A turkology blog

نىمىشقا ۋاقت ئىسراپ قىلىپ تور بەت ياساشنىڭ ئىككىلا سەۋەبى بار. ئۇنىڭ بىرى سىز تور بەتتىن ھوزۇرلىنىسىز، ئۆزىڭىزنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىسىز. خۇددى سۇ ئۈزۈشنى ياخشى كۆرگەندەك ئۇمۇ سىزنىڭ قىززىقىشىڭىز. يەنە بىر سەۋەبى شۇكى سىز «كۈندە 100 دوللار» نى ئوقۇغاندىن كېيىن تور بېكەتكە كارخانا قاتارىدا مۇئامىلە قىلىسىز. سىز ئۇنىڭدىن كىرىم قىلىسىز.
تەكلىماكان بلوگنى دەسلەپ يازغاندا پەقەت قىزىقىپلا يازغان. ئۇنىڭدا ھىچقانداق ئېلانمۇ قويمىغان. تور بېكەت ياساشقا باشقىچىلا قىززىقىپ كەتتىم. بلوگقا ئۇنى بۇنى چىقىرىپ ھۇزۇرلىناتتىم. كېيىن زىيارەت سانى كۆپىيىپ «كارخانا»غا ئايلىنىشقا باشلىدى. ئۇ ماڭا پۇل تېپىپ بېرىدۇ.
تەكلىماكان بلوگنىڭ كىرىمى پەقەت توردا كىرىم بولىدىغان بىرلا تۈرگە تەۋە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن تۈرلەر بار. مەسلەن:
شىركەت تورى مەھسۇلات سېتىپ پۇل تاپىدۇ. مەسلەن: ئۇيغۇرسوفت
ئۇلىنىش تورى ئېلان سېتىپ پۇل تاپىدۇ مەسلەن: ئۇلىنىش تورى
مەزمۇن كۆپ تورلار ئېلان قويۇش ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ مەسلەن: سەلكىن
خەۋەر بېكەتلىرى مۇشتەرى ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ مەسلەن: نيويورك ۋاقتى
سودا تورى توردا بىدىكلىك قىلىپ پۇل تاپىدۇ مەسلەن: ئىبەي، ئەپەندى
ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلار….
بلوگ قانداق پۇل تاپىدۇ؟ بلوگمۇ مەزمۇن كۆپ تور بېكەتكە تەۋە، ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستى ياكى ئۈستى تەرىپىگە قارىساق «Google تەمىنلىگەن ئېلان» دىگەن نامدىكى ئېلانلار بار. بۇ ئېلانلارنى Google ئېلانى دەپ ئاتايمىز. بۇ ئېلانلارنى بلوگدا ئورنىتىش بەك ئاسان، ئاشۇنىڭغا ئوخشاش كىچىككىنە بىر پارچە ئېلان بلوگدا قانچىلىك پۇل تېپىپ بېرەلەيدۇ؟
ئەمدى گەپنىڭ نەق يېرىگە كېلەيلى:
بىز ئاۋال CPM ئېلانىنى مىسالغا ئالايلى، CPM چېكىلمىسىمۇ پۇل بېرىدىغان ئېلان،Google نىڭ شۇنداق ئېلانىمۇ بار. بۇ ئېلانلار زىيارەت سانى كۆرۈنەرلىك بولغان بلوگلارغا بېرىلىدۇ. CPM ئېلانلارنىڭ كىرىمى Page Impression يەنى بەت كۆرۈلۈشىگە ئاساسەن ئۆلچىنىدۇ.
ئەگەر تور بېتىڭىزگە ھەر بىر كۈندە 1000 ئادەم كىرىپ، ھەر بىر ئادەم 3 ماقالە ئوقۇسا، ئۇ ھالدا بلوگىڭىزنىڭ بەت كۆرۈلۈشى 3000 بولىدۇ. سىز بۇ چاغدا بىر ئايدا CPM ئېلانىدىن 270 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 1900 يۈەن خەلق پۇلى) تاپىسىز.

ئەگەر تور بېتىڭىزگە ھەر بىر كۈندە 1000 ئادەم كىرىپ، ھەر بىر ئادەم 5 ماقالە ئوقۇسا ئۇ چاغدا كۈنلۈك بەت كۆرۈلۈشى 5000 بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھەر ئايدا 435 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 3000 يۈەن خەلق پۇلى) تاپىسىز.

ئەگەر تور بېتىڭىزگە ھەر كۈنى 10000 ئادەم كىرىپ، ھەر بىر ئادەم 5 ماقالە ئوقۇسا، ئۇ چاغدا تور بېتىڭىزنىڭ كۈنلۈك بەت كۆرۈلۈشى 50000 بولىدۇ. بۇ چاغدا ھەر ئايدا بىكاردىن-بىكارغىلا 4350 دوللار (تەخمىنەن 30000 يۈەن خەلق پۇلى) تاپىسىز.

ئەگەر تور بېتىڭىزگە ھەر كۈنى 100000 ئادەم كىرىپ ئۇلارنىڭ ھەر بىرى 5 ماقالە ئوقۇسا، ئۇ چاغدا تور بېتىڭىزنىڭ كۈنلۈك بەت كۆرۈلۈشى 500000 بولىدۇ. سىز بۇ چاغدا ھەر ئايدا 43500 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 300000 يۈەن) تاپىسىز.

خوش !
ئايدا 30000 يۈەن تور بېكەتلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ بېرەيمۇ؟ ۋىكىپېدىيە، About.com … يەنە نۇرغۇن چەتئەللىكلەرنىڭ تور بېكەتلىرى. بلوگ ئۈچۈن بەك چوڭ نىشان تۈزىۋېتىشمۇ ھاجەتىسز.
مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان پۇل تېپىش ھىساباتىنىڭ ھەممىسى پەقەت CPM ئېلانى ئۈچۈن ھىسابلانغان. ھازىر ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە قويۇلغان ئېلانلارنىڭ كۆپۈنچىسى چېكىلگەنگە ھەق ھىسابلايدىغان ئېلان. چېكىلگەنگە ھەق ھىسابلايدىغان ئېلاننىڭ كىرىمى CPM ئېلان كىرىمىدىن كۆپ يۇقىرى. ئادەتتە تور بېتىڭىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ سەرخىل بولۇش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئېلان باھاسى مۇقىم بولمايدۇ. بىر قېتىم چېكىلىشى 0.1 دوللارلىق ئېلان بولىشى، بىر قېتىم چېكلىشى 30 دوللارلىق سىن ئېلانى بولىشىمۇ مۇمكىن. بىز بۇ يەردە پەقەت بىر قېتىم چېكىلىشىنى تۆۋەنرەك باھا بويىچە 0.5 دوللار دەپ ھىسابلاپ باقايلى.

ئەگەر تور بېتىڭىزگە كۈندە 1000 ئادەم كىرىپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى 5 تىن ماقالە ئوقۇسا بۇ چاغدا بەت كۆرۈلۈشى 5000 بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 500 بەت كۆرۈلۈش جەريانىدا ئېلان چېكىلىپ قالسا، بۇ چاغدا بلوگنىڭ بىر كۈنلۈك كىرىمى 250 دوللار (تەخمىنەن 1800 يۈەن) بولىدۇ. مۇشۇ بويىچە داۋاملاشقاندا ئايلىق كىرىم 54000 يۈەن بولىدۇ.

ئەگەر تور بېتىڭىزگە كۈنىگە 10000 ئادەم كىرسە ئۇ چاغدا ئايلىق كىرىم 540000 يۈەن بولىدۇ.

ئەگەر تور بېتىڭىزگە كۈنىگە 100000 ئادەم كىرسە ئۇ چاغدا ئايلىق كىرىم 5400000 يۈەن بولىدۇ. بەش مىليون تۆت يۈز مىڭ يۈەن. بۇ بىر ئايدا تاپىدىغان كىرىم. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ كۈنىگە يۈز مىڭ ئادەم كىرىدىغان تور بېتىڭى بولىشى كېرەك.

مىكروسوفت نىمىشقا Yahoo نى 46 مىلياردتىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ سېتىۋالماقچى بولىدۇ. چۈنكى Yahoo يەر شارىدا زىيارەت سانى ئەڭ كۆپ بولغان تور بېكەت. ئۇ ھەر بىر ئايدا نەچچە مىليون دوللار كىرىم يارىتىدۇ. بولدىلا بلوگ ئۈچۈن مىليوندىن گەپ ئاچمايلى! بۇ بەك چوڭ سان، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېكىلگەندە ھەق ھىسابلايدىغان ئېلان ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھىسابلاشلارنىڭ ھەممىسى تەخمىنەن ھىسابلاش. ئەگەر بلوگقا كۈندە بىر مىليون ئادەم كىرىپ، بىرمۇ ئادەم ئېلان چەكمىسە بىر تىيىن كىرىم بولمايدۇ. ئەمما بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ. ھامان ئېلان چېكىدىغانلار چىقىدۇ.

ئەگەر تەكلىماكان بلوگنى مىسال ئالمايلى، ھازىر ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بىلىك، سەلكىنگە ئوخشاش تور بېكەتتىن بىرنى بەرپا قىلالىسىڭىز قانچىلىك پۇل تاپالايدىغانلىقىڭىزنى ھىسابلاپ بېرەي.
ھازىرلا http://www.alexa.com نى ئېچىپ بىلىك كۇلۇبىنىڭ زىيارەت سانىنى تەكشۈرۈڭ. ئۈچ ئايلىق ئومۇمى زىيارەت قىلغۇچى سانى 256939 ئادەم \ قېتىم. دىمەك ھەر ئايدا تەخمىنەن 80000 ئادەم كىرگەن. ئەگەر بىلىك كۇلۇبىغا Google نىڭ CPM ئېلانلىرى قويۇلسا يۇقارقىدەك زىيارەت سانى بىلەن ئايدا دىگەندە 4000 دوللار كىرىم بولىدۇ. جۇڭگو پۇلىدا تەخمىنەن ھەر ئايدا 28000 يۈەن دىگەن گەپ. بىر تور بەت بىر ئايدا 28000 يۈەن كىرىم قىلسا يامانمۇ؟
(ئەسكەرتىش: تەكلىماكان بلوگدا نامى تىلغان ئېلىنغان تور بېكەتلەر بىلەن بۇ ماقالىنىڭ ھىچقانداق ئالاقىسى يوق. مەن نامى تىلغان ئېلىنغان تور بېكەتلەرنىڭ زادى قانچىلىك كىرىم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلا بىلمەيمەن. ئەلۋەتتە بۇ پەقەت Google تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان ھىسابات. نۇرغۇن تور بېكەتلەر ئېلان قويمىغان، تور بېكەتنى پەقەت كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈنلا سۇنغان. شۇڭلاشقا مىسالغا ئېلىنغان تور بەتلەرنى پالانىكەن دەپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمد قىلىمەن.)

ئەگەر سىزنىڭمۇ كاللىڭىز ئازراق ئويغىنىپ توردۇنياسىدا مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇش ئارزۇيىڭىز بولسا، تەكلىماكان بلوگدىكى «كۈندە 100 دوللار» دىگەن تېمىنى تەپسىلى ئوقۇڭ. ئۇ يازما تېخى تۈگىمىدى.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: