A turkology blog

يېڭىدىن كەلتۈرۈلگەن بىر خېمىيۋى ئوغۇتقا ۋاكالەتچى بولۇش كۆپ پايدا بېرىدىغان ئىش ئىدى. ئەمما خېرىدار تاپماق سەل تەس، ۋاكالەتەن ساتىدىغان سودىگەرلەر يېڭى ماللارنى ئالدىراپ كىرگۈزمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى سېتىپ كۆنۈپ قالغان، پايدىسى ئاز ئەمما خېرىدارى كۆپ ماللارغا ئامراق.
دىگەندەك بىز ۋاكالەتچى بولغان خېمىيۋى ئوغۇتنى بىر يېزىدىكى ھىچقايسى سودىگەر كىرگۈزمىدى. ئۇلارغا بىر قانچە قېتىم تونۇشتۇرۇپ بارساقمۇ ئۈنىمى بولمىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ باشقا يېزىلاردا ئانچە-مۇنچە سېتىۋالدى. ئاخىرىدا «ئۆزۈم ئوڭشايمە!» دېدىميۇ، بۇ ئۇلۇغ كاماندروپكىغا يۈرۈپ كەتتىم. ئەمەليەتتە ھەممە ھۈنەرنى كاللامدا ئويلاپ بولغان ئىدىم. چۈنكى شۇ كۈنى ماڭا بىر دېھقان ئۆگەتكەن ھۈنەر بۇ !
ئەتىگەندە بىر دېھقان «ما ئوغۇت بارمۇ؟» دەپ بىر خالتىنى كۆتۈرۈپ كەلدى. بىزدە يوق ئىدى.
بىزنىڭ مالنى كىرگۈزمىگەن يېزىغا باردىم، ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تىجارەت زالىنى ئاچىدىغان ئاغىنەمنىڭ قېشىغا باردىم. ئۇنىڭ دادىسىمۇ دېھقان ئىدى.
– ئاداش داداڭنى چاقىرساڭ، ئازراق ئىش بار ئىدى.
ئۇ چاقىردى. مەن بىزدىكى خېمىيۋى ئوغۇتنىڭ خالتىسىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدىم. خالتىنى ئاغىنەمنىڭ دادىسىغا بەردىم. ۋە بۇ بازاردىكى سودىسى ئەڭ ئاۋات دېھقانچىلىق ئەشيالىرى دۇكىنىغا بېرىشقا تاپىلىدىم.
بۇ خالتىنى كۆتۈرۈپ ئاشۇ دۇكانغا كىرىپ، «ما ئوغۇت بارمۇ؟» دەپ سوراڭ. ۋە «ئون خالتا ئالماقچىدىم»-دەڭ .دېدىم. ئۇ ماقۇل بولدى.
– ئەگەر بار بولسا قانداق قىلىمەن؟
– بار بولسا مەن پۇل بېرىمەن، ئالىمىز،- دېدىم.
بۇندىن ئىلگىرى بىز ئۇ دۇكانغا بىر نەچچە قېتىم بىزدىكى ئوغۇتنىڭ ئەۋرىشكىسىنى كۆتۈرۈپ كىرگەن، ئۇلار بىر قاراپ قويۇپلا مال تۈرى تولۇق ئىكەنلىكىنى كېيىنرەك تېلفون قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئېنىقلا مال كىرگۈزۈشنى رەت قىلغان ئىدى.
ئاغىنەمنىڭ دادىسى بىر دەمدىن كېيىن قايتىپ كەلدى.
– نىمە دەيدۇ- دەپ سورىدىم.
– يوقكەن.
ھىم ! ئىشنىڭ باشلىنىشى تۈگىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاغىنەم بىلەن پاراڭلاشقاچ ئولتۇرۇپ، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنى توشقازدۇق. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئاغىنەمگە يەنە بىر دېھقاننى تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇدۇم. ئۇ ئۆزىنىڭ تونۇشلىرىدىن بىر دېھقان ياشنى تېپىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭغا يەنە شۇ خالتىنى بېرىپ، يەنە شۇ دۇكانغا «ما ئوغۇت بارمۇ؟» دەپ سوراشقا ئەۋەتتىم. ئەگەر ئۇلار سوراپ قالسا «بۇلتۇر قوشنام ئىشلىتىپتىكەن، ئۈنىمى بەك ياخشىكەن. مەنمۇ تۆت- بەش قاپ ئالاي دىگەن»- دەڭ دېدىم.
ئۇ كەتتى. ۋە بىر دەمدىن كېيىن قايتىپ كەلدى.
– يوقكەن.
ئەلۋەتتە بۇ مەن كۈتىۋاتقان جاۋاب ئەمەس، چۈنكى مەن «يوق» دىگەن جاۋابنى ئاللىبۇرۇن بىلىمەن.
ئەمما ئىشلار ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ بۈگۈنكى خىزمىتىم ئاياغلاشتى. ئەمدى قايتتىم. ئاداش ! ئەتە كۆرىشەيلى، ئەتە كېلىمەن دەپ قويۇپ قايتىپ كەتتىم.
ئەتىسى يەنە كەلدىم، ئوخشاشلا يەنە بىر دېھقاننى تېپىپ «ماۋۇ ئوغۇتتىن بولسا بىر قاپ ئالىمەن» دەپ شۇ دۇكانغا بېرىشنى ئېيتتىم. دېھقانلارغا ئەلۋەتتە ئوبدانراق چۈشەندۈرمىسەك بولمايدۇ. بۇ ئىشلارنى مەن ۋە ئاغىنەمدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ ۋە پەرەز قىلالمايدۇ.
«يوقكەن» دىگەن جاۋاب يەنە كەلدى.
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ھالقىلىق ۋاقت ئىدى. شۇڭلاشقا چوڭراق يەمچۈك تاپمىساق بولمايدۇ….. ئاغىنەم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بازاردىكى ھەممە ئادەم دىگۈدەك تونۇيدىغانراق بىرسىنى تاپتۇق. ئاغىنەمگە ئالدىن دەپ قويغان گەپلەر بويىچە ئۇنىڭغا تونۇشتۇردى.
ما ئاغىنەم مۇشۇ يەردە يەر تېرىماقچىدى، سىز يەرنى كۆپ تېرىيسىز، ماۋۇ ئوغۇتتىن ئالماقچىكەنتۇق، سىز ئۇلارنىڭ دائىملىق خېرىدارى، سىزگە ئەرزان بېرىدۇ، شۇڭلاشقا كىرىپ، 3 توننا ئالساق ئەرزانراق بەرسە … باھاسىنى كېلىشىپ بەرگەن بولسىڭىز.
بۇ دېھقانمۇ ناھايىتى تېزلا قوشۇلدى. ئاخىرىدا بىز ئۇنى يالغۇز بېرىشقا ماقۇل قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھۇجۇمغا كەتتى. بىز ئارقا سەپتە ئەھۋال كۆزىتىپ يەنە ساقلىدۇق.
تەخمىنەن 20 نەچچە مىنۇتلاردىن كېيىن مەن كۈتكەن جاۋاب ئاخىرى كەلدى.
«ئىككى كۈنگىچە ئەكەپ بېرىدىغان بولدى.»
ۋاھ ! ئىش ئەمدى قاملاشتى.. بۇ ئاداشقا جېق رەھمەتلەردىن كېيىن بىللە تاماق يېدۇق. ئۇنداقتا ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ قايتتىم. دەرھال شىركەتكە تېلفون قىلدىم.
– ئەمسە ھېلىقى بازاردىكى سودىگەرلەر ئەتە ئەتىگەن تېلفون قىلىدۇ. مەن شۇنى دەپ قوياي، ئۇلارغا 30 توننىدىن تۆۋەن مال كىرگۈزسە تالون كەسمەيمىز دەڭ ! چوقۇم ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 30 توننا كىرگۈزۈشى كېرەك!
– ئۇلار ئالمايمىز دەپتىكەنغۇ! قانداقسىگە 30 توننا ئالىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
– بۇ دىگەن مەن ! (ھې ھې ھې ، تېلفوندا ئۆزۈمنى بىردەم ماختىۋالدىم.)
شىركەتتىكى خادىم ماقۇل دېدى. ئەمدى قالغان ئىشلار ئەتە ئەتىگەنگە قالدى.
تاڭ ئاتتى. ۋاھ ما ئىشنى كۆرۈڭ. ئۇلار شىركەتكىمۇ تېلفون قىلماي ئۇدۇللا ماڭىلا تېلفون قىپتۇ! ئەينى چاغدا بارغاندا مېنىڭ تېلفون نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدۇق. ھەقىقەتەن كۆزى مال تونۇيدىغان سودىگەرلەر بۇ !
ئۇنى دەپ بۇنى دەپ يۈرۈپ مۇۋاپىق باھادا 25 توننا مال كىرگۈزىدىغان بولدى ۋە پۇلنى كۆتۈرۈپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ بۇ بازاردىكى تۇنجى تۆمۈرنى ئېرىتىۋەتتۇق.
بىر خىل مەھسۇلات ساتىدىغان سودىگەرلەر تولىمۇ بەسلەشكەك، تولىمۇ بىر-بىرىنى كۆرەلمەيدىغان بولىدۇ. ئۇلار ئىناق ئۆتەلمەيدۇ، ھەتتا بىر-بىرى بىلەن گەپلەشمەيدىغانلىرى بار. بىز بۇ يوچۇقلاردىن پايدىلانمىساق بولمايدۇ.
25 توننا كىرگۈزگەن سودىگەرنىڭ كىرگۈزگەن مېلىنى ئوغۇرلۇقچە ماراپ يۈرۈپ كۆرگەن باشقا ئىككى سودىگەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن مال كىرگۈزدى… ئىشلار شۇنداق ئاسانغا توختىدى، خۇددى توسالغۇ يوقتەكلا !
سودا دىگەن شۇنداق بىر ئويۇنكەن، ئۇنى قاملاشتۇرۇپ ئوينىغانلار ئۇتۇپ چىقىدۇ، قاملاشتۇرالمىغانلار ئۇتتۇرىدۇ. سودىدا ئەلۋەتتە نۇرغۇن ھىلە-مىكىردىن ساقلانماق قىيىن! ئەمما باشقىلارنى ئالداش، ساختا مالنى سېتىش سودا ئويۇنى ئەمەس. مۇۋاپىق يوسۇندا ھۈنەر ئىشلىتىپ سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ئويۇننى ياخشى ئويناشنىڭ كاپالىتى.
مەن بۇ ئويۇننى ئىشداشلارغا سۆزلەپ بېرىۋېدىم بىر ئايغىچە كۈلۈشمەك بولدى. كېين بۇ ئويۇن يەنە بەزى بازارلاردا ئوينالدى. شۇنداق قىلىپ بۇ مەن يازغان تۇنجى ئەسەر… ئەڭ كۆپ سەھنىلەردە ئوينالغان ئەسەر بولۇپ قالدى.
ئاپتورى: تەكلىماكان

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: