A turkology blog

يەرشارىدىكى ئەڭ داڭلىق Web2.0 پروگراممالىرىنىڭ بىرى، ھەقسىز بلوگ Myspace شىركىتى بورناكۈن Yahoo ۋە Ebay دىكى ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلاشتۇردى. دىمەك سىزنىڭ Ebay گە يوللىغان ماللىرىڭىزنى بۇندىن كېيىن MySpace دىكىلەرمۇ كۆرلەيدۇ ۋە سېتىۋالالايدۇ. Yahoo غا ئاللىبۇرۇن شەخسى ماتېرىيال ۋە مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى، بلوگلارنى قويغان بولسىڭىز Myspace كە قايتا قويۇش ھاجەتسىز.
Myspace شىركىتىنىڭ سودا ئەمەلدارى ھىمىت كاپۇر (Amit Kapur) «نۇرغۇن كىشى بلوگ تام توساق ئىچىدىىكى گۈللۈك دەيدۇ، بىز باشقا ئىش قىلمىدۇق، دەل مۇشۇ تام – توساقلارنى ئېلىۋەتتۇق!» دېدى.
مەن Myspace كە ئانچە قىززىقىپ كەتمەيتتىم، ئۇسلۇبلىرى ۋە لايھەلىنىشى كۆزۈمگە تازا سىغىپ كەتمەيدۇ. مېنىڭچە Myspace شىركىتى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇسۇلىغا ئانچە ھۆرمەت قىلىپ كەتمەيدۇ، بلوگدا يوغان-يوغان ئېلانلارنى قىستۇرىۋالىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم Yahoo ۋە Ebay بىلەن سانلىق مەلۇمات ئورتاقلاشتۇرۇشى بولۇپمۇ Ebay بىلەن سانلىق مەلۇمات ئورتاقلاشتۇرۇشى ماڭا بەك ياقتى. چۈنكى Ebay دە ئاچقان دۇكاننى ئەمدى Myspace دىمۇ ئاچقان بولىدىكەنمىز.
Ebay دە سودا بەك تېز بولمىغان بىلەن بەك تېز ئادەم كېرىدىغان Myspace تە مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلانى كۆرۈنسە، تور سودىسى قىلماق تېخىمۇ ئاسانلىشىپ كېتىدۇ.
MySpace دە يەنە Twitter ۋە Photobucket لارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىمۇ ئورتاقلاشتۇرغىلى بولىدىكەن.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: