئۇلار كۆرگەندە تەسىرلىنىدۇ. نۇرغۇن ئەر-ئاياللار، ئاتا-بالىلار ۋە نۇرغۇن بىر ئائىلە كىشلىرى؛ بىر ئىدارە ئىشداشلىرى؛ بىر شىركەتنىڭ خادىملىرى؛ بىر سىنىپتىكى ئاركاداشلار ھەمكارلىشىپ بلوگ يېزىپ تېخىمۇ ئىناق ئائىلە، تېخىمۇ سەمىمىي دوستلۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل ھەمكارلىق بەرپا قىلغان.
8. بولدىلا كۆپ سۆزلىمەي. بلوگ ياخشى نەرسە!

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: