A turkology blog

بۇنىڭدا BlogBus ۋە Blog*Spot لاردا ئايرىم – ئايرىم سەھىپە قوشۇش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز، ئەمەليەتتە ئىنتايىن ئاددى. ئاۋال Blogbus تىن كېلەيلى. سىزدە جەدۋەل سىزىيدىغان بىر قورال بولىشى كېرەك. ئەگەر بولمىسا yulghun.com/rte ئارقىلىق سىزىسىڭىزمۇ بولىدۇ. Word ئارقىلىق سىزسىڭىزمۇ بولىدۇ.
قانچە سەھىپە قىلماقچى بولسىڭىز شۇنچە كاتەكچىسى بار بىر جەدۋەل سىزىسىز. سىزىپ بولغاندىن كېيىن ھەر بىر كاتەكچىگە ئايرىم ئايرىم ھالدا سەھىپە ناملىرىنى يازىسىز. ئۇلارنى بلوگدىكى مۇناسىۋەتلىك تۈرنىڭ تور ئادرېسىغا ئۇلايسىز. ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن، Word تا «ھەممىنى تاللاش» كونۇپكىسى ئارقىلىق تاللانغان جەدۋەلنى بلوگنىڭ ماقالە يېزىش رامكىسىغا كۆچۈرۈپ، ماقالە يېزىش رامكىسىنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى «HTML» دىگەن خەتنى چەكسىڭىز جەدۋەلنىڭ كودى كۆرۈنىدۇ. بۇ كودنى كۆچۈرىۋېلىپ، Blogbus ئۇسلۇب ئۆزگەرتىدىغان ئورۇندىكى Index ۋە Detail بېتىدىكى كودلار ئارىسىغا چاپلايسىز.
چاپلايدىغان ئورۇن تۆۋەندىكى كودتىن كېيىن:
innerTop“>
تۆۋەندىكى كودتىن بۇرۇن بولىشى كېرەك.
id=“outerContent“>
بلوگدا كود نورمال كۆرنمەيدۇ، شۇڭلاشقا كومپيوتېردا خاتېرە دەپتەرنى ئېچىپ، مەن يۇقىرىدا كۆرسەتكەن كودنى خاتېرە دەپتەرگە چاپلاپ تۇرۇپ كۆزىتىڭ.
Blog*Spot دا بلوگ بېشىغا سەھىپە قوشۇش ئۇسۇلى
ئوخشاشلا تەييارلىۋالغان جەدۋەلنى Blog*Spot دىكى بلوگ ئارقا سەھنىسىدىن كىرىپ، 页面元素 ئېنگلىزچە Page Element قوشۇش ئورنىغا JavaScript/HTML كودى قوشۇشنى تاللاپ. جەدۋەل كودىنى چاپلاپ ساقلىغاندىن كېيىن، مۇشۇ كۆزنەكنى سىز سەھىپە قۇرماقچى بولغان ئورۇنغا يۆتكەپ ساقلىسىڭىزلا بولىدۇ.
دىققەت:
Blog*Spot دىكى بارلىق ئۇسلۇبلارنىڭ ھەممىسى باش قىسمىغا سەھىپە قۇرۇشنى قوللىشى ناتايىن. ئەگەر قوللىمىسا باشقا قوللايدىغان ئۇسلۇب ئىشلىتىڭ، ياكى HTML كود تەھرىرلەش ئورنىدىن مەجبۇرى قوشۇڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق HTML ۋە JavaScript ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر بولمىسا بولمايدۇ.
پەقەت قىلالمىغاندا ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت !

Advertisements

Comments on: "بلوگ باش قىسىمىغا سەھىپە قوشۇش ئۇسۇلى" (3)

  1. مەن بىلوگىمنڭ باش قىسىمىغا سەھىپە قوشۇشاي دىگەن لكىن قىلال مىدىم يار دەم بەر گەن بولسىڭىز.

  2. مەن بىلوگىمنڭ باش قىسىمىغا سەھىپە قۇتاي دىگەن لىكىن قىلالمىدىم.ياردەم قىلسىڭىز.

  3. بۇنى قوشۇش ئاسان. سىز http://draft.blogger.com ئارقىلىق ھىساباتىڭىزغا كىرىڭ. ۋە بەت كۆزنىكى قوشۇشقا كىرىپ، ئۇ جايدىن Text ياكى JavaScript قوشۇشنى تاللاپ، سەھىپە جەدۋىلىنى شۇ جايغا قوشۇپ قويۇڭ. ۋە بەت كۆزنەكلىرىنى يۆتكەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، يەنى مائۇسنى سەھىپە كۆزنىكىنىڭ ئۈستىگە چېكىپ تۇرۇپ، ئۇنى يۆتكەپ ئەڭ ئۈستىگە چىقىرىڭ ھەم بەتنى بىر قېتىم ساقلاڭ. ئاندىن بولىدۇ. ئەگەر يەنە قىلالمىسىڭىز بىزگە ئېلخەت ۋە مەخپى نومۇرنى ئەۋەتىڭ. Email ئارقىلىق. ئەۋەتكەندە مەقسەدنى ئېنىق يېزىڭ. بىز بىر ھەپتە ۋاقت ئىچىدە قىلىپ بېرىمىز. سەھىپە ناملىرى ۋە سەھىپىنىڭ ئۇلىنىش ئادرېسلىرىنى ئەسكەرتىڭ.

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: