A turkology blog

Google نىڭ ھەقسىز بلوگ مۇلازىمىتى Blog*Spot ياكى Blogger ئۆتكەن ھەپتە FTP ئارقىلىق ئېلان قىلغاندا ئەسلىدىكى BlogSpot ئادرېسى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن BlogSpot نىڭ ئېچىلماسلىق مەسلىسى تولۇق ھەل بولدى دىيىشكە بولىدۇ.
سۆزۈمنى چۈشىنەلمىگەنلەر دىققەت بىلەن ئوقۇڭ:
Google Blogger (ياكى Blog*Spot دەپمۇ ئاتايمىز) يەر شارىدىكى ئەڭ داڭلىق ھەقسىز بلوگ مۇلازىمىتى. مېنىڭ سىنىشىمغا ئاساسلانغاندا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق. تەكلىماكان بلوگنىڭ ئادرېسى http://baliq.blogspot.com ئارقىلىقمۇ كىرگىلى بولىدۇ. Blogger ھازىرغىچە كونا نۇسخا ۋە بېتا نۇسخادىن ئىبارەت ئىككى نۇسخا چىقاردى. مۇلازىمىتېرى ئامېرىكىدا بولغاچقا كۆپۈنچە بەزى رايونلاردا ئېچىلماس بولۇپ قالىدىكەن. بۇ مەسلىنى ئوڭشاش ئۈچۈن Blogger.com ئۆتكەن يىلى ftp ۋە sftp ئارقىلىق بلوگ ئېلان قىلىش ئىقتىدارىنى قوشتى. ftp ياكى sftp ئارقىلىق بلوگ يازغاندا ئەسلىدىكى http://baliq.blogspot.com غا ئوخشايدىغان ئاخىرى blogspot.com بىلەن ئاياغلاشقان تور نامىنى داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولمىدى، يەنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەتكۈچى ئۆزى ئايرىم تور نامى بېكىتىشى ياكى سېتىۋېلىشىغا توغرا كەلدى.
بۈگۈن دەل بۇ مەسلىمۇ ھەل بولدى. سىز ftp ياكى sftp ئارقىلىق بلوگ ئېلان قىلغاندىمۇ ئوخشاشلا بۇرۇنقى blogspot بەرگەن تور نامىنى ئىشلىتەلەيسىز.
ftp ياكى sFtp ئارقىلىق بلوگ يازسا blogspot دىكى بلوگ ھەرقانداق جايدا نورمال ئېچىلىدۇ.
ئۇنداقتا Blog*Spot نى ftp ئارقىلىق يوللاش دىگەن نىمە؟
سىز بىر بوشلۇق سېتىۋالىسىز، ھەقسىز بوشلۇق بولسىمۇ بولىدۇ، ئەمما چوقۇم سىزنىڭ باشقۇرۇشىڭىزدا بولىشى، ئۇنىڭغا تور بەت ياسىغىلى بولىشى يەنى ftp قوللىشى كېرەك دىگەنلىكتۇر.
Blog*Spot نى ftp ئارقىلىق يوللاشتىن بۇرۇن ئاۋال بلوگ ئارقا سەھنىسىدىن كىرىپ بلوگ ئۇسلۇبىنى «كونا ئۇسلۇب» خەنزۇچە 经典模板 ئېنگلىزچە Classic Template كە ئۆزگەرتىمىز.
HTML ئۆزگەرتىش رامكىسىنىڭ ئاستى قىسمىدا «كونا ئۇسلۇبنى ئىشلىتىش» دەيدىغان بىر جاي بار. شۇ جاينى چېكىپ مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن «كونا ئۇسلۇب» قا قايتىدۇ.
ftp ئارقىلىق يوللاشتىن بۇرۇن بلوگ زىيارەتچىلىرىگە چەك قويماسلىق يەنى 许可 ئېنگلىزچە permission نىڭ ئىچىدىن بلوگ زىيارەتچىلىرىنى «بارلىق كىشىلەر» گە تەڭشەپ قويۇشىمىز كېرەك.
ئاندىن ftp ئارقىلىق يوللاشنىڭ بارلىق تەييارلىقلىرى پۈتكەن بولىدۇ.
ftp ئۇچۇرلىرىنى توغرا تولدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بەتتىن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ.
http://help.blogger.com/bin/answer.py?answer=41438
ftp دا ئېلان قىلىش ئۈچۈن بلوگ ئارقا سەھنىسىدىن «بەلگىلەش» كە كىرىپ 发布 ياكى ئېنگلىزچە publishing نىڭ ئىچىدىن ftp ئارقىلىق ئېلان قىلىش تۈرىنى تاللاپ. بوش ئورۇنلارغا ftp بوشلۇقنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ ساقلىسىڭىز بولىدۇ.
بۇ سەل مۇرەككەپرەك جەريان بولغاچقا تور بەت ياساش بىلىملىرىدىن پەقەتلا خەۋرى يوق دوستلار ئاۋارە بولۇپ يۈرمەڭلار.
ftp ئارقىلىق ئېلان قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكى :
بلوگ ھەرقانداق ئورۇندا نورمال ئېچىلىدۇ. يەنى بىز دۆلەت ئىچىدىن بوشلۇق سېتىۋېلىپ BlogSpot دىكى بلوگ يازمىلىرىنى شۇ بوشلۇقتا ئېلان قىلىمىز، ئوخشاش بىر ۋاقتتا Blog*Spot دىكى مۇلازىمىتېردىمۇ بىر نۇسخا ساقلىنىپ ماڭىدۇ.
يېتەرسىزلىكى :
ھەر بىر يېڭى ماقالە يازغاندا بلوگنى قايتا ئېلان قىلىش كېرەك. بۇ ئىش بىر كونۇپكا بىلەنلا پۈتىدۇ، ماقالە يېزىلىپ بولغان ھامان «قايتا ئېلان قىلىش» كونۇپكىسىنى بېسىۋەتسەكلا بولىدۇ.
ftp دا ئىشلەتكەن ئۇسلۇب ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبقا كۆرۈنۈشتە ئوخشايدۇ، ئەمما MovableType ئەمەس، دىمەكچى بولغىنىم كۆزنەكلەرنى خالىغان ئورۇنغا يۆتكەشكە ياكى خالىغانچە ئۆچۈرۈش، قوشۇشقا بولمايدۇ، قوشۇش ياكى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن HTML تەھرىرلەش ئورنىدىن مۇرەككەپ كودلار ئارىسىدىن ئىزدەپ يۈرۈپ ئۆچۈرۈش ياكى قوشۇش كېرەك.
ئۇيغۇرچە قوللاشقا نىسبەتەن چوڭ پەرق يوق.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
بلوگنى داۋاملىق يېزىشنى ئويلاشقان دوستلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە بوشلۇق سېتىۋېلىپ، مۇشۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بلوگ ئۈچۈن بوشلۇق سېتىۋالغاندىن كېيىن مۇناسۋەتلىك تارماقلارغا بلوگنى ئەنگە ئالدۇرۇپ 备案 نومۇرى ئېلىشىڭىز، چوقۇم قانۇنلۇق بلوگ قىلىشىڭىز كېرەك.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: