A turkology blog

بلوگ ئۈچۈن پۇل تاپىدىغان ئېلان قويۇشتىن باشقا يول يوقمۇ؟ باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟ بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سۇئاللارغا چۈشنۈشلۈك جاۋابلار بېرىپ ئۆتىمىز.
ئاۋال ئاددىراق قىلىپ سۆزلەي. بلوگنىڭ پۇل تېپىشىدا مەن بايقىغان بىر نەچچە تۈرلۈك يول بار.
1. مال سېتىش، ئۆزىڭىزنىڭ شىركىتى (زاۋۇتى ياكى ئۆزىڭىزنىڭ دۇكىنىدىكى) ماللارنىڭ ئۇچۇرىنى بلوگدا تەمىنلەپ سېتىش. خېرىدار سىز تارقاتقان ئىسىم كارتۇچكىسىدىكى تور بەت ئادرېسى، ئىزدەش ماتورى، سىز مۇنبەرلەردە چاپلىغان ئېلان ۋە تۈرلۈك ئۇلىنىشلار ئارقىلىق بلوگىڭىزنى تاپىدۇ. مېنىڭچە يەر شارىدىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مۇشۇ ئۇسۇلدا خېرىدارنىڭ تەلىپىگە يېقىنلىشىپ بازارنى جانلاندۇرۋاتىدۇ. ھەرقانداق بىر داڭلىق شىركەتنىڭ بلوگ ئاچقانلىقىنى كۆرىسىز. ئەلۋەتتە سىزمۇ شۇنداق قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ. Ebay.com دەك چوڭ سودا تورلىرىدا خەلقئارالىق دۇكان ئاچقانغا ھەق تۆلەيسىز، سىز ئاۋال ماللارنى بلوگدا ئېلان قىلىپ، ئاندىن Ebay.com دىگەندەك تور بېكەتلەردە ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلسىڭىز، دائىملىق خېرىدارلار بلوگدىن تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىشى مۇمكىن. مال سېتىش بىلەن بىرگە بلوگدا يەنە ئېلان قويسىڭىز ئىككى يول ئارقىلىق كىرىم قىلالايسىز.
2. باشقىلار ئۈچۈن ماقالە يېزىپ بېرىش.
Squidoo ۋە Payperpost قا ئوخشاش داڭلىق شىركەتلەر بار، ئۇلار بلوگىرلارنى مەخسۇس تېما بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەگەر سىز شۇ تېمىدا ئۇلارنىڭ تەلىپىگە لايىق ماقالە يازالىسىڭىز ئىش ھەققى بېرىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 5 دوللار بېرىدۇ. Payperpost قا نۇرغۇن شىركەتلەر ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى ھەققىدە ماقالە يېزىپ بېرىش ئىلتىماسى سۇنىدۇ، بۇ مەھسۇلاتلار ئىنتېرنېت، يۇمشاق دېتال ياكى تۇرمۇشتىكى ماللار بولىشىمۇ مۇمكىن، سىز ئىشلەتكەن بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەسىراتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، ماقالە يېزىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.
مەسلەن مەن يازغان بىر پارچە ماقالە:
ئاخشام تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىنىڭ 13-بۆلۈمىنى يانفوندا كۆرۈۋېتىپ، تازا قىززىق يېرىگە كەلگەندە يانفوندا ئاۋاز يوق، مەن ئادەتتە ھەر كۈنى كەچتە ياتقاچ يانفونغا قاچىلىغان Divx Player ئارقىلىق توردىن چۈشۈرگەن DVD كىنولارنى كۆرىمەن. نىمە بولغاندۇ دەپ، ئالدىغا-كەينىگە يۆگىتىپ قويساممۇ ئاۋاز يوق، نىمە ئىشلار بوپ كەتتى بۇ. تازا پەچەت يېرىگە كەلگەندە ئاۋازى ئۆچۈپ قالدى. يانفوننى سىلكىپ باقتىم، ئۇرۇپ باقتىم ! يەنىلا جىم !
نىمە ئىش بۇ؟ بايا ئاۋازى چىققان يەرمۇ ئەمدى چىقماس بولۇپ قالدىغۇ؟ ئىچىم بەك پۇشتى، راستلا…. مايكول بىلەن سۇزەن ۋە باشقىلار موزىيغا كىرىۋاتقاندا … ھەي ! بۇ كىنونى كۆرۈۋاتقان ئادەم يېۋاتقان تامىقىنى قويۇپ كۆرىدىغان تۇرسا. ما يانفوننىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى ! ئاچچىقىم بەك كەلدى. مۇشۇ كېچىدە دەرۋازىنى ئېچىپ تورخانىغا يۈگرەمدىم ئەمدى؟
زادى ئىچىم پۇشتى. كاللامغا ئازراق ئەقىل كەلگەندەك بولدى، بەلكىم يۇمشاق دېتالنىڭ كاشلىسىدۇ دەپ، يانفوننى قايتا فورماتلاپ، Divx Player نى قايتا قاچىلىدىم. قايتا قويسام يەنىلا ئاۋاز يوق. خەپ !
زادى ئۇخلاشقا ئامال يوق. ئاخىرى قانداق بولار ؟
بولدىلا دەپ، ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە تورخانىغا مېڭىش ئۈچۈن كىيىم – كىيىشكە تەمشەلدىم. تورخانا بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى نەچچە كىلومىتېر كېلىدۇ دەڭە. بۇ كېچىدە ماڭا كىرا قىلىدىغان تاكسى نەدە تۇرۇپتۇ !
كىيىم كىيگەچ قولىقىمدىكى تىڭشىغۇچنى ئېلىۋىتەي دەپ، قۇلىقىمنى تۇتسام تىڭشىغۇچ يوق ! ئاپلا ، ما كاساپەتنى !!! ئەسلىدە تىڭشىغۇچ يەرگە چۈشۈپ كېتىپتىكەن ئەمەسمۇ ! شۇڭا ئاۋاز ئاڭلانماپتۇ !
ھەي ! بۇ Sony ماركىلىق تىڭشىغۇچ ئىدى. بەك سىلىق، قۇلاققا تاقاپ قويسڭىز بار-يوقلۇقىنى بىلمەيلا قالىدىكەنسىز، شۇنداق يەڭگىل، قۇلاقنى پەقەت ئاغىرتمايدىكەن.
*************
ئەنە شۇنداق مەن يۇقىرىدا يازغان ماقالىگە ئوخشاش ماقالىدىن بىرنى سىز تونۇشتۇرماقچى بولغان مەھسۇلاتقا ئاتاپ ئېنگلىزچە يېزىپ بەرسىڭىزلا 5 دوللاردىن 50 دوللارغىچە پۇل ئالالايسىز. Payperpost.com قاتارلىق شىركەتلەر Forbes دىگەندەك ژۇرناللاردا نامى تىلغا ئېلىنغان. شۇڭلاشقا ئىشەنچىلىك.
3. بلوگنى مەخسۇس ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئېلان سورۇنى قىلىش
ئالايلۇق سىز بىر پروگراممېر، باشقىلار ئۈچۈن تور بەت، يۇمشاق دېتال دىگەندەكلەرنى ياساپ بېرىپ پۇل تاپىسىز، ئۇنداقتا بلوگ سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سورۇن بولالايدۇ. سىز ئۆزىڭىز تەمىنلەيدىغان بارلىق مۇلازىمەتلەر، بارلىق شەرتلەر، ھەق ئېلىش ئۆلچەملىرى ۋە ئالاقە ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى بلوگدا تەمىنلەڭ.
بلوگدا يەنە سىز ئەڭ ياخشى ياسىغان ئۈلگىلەرنى تەمىنلەڭ. خېرىدارلار كۆرۈپ باقسۇن، سىزنىڭ قابىليىتڭىزنى كۆرسۈۇن. سىز ئەڭ يېڭى ئىشلىگەن ئىشلارنى ھەم بلوگدا ئېلان قىلىپ تۇرۇڭ. مۇناسىۋەت تورى ۋە ئىناۋەت بارغانسىرى ئاشىدۇ. مەن نۇرغۇن ئۇيغۇر پروگراممېرلارنىڭ تور بەت ياسايمىز، ئۇنى قىلىمىز، بۇنى قىلىمىز دەپ ئۆزى ئۈچۈن بىرمۇ تور بەت ياسمىغانلىقىغا، ھە دىسە باشقىلارنىڭ مۇنبىردىلا ئېلان بېرىپ يۈرگىنىگە ھەيران. ئۆزىڭىز ئۈچۈن تور بەت ياسىمىسىڭىز ھىچ ۋەقەسى يوق. ئەمما بىر بلوگ يېزىپ، بازارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن خېرىدارلار ئۆزىنىڭ تەسىرات ۋە پىكىرلىرىنى بلوگدا ئىنكاس قىلىشى، سىز بىلەن مەڭگۈلۈك ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، بازىرىڭىزنى كېڭەيتىپ بېرىشى مۇمكىن.
4. بلوگدا ھەقلىق يازما ئېچىش
بۇنىڭ ئۈچۈن سىز بىر داڭلىق يازغۇچى، ياكى ھەقلىق بىر نەرسە يازالايدىغان بولىشىڭىز كېرەك. سىز يازغان نەرسىلەرنىڭ پۇلغا سېتىۋالغۇدەك قىممىتى بولىشى كېرەك. نۇرغۇن بلوگ پروگراممالىرىنىڭ مەخپى نومۇر ئورنىتىش ياكى پۇل تۆلىگەندىن كېيىن كۆرسىتىش ئىقتىدارى بار، بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ بلوگدا ھەقلىق يازما يازالايسىز.
مەسلەن مەن ئەگەر «كۈندە 100 دوللار تېپىش ئۇسۇلى» دىگەن بىر يازمىنى يېزىپ، بېشىنى باشلاپ قويۇپ، ئاخىرىغا كەلگەندە مانچە پۇل بەرسىڭىز داۋامىنى ئوقۇيالايسىز دىسەممۇ چوقۇم پۇلغا سېتىۋېلىپ ئوقۇيدىغانلار چىقىدۇ.
دىققەت قىلىڭكى بۇ بلوگنىڭ ئىناۋەت مەسلىسى، بىر قېتىملىق پۇل تېپىش ئاسان، ئەمما مەڭگۈلۈك مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇش تەس، شۇڭلاشقا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ بلوگ يازغاندا ئالدامچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ. سىز تەمىنلىگەن ھەقلىق يازما چوقۇم، سېتىۋالغۇچىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا سېتىۋالغۇچى قانۇن ئارقىلىق سىزنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپالايدۇ ھەم ئالدامچىلىق ئۈچۈن بەدەل تۆلەيسىز.
مەن ئاددى مىساللارنى كەلتۈرەي.
سىز بلوگدا پۇلغا سېتىۋالغان كىتاب-ژۇرناللار، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى (HSK ئەڭ يېڭى ئاڭلاش مەشىقى، تەقلىدى ئىمتىھان…) دىگەندەكلەرنىڭ PDF ياكى باشقا نۇسخىسىنى كومپيوتېرغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرىشىنى بلوگدا تەمىنلەپ، باھا قويۇپ ساتسىڭىز بولىدۇ.
بارلىق يىللىقلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنى يىغىپ ساتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارنى قىلىش ئۈچۈن سىز يەنە سودا-سانائەت تارماقلىرىدا رەسمىيەت بېجىرىشىڭىز مۇمكىن.
….. دوستلارنىڭ باشقا ئۇسۇللىرى بولسا پىكرىىنى ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمد قىلىمەن.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: