A turkology blog

تورداشلارنىڭ ئىنكاسىچە BlogSpot دىكى بلوگدا يازمالارنى تۈرگە ئايرىيالماپتۇ. ئەمما تەكلىماكان بلوگ(baliq.blogspot.com) دا بىز يازمالارنى نورمال تۈرگە ئايرىپ يازدۇق. Blog*Spot دا تۈر قۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1. ئىككىلەمچى كود قوشۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش
2. Google ئىزدەش نەتىجىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش
3. خەتكۈچ (Label) ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى ئۇسۇلنى پروگرامما بىلىمى يوقلار قىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا تونۇشتۇرمايمەن، مەن ھەم ئانچە-مۇنچە كود بىلگەن بىلەن بلوگدا مۇرەككەپ JS كودلىرىنى ئېسىپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ قويۇشنى خالىمايمەن.
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل «ئۇيغۇرچە» گە ئوخشاش ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان ھەم ھەرىپلەر ئۇلاپ يېزىقلارغا بەك قولايسىز. شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل يەنىلا Label ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
ماقالە يازغاندا ماقالە يازىش رامكىسىنىڭ ئاستى تەرەپىدە «Label» ياكى «标签» دەپ خەت يازىدىغان بوش ئۇرۇن بار. سىز بۇ ئورۇنغا تۈر نامىنى يېزىپلا قويسىڭىز بولىدۇ. ئۇيغۇرچە يازسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
ھەر قېتىم ماقالە يازغاندا يېزىش ھاجەتسىز، ئەگەر بۇ قېتىم يازغان ماقالە ئالدىنقى قېتىم تۈرلەپ بولغان ماقالە بىلەن ئوخشاش بولسا، ئاستىدا كۆرۈنگەن 标签 لەردىن تاللاپلا بەرسەك بولىدۇ.
مۇشۇ يوسۇندا قۇرماقچى بولغان تۈر قانچە بولسا ئاۋال شۇنچە تۈرگە تەۋە شۇنچە پارچە ماقالىنى يېزىپ، ئاستىغا «标签» قويۇڭ. ئاندىن بۇندىن كېيىن ماقالە يازغاندا سىز قويغان ئاشۇ خەتكۈچلەرنى تاللاپلا بەرسىڭىز شۇ تۈرلۈك ماقالە بولىدۇ.
ماقالە تۈرىنى بلوگ يان رامكىسىدا كۆرسىتىش
ئارقا سەھنىدىن ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش ئورنىغا كىرىمىز
يەنى 布局 ئاندىن 页面元素 بېتى ئېچىلىدۇ.
بۇ چاغدا بىز تۈرنى كۆرسەتمەكچى بولغان ئورۇنغا 添加页面元素 نى چېكىپ، كۆزنەك قوشۇش بېتىگە كىرىمىز.
بۇ چاغدا ئەگەر بلوگ تىلى خەنزۇچە بولسا، تىزىملىكتىن 标签 دىگەن كۆزنەكنى تاللايمىز. ئېنگلىزچە بولسا Label دىگەننى تاللايمىز، ئۇسلۇبنى ساقلىۋەتكەندىن كېيىن باش بەتنى ئېچىپ قارىساق. بىز قۇرغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسى باش بەتنىڭ يان رامكىسىدا كۆرۈنىدۇ.
———————-
بىر قىسىم تۈرلەرنى كۆرسىتىپ، بىر قىسىم تۈرلەرنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن:
ماقالە يازغاندا Label غا يازىدىغان تۈر نامىغا چوقۇم، لاتىنچە كىچىك ھەرىپ بىلەن تاق سۆزلەرنى يېزىپ تۈر نامى بەلگىلەڭ.
مەسلەن تاغدىن -باغدىن دىگەن تۈر ئۈچۈن ماقالە ئاستىغا «taghdin-baghdin» دىگەن خەتنى يېزىڭ.
ۋە قۇرماقچى بولغان ھەر بىر تۈر ئۈچۈن بىر ماقالە يېزىپ، تۈر نامىنى يۇقارقى ئۇسلۇب بويىچە بەلگىلەڭ. پەقەت سىز باش بەتتە كۆرسەتمەكچى بولغان تۈر نامىنىلا شۇنداق لاتىنچە كىچىك ھەرىپلىك تاق سۆز بىلەن يېزىڭ، قالغانلىرىنى خالىغانچە يازسىڭىز بولىدۇ.
بۇ چاغدا «تاغدىن-باغدىن» دىگەن تۈرنىڭ تور ئادرېسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
http://blognami.blogspot.com/search/label/taghdin-baghdin
بۇ يەردىكى «taghdin-baghdin» دىگەننىڭ ئورنىغا باشقا تۈر ناملىرىنى ئالماشتۇرۇپلا، شۇ تۈر نامىنىڭ ئادرېسى قىلسىڭىز بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئادرېسلارنى يەنە شۇ بەتكە كۆزنەك قوشىدىغان ئورۇندىن «ئۇلىنىش قوشۇش» دىگەن تۈرنى تاللاپ بىر – بىرلەپ قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: