A turkology blog

Archive for ماي, 2008

توردا گەندىنى تىللىغۇچى 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ

يېقىندا Google شىركىتى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ IT ئىنجىنىرى كىرىشنا كۇمارنى تۇتۇشىغا ياردەملەشتى. كىرىشنا كۇمار ئوركۇت تورىدا «مەن سونىيا گەندىگە ئۆچ» دىگەن خەتنى يازغانلىقى ئۈچۈن ھىندىستان ئاساسى قانۇنىنىڭ 292-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلدى.
كىرىشنا كۇمار ۋاھىد (Rahul Krishnakumar Vaid) ھىندىستان پۇقراسى بولۇپ، Google تەمىنلىگەن ئىجتىمائىي تور بېكەت Orkut دا I hate Sonia Gandhi دىگەن خەتنى يازغان. مەزكۇر خەت ھىندىستاننىڭ ئاۋام ئېتراپ قىلغان بۈيۈك داھىيىسى سونىيا گەندىگە ھاقارەت قىلغانلىق بولۇپ، ھىندىستان ئاساسىي قانۇنىنىڭ 292 ماددىسى ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى قانۇنىنىڭ 67-ماددىسىغا خىلاپ. كىرىشنا كۇمار بۇ جىنايىتى ئۈچۈن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ۋە يۈز مىڭ رۇبلى جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن.
ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا يەنە بىر ھىندىستان پۇقراسى Orkut دا ھىندىستاندىكى مەشھۇر دىينى زات شىۋاجى (Shivaji) گە ھاقارەت قىلىدىغان رەسىم ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ھەم Google نى ھەمكارلىشىپ، مەزكۇر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تېپىپ بېرىشكە چاقىرغان، Google ھەم ھەمكارلىشىپ، ئۇنى تۇتۇشقا ياردەم قىلغان.
ئىنتېرنېتتىكى بۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تەكشۈرۈش ھەر بىر تور ئىشلەتكۈچىىسىنى ئەسكەرتىدۇكى تور مەۋھۇم دۇنيا ئەمەس ! ھەرقانداق شەكىلدە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئىنتېرنېتتا سىزنىڭ ئورنىڭىزنى مۇقىملاشتۇرۇش تولىمۇ ئاسان.
يەنە تورداشلارغا شۇ ئىشنى ئەسكەرتەي، نۇرغۇن تورداشلار توردا ئۆزىنىڭ باش شەكلى قاتارلىقلارنى لايھەلەشتە دىققەت قىلىشى كېرەك. داڭلىق شەخىسلەرنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىش مېنىڭچە قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس.

Google ساغلاملىق بۆلۈمى ئېچىلدى

گۇگول ساغلاملىق بۆلۈمىدە Google ھىساباتىڭىز ئارقىلىق ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساقلىيالايسىز. ئۆزىڭىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە مەزكۇر كېسەلنىڭ كۆرۈلۈش تارىخىنى سۈرۈشتە قىلىپ، ئەڭ ياخشى رىتسىپ ۋە دوختۇرخانا (دوختۇر) لارنى تاپالايسىز. Google سىزنىڭ كېسەل تارىخىڭىز ۋە بارلىق ئارخىپلىرىڭىزنى ئىزدەش نەتىجىسىدە كۆرسەتمەيدۇ. مۇتلەق ئىشەنچىلىك ساقلىنىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە تور، ساغلاملىق، ئۇچۇر-ئالاقە قاتارلىق كەسپلەر يۈكسەك دەرىجىدە ئىلگىرلەشكە ئېرىشىۋاتىدۇ. Google ھەرقانداق بىر كىچىك پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي بازار ئېچىۋاتىدۇ.
مېنىڭ قىسقىچە تەكلىپىم :
نۇرغۇن شەخسى دوختۇرخانىلاردا ئاغرىقلارنىڭ ئارخىپى ياخشى رەتلەنمەيدۇ. بىر قېتىم كېسەل كۆرسەتكۈچى ئىككى يىلدىن كېيىن قايتا كەلگەندە ئۇنىڭ ئارخىپلىرى مەزكۇر دوختۇرخانىدا بولىشى بولغان تەغدىردىمۇ يېڭى دوختۇر ئۇ ئارخىپلارنى تاپالىشى ناتايىن. ئەمدى Google ساغلاملىق بۆلۈمىدىن پايدىلىنىپ بۇنداق دوختۇرخانىلار، ھەر بىر ئاغرىق ئۈچۈن ئايرىم توردا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ مەڭگۈ ساقلاش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپلا قالماي ئىناۋەتنى ئۆستۈرىدۇ. چۈنكى ئىككى يىل بۇرۇنقى ئاغرىق بۈگۈنمۇ ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىنچىكىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىنىپ ساقلىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلسە ئۆزىنىڭ خېلى ياخشى ۋە ئەتراپلىق داۋالايدىغان دوختۇرخانىغا كەلگەنلىكىنى بىلىشى مۇمكىن.
مېنىڭچە كېسەللەرنىڭ ئارخىپلىرىنى توردا ساقلاشتىن بۇرۇن، مەزكۇر بىمارغا بۇ ھەقتە ئالدىن ئۇقتۇرۇش ۋە ئارخىپلارنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىش لازىم.
Google ساغلاملىق بۆلۈمى ئادرېسى (Gmail ئارقىلىق تىزىملىتىڭ)

www.google.com/health

Google Adsense ئارقىلىق يەر تەۋرەش رايونىغا پۇل ئىئانە قىلىش ئۇسۇلى

ئەگەر سىز Google Adsense پروگراممىسى ئارقىلىق تور بېكىتىڭىز ياكى تور تۇرايىڭىز ئارقىلىق پۇل تېپىۋاتقانلارنىڭ بىرى بولسىڭىز Adsense ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا بىر پارچە خەت كەلدى. مەزكۇر خەت Google Adsense جۇڭگو بۆلۈمى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئۇزۇن ئۇلىنىشنى چېكىش ئارقىلىق سىچۈەن ئۆلكىسى ۋېنچۈەن ناھىيىسىدە يەرتەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارنىڭ يۇرت ماكانىنى قايتا قۇرۇشى ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلالايسىز.
ياكى Adsense ھىساباتىڭىزغا كىرگەندىن كېيىن تور كۆرگۈچكە تۆۋەندىكى ئادرېسنى يېزىپ كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
spreadsheets.google.com/viewform?key=pF9nwjnOxK2rSsfMdJagJXg

Adsense ئېلانىغا تىل كودى قوشامدۇق ياكى قوشمامدۇق؟

بۇ مەسلە ئۇزۇندىن بۇيان توردا تالاش-تارتىش بولۇپ كەلدى. ھىچقانداق ئورۇندا جاۋبى يوق! مەيلى ئېنگلىزچە تور بېكەتلەرنى ئاقتۇرۇڭ، مەيلى خەنزۇچە بېكەتلەرنى ئىزدەڭ پەقەتلا ئېنىق جاۋاب بېرىلمىگەن. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىمىز.
1. سۇئال: تور بېكەتتە نىمىشقا ھەقسىز پاراۋانلىق ئېلانى چىقىۋالىدۇ؟
جاۋاب: تور بېكەتنىڭ يېزىقى (تىلى ئەمەس) Adsense ئېلانى قوللايدىغان يېزىقلار دائىرسىدە بولمىغان ئەھۋالدا ھەقسىز پاراۋانلىق ئېلانلىرى چىقىۋالىدۇ. مەسلەن: «بۇش كلىنتون ھاررىكەن كاترىنا فۇندىغا ياردەم قىلامسىز؟» دىگەندەك.
Adsense تۆۋەندىكى تىللارنى قوللايدۇ:
ئەرەب، بۇلغار، خەنزۇ، كروشان، چېخ، دانىيە، گوللاندىيە، ئېنگلىزچە، فىن (فىنلاندىيە)، فرانسۇز، گېرمان، گرىك، ئىبراي (ئىبراھىم ئەلەيھىسالام تىلى ياكى يەھۇدى تىلى)، ھۇنگار ( ۋېنگېرىيە)، ئىتالىيان، ياپونچە، كورىيان، نورۋىگىيان، پولشا، پورتۇگال، رۇم، رۇس، سېرىب، سلوۋاك، ئىسپان، تۈرك، پارىس (ئىران، تاجىكىستان) قاتارلىق يېزىقلار.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىزدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان Adsense ئېلانى يەنە ۋېيتنام، ھىندونوزىيە ۋە تايلاند يېزىقلىرىنى قوللايدۇ.
دىمەك تور بېكەتنىڭ يېزىقى يۇقىرقى يېزىقلارنىڭ كەم دىگەندە بىرى بىلەن ماس كەلمىسە Adsense ئېلانى بېكەتتە نورمال كۆرۈنمەيدۇ.
2. ئۇنداقتا Adsense ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللامدۇ؟
قوللايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر يېزىقى پۈتۈنلەي ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى يېزىق بولغاچقا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە كۆپۈنچە ھالدا ئەرەبچە ھەم پارىسچە ئېلانلار چىقىدۇ ھەم نورمال كۆرۈنىدۇ. ھىچقانداق تىل كودى قوشۇلمىغان ئەھۋالدا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە پاراۋانلىق ئېلانلىرىنىڭ چىقىۋېلىشى يالغۇز يېزىقنىڭ ئانچە ماس كەلمەسلىكىدىن بولۇپ قالماي، Adsense ئاپشاركىسىنىڭ بېكەتتىكى مەزمۇنلارنى تولۇق ئىگىلەپ بولالمىغانلىقىدىن بولغان.
دەسلەپ بېكەتكە ئېلاننى قويغان 2 كۈن ئىچىدە ئېلان نورمال كۆرۈنىدۇ، 2 كۈندىن كېين پاراۋانلىق ئېلانى چىقىشقا باشلايدۇ.
3. پاراۋانلىق ئېلانى چىققاندا قانداق قىلىمىز؟
ئەگەر سىزنىڭ تور بېكىتىڭىز ناخشا ياكى كىنو بېكىتى بولۇپ، يېزىقچە مەزمۇن ئاز بولسا بېكىتىڭىزدىكى پارۋانلىق ئېلانى ئۇزۇن مەزگىل ئۆزگەرمەسلىكى مۇمكىن، خەنزۇچە بېكەتلەردىمۇ مۇشۇنداق ئېلان چىقىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق ئەھۋالدا مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. تىل كودى ئارقىلىق Adsense ئېلانىنىڭ تىلىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: google_language = ‘zh-CN بۇ تىل كودى Google شىركىتى قانۇنلۇق ئىشلىتىشنى يولغا قويغان تىل كودى ئەمەس، ئەگەر مەزكۇر كودنى قوشسىڭىز ئوخشاشلا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان بولىسىز. ئەمما مەزكۇر كود جۇڭگودىكى بېكەتلەردە Adsense ئېلانىنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسلىسىنى ھەل قىلغان بولغاچقا ھازىرغىچە ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلمىدى. بۇ بەلكىم Adsense نىڭ جۇڭگودا ئېرىشمەكچى بولغان تەرەققىياتى بىلەن مۇناسۋەتلىكتۇ ياكى باشقىدۇ.
google_language = ‘zh-CN دىكى zh-cn جۇڭگو-خەنزۇچە دىگەن مەىنى بىلدۈرىدۇ. سىز بۇنى Ar غا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئېلاننى ئەرەبچە كۆرسىتەلەيسىز، en غا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئېنگلىزچە كۆرسىتەلەيسىز.
ئەمما دىققەت قىلىڭ. تور بېكىتىڭىزدە ئېنگلىزچە ئېلان كۆرۈنۈپ، ئېلان چېكىدىغانلار كۆپۈنچە جۇڭگودىن بولسا سىزنىڭ ھىساباتىڭىز گۇمانلىق ھىساباتلار قاتارىغا كىرىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ تور بېتىڭىز مەزمۇنى قەرەللىك يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بلوگ بولسا پاراۋانلىق ئېلانى چىقىشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز، تەخمىنەن 2 ئايلاردىن كېيىن Google ئىزدەش ئاپشاركىسى بلوگدىكى بارلىق مەزمۇن ۋە ماقالىنى، ھالقىلىق سۆزلەرنى تولۇق ئىگىلەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇيغۇرچە بلوگدىمۇ Google ئېلانى ھىچقانداق كود قوشماي تۇرۇپلا نورمال كۆرۈنىدۇ.
ئالايلۇق: http://baliq.blogspot.com تەكلىماكان بلوگدا ھىچقانداق تىل كودى قوشۇلمىدى، ئەمما ئېلان نورمال كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋالنى ئاساسەن ئۇچراتمىدىم. دەسلەپ ئېلان قويغاندا بىر نەچچە ئايغىچە ھەقسىز ئېلان چىقىۋالغان ئىدى.
4. تىل كودى قوشقاننىڭ قانداق پايدىسى بار؟
تىل كودى قوشقاننىڭ پەقەت كىنو-ناخشا قاتارلىق مەزمۇن ئاز تور بېكەتلەردىلا ئېلاننىڭ نورمال كۆرۈنۈشى ئۈچۈن پايدىسى بار، ئەگەر مەزمۇنى ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بلوگ، مۇنبەر قاتارلىقلار تىل كودى قوشقاندا پۈتۈنلەي خەنزۇچە ئېلان چىقىدۇ، بۇ ئېلانلار مەيلى بېكەت مەزمۇنى بىلەن ماس كەلسۇن، كەلمىسۇن چوقۇم نورمال كۆرۈنىشى كېرەك. بۇ خۇددى تراكتورنى سۆرۈتۈپ ئوتالدۇرغاندەك ئىش ! بۇ چاغدا ئەڭ ئەرزان باھالىق، ھەتتا بىر چېكىلىشى 0.01 دوللارغىمۇ يەتمەيدىغان ئېلانلار بەك كۆپ چىقىدۇ. بۇنداق ئېلانلارنى سۈزۈپمۇ تۈگىتىپ بولالمايسىز.
5. تىل كودى قوشمىغاننىڭ قانداق پايدىسى بار؟
تىل كودى قوشۇلمىغاندا Adsense ئېلانى تەخمىنەن 2 ئاي ئىچىدە تور بېكەتتىكى بارلىق تەبئى ئاچقۇچلۇق سۆز ۋە ئېلانغا مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى پۇراپ تاپىدۇ ۋە ئېلاننى نورمال كۆرسۈتۈشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا بلوگدا يۇقىرى باھالىق، بېكەت مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان، سۈپەتلىك ئېلانلار كۆرۈنىدۇ. ھەر بىر چېكىلىشى مېنىڭچە 0.5 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ، بىر قېتىم كۆرۈلۈشى 20 دوللارلىق سىنلىق ئېلانلارمۇ كۆرۈنۈشى مۇمكىن.
تەكلىماكان بلوگ http://baliq.blogspot.com دىكى ئېلانلارنىڭ چېكىلىش قىممىتى خېلى يۇقىرى، ئەمما تەكلىماكان بلوگ (ئاسىيا) http://baliq.blogbus.com دىكى ئېلانلارنىڭ يەككە چېكىلىش قىممىتى بەكلا تۆۋەن.
خۇلاسە:
بلوگنى ياخشى يېزىڭ، مەزمۇنلۇق يېزىڭ، ماقالىلەر سەرخىل بولسۇن ! شۇنداق بولغاندا Adsense قا ئىككىلەمچى كود قوشۇپ، ئېلاننى مەجبۇرى نورماللاشتۇرۇش ھاجەتسىز، پەقەت بىر نەچچە ئاي ساقلىسىڭىزلا ئېلان نورمال كۆرۈنىدىغان بولىدۇ.

200 مىڭ يۈەنلىك سودىنى بىر ھەپتىدە پۈتتۈردۈم

يېڭىدىن كەلتۈرۈلگەن بىر خېمىيۋى ئوغۇتقا ۋاكالەتچى بولۇش كۆپ پايدا بېرىدىغان ئىش ئىدى. ئەمما خېرىدار تاپماق سەل تەس، ۋاكالەتەن ساتىدىغان سودىگەرلەر يېڭى ماللارنى ئالدىراپ كىرگۈزمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى سېتىپ كۆنۈپ قالغان، پايدىسى ئاز ئەمما خېرىدارى كۆپ ماللارغا ئامراق.
دىگەندەك بىز ۋاكالەتچى بولغان خېمىيۋى ئوغۇتنى بىر يېزىدىكى ھىچقايسى سودىگەر كىرگۈزمىدى. ئۇلارغا بىر قانچە قېتىم تونۇشتۇرۇپ بارساقمۇ ئۈنىمى بولمىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ باشقا يېزىلاردا ئانچە-مۇنچە سېتىۋالدى. ئاخىرىدا «ئۆزۈم ئوڭشايمە!» دېدىميۇ، بۇ ئۇلۇغ كاماندروپكىغا يۈرۈپ كەتتىم. ئەمەليەتتە ھەممە ھۈنەرنى كاللامدا ئويلاپ بولغان ئىدىم. چۈنكى شۇ كۈنى ماڭا بىر دېھقان ئۆگەتكەن ھۈنەر بۇ !
ئەتىگەندە بىر دېھقان «ما ئوغۇت بارمۇ؟» دەپ بىر خالتىنى كۆتۈرۈپ كەلدى. بىزدە يوق ئىدى.
بىزنىڭ مالنى كىرگۈزمىگەن يېزىغا باردىم، ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تىجارەت زالىنى ئاچىدىغان ئاغىنەمنىڭ قېشىغا باردىم. ئۇنىڭ دادىسىمۇ دېھقان ئىدى.
– ئاداش داداڭنى چاقىرساڭ، ئازراق ئىش بار ئىدى.
ئۇ چاقىردى. مەن بىزدىكى خېمىيۋى ئوغۇتنىڭ خالتىسىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدىم. خالتىنى ئاغىنەمنىڭ دادىسىغا بەردىم. ۋە بۇ بازاردىكى سودىسى ئەڭ ئاۋات دېھقانچىلىق ئەشيالىرى دۇكىنىغا بېرىشقا تاپىلىدىم.
بۇ خالتىنى كۆتۈرۈپ ئاشۇ دۇكانغا كىرىپ، «ما ئوغۇت بارمۇ؟» دەپ سوراڭ. ۋە «ئون خالتا ئالماقچىدىم»-دەڭ .دېدىم. ئۇ ماقۇل بولدى.
– ئەگەر بار بولسا قانداق قىلىمەن؟
– بار بولسا مەن پۇل بېرىمەن، ئالىمىز،- دېدىم.
بۇندىن ئىلگىرى بىز ئۇ دۇكانغا بىر نەچچە قېتىم بىزدىكى ئوغۇتنىڭ ئەۋرىشكىسىنى كۆتۈرۈپ كىرگەن، ئۇلار بىر قاراپ قويۇپلا مال تۈرى تولۇق ئىكەنلىكىنى كېيىنرەك تېلفون قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئېنىقلا مال كىرگۈزۈشنى رەت قىلغان ئىدى.
ئاغىنەمنىڭ دادىسى بىر دەمدىن كېيىن قايتىپ كەلدى.
– نىمە دەيدۇ- دەپ سورىدىم.
– يوقكەن.
ھىم ! ئىشنىڭ باشلىنىشى تۈگىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاغىنەم بىلەن پاراڭلاشقاچ ئولتۇرۇپ، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنى توشقازدۇق. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئاغىنەمگە يەنە بىر دېھقاننى تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇدۇم. ئۇ ئۆزىنىڭ تونۇشلىرىدىن بىر دېھقان ياشنى تېپىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭغا يەنە شۇ خالتىنى بېرىپ، يەنە شۇ دۇكانغا «ما ئوغۇت بارمۇ؟» دەپ سوراشقا ئەۋەتتىم. ئەگەر ئۇلار سوراپ قالسا «بۇلتۇر قوشنام ئىشلىتىپتىكەن، ئۈنىمى بەك ياخشىكەن. مەنمۇ تۆت- بەش قاپ ئالاي دىگەن»- دەڭ دېدىم.
ئۇ كەتتى. ۋە بىر دەمدىن كېيىن قايتىپ كەلدى.
– يوقكەن.
ئەلۋەتتە بۇ مەن كۈتىۋاتقان جاۋاب ئەمەس، چۈنكى مەن «يوق» دىگەن جاۋابنى ئاللىبۇرۇن بىلىمەن.
ئەمما ئىشلار ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ بۈگۈنكى خىزمىتىم ئاياغلاشتى. ئەمدى قايتتىم. ئاداش ! ئەتە كۆرىشەيلى، ئەتە كېلىمەن دەپ قويۇپ قايتىپ كەتتىم.
ئەتىسى يەنە كەلدىم، ئوخشاشلا يەنە بىر دېھقاننى تېپىپ «ماۋۇ ئوغۇتتىن بولسا بىر قاپ ئالىمەن» دەپ شۇ دۇكانغا بېرىشنى ئېيتتىم. دېھقانلارغا ئەلۋەتتە ئوبدانراق چۈشەندۈرمىسەك بولمايدۇ. بۇ ئىشلارنى مەن ۋە ئاغىنەمدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ ۋە پەرەز قىلالمايدۇ.
«يوقكەن» دىگەن جاۋاب يەنە كەلدى.
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ھالقىلىق ۋاقت ئىدى. شۇڭلاشقا چوڭراق يەمچۈك تاپمىساق بولمايدۇ….. ئاغىنەم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بازاردىكى ھەممە ئادەم دىگۈدەك تونۇيدىغانراق بىرسىنى تاپتۇق. ئاغىنەمگە ئالدىن دەپ قويغان گەپلەر بويىچە ئۇنىڭغا تونۇشتۇردى.
ما ئاغىنەم مۇشۇ يەردە يەر تېرىماقچىدى، سىز يەرنى كۆپ تېرىيسىز، ماۋۇ ئوغۇتتىن ئالماقچىكەنتۇق، سىز ئۇلارنىڭ دائىملىق خېرىدارى، سىزگە ئەرزان بېرىدۇ، شۇڭلاشقا كىرىپ، 3 توننا ئالساق ئەرزانراق بەرسە … باھاسىنى كېلىشىپ بەرگەن بولسىڭىز.
بۇ دېھقانمۇ ناھايىتى تېزلا قوشۇلدى. ئاخىرىدا بىز ئۇنى يالغۇز بېرىشقا ماقۇل قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھۇجۇمغا كەتتى. بىز ئارقا سەپتە ئەھۋال كۆزىتىپ يەنە ساقلىدۇق.
تەخمىنەن 20 نەچچە مىنۇتلاردىن كېيىن مەن كۈتكەن جاۋاب ئاخىرى كەلدى.
«ئىككى كۈنگىچە ئەكەپ بېرىدىغان بولدى.»
ۋاھ ! ئىش ئەمدى قاملاشتى.. بۇ ئاداشقا جېق رەھمەتلەردىن كېيىن بىللە تاماق يېدۇق. ئۇنداقتا ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ قايتتىم. دەرھال شىركەتكە تېلفون قىلدىم.
– ئەمسە ھېلىقى بازاردىكى سودىگەرلەر ئەتە ئەتىگەن تېلفون قىلىدۇ. مەن شۇنى دەپ قوياي، ئۇلارغا 30 توننىدىن تۆۋەن مال كىرگۈزسە تالون كەسمەيمىز دەڭ ! چوقۇم ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 30 توننا كىرگۈزۈشى كېرەك!
– ئۇلار ئالمايمىز دەپتىكەنغۇ! قانداقسىگە 30 توننا ئالىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
– بۇ دىگەن مەن ! (ھې ھې ھې ، تېلفوندا ئۆزۈمنى بىردەم ماختىۋالدىم.)
شىركەتتىكى خادىم ماقۇل دېدى. ئەمدى قالغان ئىشلار ئەتە ئەتىگەنگە قالدى.
تاڭ ئاتتى. ۋاھ ما ئىشنى كۆرۈڭ. ئۇلار شىركەتكىمۇ تېلفون قىلماي ئۇدۇللا ماڭىلا تېلفون قىپتۇ! ئەينى چاغدا بارغاندا مېنىڭ تېلفون نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدۇق. ھەقىقەتەن كۆزى مال تونۇيدىغان سودىگەرلەر بۇ !
ئۇنى دەپ بۇنى دەپ يۈرۈپ مۇۋاپىق باھادا 25 توننا مال كىرگۈزىدىغان بولدى ۋە پۇلنى كۆتۈرۈپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ بۇ بازاردىكى تۇنجى تۆمۈرنى ئېرىتىۋەتتۇق.
بىر خىل مەھسۇلات ساتىدىغان سودىگەرلەر تولىمۇ بەسلەشكەك، تولىمۇ بىر-بىرىنى كۆرەلمەيدىغان بولىدۇ. ئۇلار ئىناق ئۆتەلمەيدۇ، ھەتتا بىر-بىرى بىلەن گەپلەشمەيدىغانلىرى بار. بىز بۇ يوچۇقلاردىن پايدىلانمىساق بولمايدۇ.
25 توننا كىرگۈزگەن سودىگەرنىڭ كىرگۈزگەن مېلىنى ئوغۇرلۇقچە ماراپ يۈرۈپ كۆرگەن باشقا ئىككى سودىگەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن مال كىرگۈزدى… ئىشلار شۇنداق ئاسانغا توختىدى، خۇددى توسالغۇ يوقتەكلا !
سودا دىگەن شۇنداق بىر ئويۇنكەن، ئۇنى قاملاشتۇرۇپ ئوينىغانلار ئۇتۇپ چىقىدۇ، قاملاشتۇرالمىغانلار ئۇتتۇرىدۇ. سودىدا ئەلۋەتتە نۇرغۇن ھىلە-مىكىردىن ساقلانماق قىيىن! ئەمما باشقىلارنى ئالداش، ساختا مالنى سېتىش سودا ئويۇنى ئەمەس. مۇۋاپىق يوسۇندا ھۈنەر ئىشلىتىپ سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ئويۇننى ياخشى ئويناشنىڭ كاپالىتى.
مەن بۇ ئويۇننى ئىشداشلارغا سۆزلەپ بېرىۋېدىم بىر ئايغىچە كۈلۈشمەك بولدى. كېين بۇ ئويۇن يەنە بەزى بازارلاردا ئوينالدى. شۇنداق قىلىپ بۇ مەن يازغان تۇنجى ئەسەر… ئەڭ كۆپ سەھنىلەردە ئوينالغان ئەسەر بولۇپ قالدى.
ئاپتورى: تەكلىماكان

Google تەرجىمانىغا يەنە 10 تىل قوشۇلدى

Google تىلماچقا يېڭىدىن يەنە 10 خىل تىلنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. بۇ ئون يېڭى تىل: بۇلغار، ھىندى، پولشا، شۋېتچە. نورۋىگىيىچە…قاتارلىقلار. تەرجىمە قىلىش تېكست رامكىسىنىڭ ئاستى قىسمىدا يەنە بۇرۇنقى بەلگىلەنگەن تىللارنى بىر – بىرىگە تەرجىمە قىلىش تاللاش رەمكىسى، Google تىلماچدىكى ھەرقانداق بىر تىلنى يەنە بىرسىگە تەرجىمە قىلالايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئالايلۇق: بۇرۇن پەقەت ئېنگلىزچە بىلەن خەنزۇچە ياكى خەنزۇچە بىلەن ئېنگىلىزچىنى بىر-بىرىگە ھەمدە ئېنگلىزچە بىلەن ياپونچىنى بىر بىرىگە تەرجىمە قىلدۇرغىلى بولاتتى. ھازىر بىۋاستە خەنزۇچە بىلەن ياپونچە ئوتتۇرسىدا تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ دىگەن گەپ. Google تىلماچقا يەنە تىل تەكشۈرۈش قورالى سەپلەنگەن. بىر تېكىستنىڭ قايسى تىل ئىكەنلىكىنى ئاپتوماتىك تېپىپ بېرەلەيدىكەن.
Google تىلماچقا كىرىش. بۇ يەرنى چېكىڭ
ئەگەر بۇندىن بۇرۇن تور بېتىڭىزدە Google تىل ماچنى قاچلىغان بولسىڭىز ئۇنى قايتا قاچىلاش ھاجەتسىز، بۇ يېڭى ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلۈكىدىن قوشۇلىدىكەن.

DoubleClick ئارقىلىق پۇل تېپىش

DoubleClick يەرشارىدىكى ئەڭ داڭلىق ئېلان شىركىتى. 2008-يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى Google شىركىتى 3.2 مىليارد ئامېرىكىدا دوللىرىغا DoubleClick نى رەسمىي سېتىۋالدى. DoubleClick شىركىتى بىزگىمۇ پۇل تېپىش پۇرسىتى تەمىنلەيدۇ. مەزكۇر ئېلان شىركىتىنىڭ شۇنچىۋالا يۇقىرى باھا بىلەن سېتىلىشىدىكى سەۋەب مېنىڭچە ئۇنىڭ Adsense ۋە باشقا تور ئېلان پروگراممالىرىغا ئوخشىمايدىغان 10 خىل ئېلان ھەل قىلىش لايھەسى بار.
ئەسكەرتىش: مەن بۇ شىركەت ئېلانى بىلەن شۇغۇللانمىدىم. پەقەت گېزىتتىن ئوقۇغاننىلا سۆزلەپ بېرىمەن. خاتالىقلار بولسا ئەپۇ قىلغايسىلەر.
DoubleClick ئېلانى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا تور بېكەت (بلوگ) بولىشى كېرەك. Adwords ۋە Adsense قا ئوخشاشلا DoubleClick سۇپىسىدا «ئېلان بەرگۈچى – Marketers» ۋە «ئېلان تارقاتقۇچى – Publishers» بار.
Adsense ئېلانىدا Google شىركىتى مەزمۇن ئېلانى، تەۋسىيە ئېلانى، CPM ئېلانى، ئەزىز مېھمانلار قانىلى… دىگەندەك بىر قانچە خىل ئېلان كۆرسىتىش لايھەسىنى ئوتتۇرغا قويغان.
DoubleClick نىڭ باشقا ئەنئەنىۋى ئېلان سۇپىلىرىغا ئوخشىمايدىغان ھەل قىلىش چارىسى باركەن. ئېنسكلوپېدىيەدە ئۇنىڭ 12 خىل كەشپىيات خاراكتېرلىك ئېلان ھەل قىلىش چارىسىنى تونۇشتۇرۇپتۇ.
ھازىرچە مېنىڭ بۇنى سىناشقا ۋاقتىم چىقمايدۇ. قىززىقىدىغان دوستلارنىڭ ئۆزلىرى تىزىملىتىپ بېقىشىنى ئۈمد قىلىمەن. ئەگەر كىرىم يۇقىرى بولسا تەكلىماكان بلوگدا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇشىنى ھەم ئۈمد قىلىمەن. تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن.
دوستانە ئەسكەرتىش:
DoubleClick شىركىتى 1996-يىلى قۇرۇلغانكەن. قۇرۇلغان تارىخى Google ۋە Yahoo دىنمۇ ئۇزۇن. شۇڭلاشقا مۇتلەق ئىشەنچىلىك شىركەتلەرنىڭ بىرى دىيىشكە بولىدۇ. ئالدامچىلىق بولۇشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە Google شىركىتى DoubleClick نى سېتىۋالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر پۈتۈن مەتبۇئاتلاردا بار.
Google نىڭ بازار تالىشىپ سېتىۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولالاىغان بۇ سۇپىدا مېنىڭچە تورداشلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرەلەيدىغان نۇرغۇن يېڭىلىق ۋە پۇل تېپىش ئىمكانىيىتى بار.
ئادرېسى: www.doubleclick.com

The image “https://i2.wp.com/www.doubleclick.com/images/top-logo.jpg” cannot be displayed, because it contains errors.

توردا مۇۋەپپەقىيەتلىك مەھسۇلات بەرپا قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ئوقۇشلۇق

توردا پۇت تىرەپ تۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرۇش. سىز شۇندىلا 1 مىليون تاپالايسىز ياكى توردىن كىنو كۆرگەندەكلا پايدىلىنىپ قايتىپ كېلىسىز. Baidu.com نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى كۆپۈنچە ھاللاردا «世界最大中文搜索» دىگەن سۆز بىلەن، Hao123.com نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى كۆپۈنچە «جۇڭگودا ئەڭ بالدۇر ۋە ئەڭ چوڭ ئۇلىنىش تورى» دىگەن سۆز بىلەن باغلىنىپ كېلىدۇ. دىمەك ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار. Baidu.com بىر كېچىدىلا 10 مىليارد مەبلەغ توپلىيالىدى. hao123.com دەڭ يالغۇز بىر بەتنىلا 30 مىليونغا سېتىۋالدى.
مەيلى سىز بلوگ يازغۇچى ياكى پروگراممېر بولۇڭ، تور دۇنياسىدا يۇقىرراق ئورۇنغا ياكى كۆپرەك پۇلغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزگە خاس، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەھسۇلاتىڭىز بولمىسا بولمايدۇ. سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز شاپتۇل سۈيى، خېمىرتۇرۇچ، قۇۋۋەت تالقىنى بولىشىمۇ مۇمكىن؛ بىر پارچە ماقالە، بىر تال بلوگ، بىر چوڭ تور بېكەت، بىر سەھنە، ياكى بىر تېخنىكا، بىر تال پروگرامما، يۇمشاق دېتال، كود ھەتتا …. ھىچكىم ئىسمىنى بىلمەيدىغان بىر نەرسە بولىشىمۇ مۇمكىن.
ئۇنداقتا بىز نىمە مەھسۇلات بەرپا قىلىمىز؟
1. مەھسۇلاتنى چوقۇم بەزىلەر ئۈچۈن مەخسۇس ياساش
ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىنى بەرپا قىلىشتا «ئۇنۋېرسال» بولۇپ قېلىشتىن قەتئى ساقلىنىڭ. «ھەرقانداق ئادەم بىزنىڭ مەھسۇلاتنى ئىشلەتسە بولىدۇ، ئەگەر شۇنداق چوڭ بىر نىشان بىلەن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئىشلەتسىلا باي بولۇپ كېتىمىز.» دەپ ئويلىماڭ. ئەگەر مەھسۇلاتىڭىز مەلۇم بىر قىسىم كىىشىلەر ئۈچۈن مەخسۇسلاشمىغان بولسا، ھىچقانداق ئادەمنىڭ ئالدىدا بازار تاپالمايدۇ.
ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتىنى مىسالغا ئالايلى. پەقەت تەرجىمانلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈنلا مەخسۇس لايھەلەنگەن، لەيھەلەنگەندىمۇ ئەڭ پۇختا تەرجىمانلارمۇ خاتالىق تاپالمىغۇدەك، ھەتتا ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنى سېلىشتۇرغۇدەك دەرىجىدە لايھەلەنگەن. پەقەت تەرجىمانلار ئۈچۈنلا لايھەلەنگەن ئۇيغۇر سوفت چوڭ لۇغىتى بۈگۈنكى كۈندە رايونىمىزدىكى بارلىق ئىدارە-ئورگانلار، ئېلان شىركەتلىرى، تەرجىمە شىركەتلىرى، ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرى، ئەدىليە تارماقلىرىنىڭ كومپيوتېرىدا زۆرۈر قاچىلايدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ قالدى.
مەھسۇلاتىڭىز ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ يەر شارىدىكى بىر راست ئادەمنىڭ ئېھتىياجىغا مەخسۇسلاشتۇرۇلغان بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ بىر مۇقىم خېرىدارىڭىز بولىدۇ. بىر ئاچقۇچتا بىر قۇلۇپنى ئېچىش، بىر دورا بىلەن بىر خىل كېسەلنى داۋالاش دىگەن شۇ ! سىزگە دەپ قوياي، بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى ئەسلا سوققىلى بولمايدۇ. ھەم ھىچكىم سوقۇپ باقمىغان، كۆپۈنچە ۋاقتتا بىر پاختەكنى سوقماقمۇ قېيىن، شۇڭلاشقا چالمىنى بىرلا پاختەككە قارىتپ ئېتىڭ.
2. پۇلغا ئەرزىيدىغان بىرلا مەسلىنى ھەل قىلىدىغان مەھسۇلات ياساڭ.
ئۆتكەندە بازاردا كېتىۋاتسام بىرسى بىر يىلىمنى ۋاقىراپ سېتىپ كېتىپتۇ، تۆمۈرنى، پلاستېرنى، ياغاچنى، خورۇمنى، رېزىنكىنى … ھەرقانداق نەرسىنى يەملەشكە بولىدىكەن. شۇ جايدا سىناق قىلىپ كۆرسەتتى. بىرنى ئالدىم. ئۆيگە ئاپىرىپ سىنىسام ئۇ دىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەملەشكە بولىدىكەن، ئەمما ھىچقايسىنى چىڭ تۇتمايدىكەن.
سىز توردا ياراتماقچى بولغان مەھسۇلات پەقەت بىرلا رىئال مەسلىنى ھەل قىلىدىغان بولىشى كېرەك. ئۇنۋېرسال مەسلە ھەل قىلغۇچ بازار تاپالمايدۇ. مەسلەن: مىكروسوفت شىركىتى مەشغۇلات سېستىمىسى چىقاردىيۇ نىمىشقا ئۆزى چىقارغان مەشغۇلات سېستىمىسىدا پەيدا بولىدىغان ۋىرۇسنى يوقىتىش دېتالى ياكى ۋىرۇسخور چىقارمايدۇ. مېنىڭچە مىكروسوفتنىڭ ئادەملىرى كاسپىرىسكى، رايزىڭ ۋە ھەرقانداق ۋىرۇس لاباروتورىيىسگە قارىغاندا Windows نى ئوبدان چۈشىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار ۋىروسخورنى ئۆزلىرى ياسىسا تېخىمۇ پۇختا ياسىيالىشىدا گەپ يوق.
مەسلە شۇ يەردىكى ئۇلار پەقەت بىرلا رىئال مەسلە «مەشغۇلات سېستىمىسى» نى ھەل قىلىپ پۇل تېپىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا يىلىم مەخسۇس ئاياغ يەملەش، مەخسۇس چاق يەملەش، مەخسۇس تۆمۈر يەملەش ئۈچۈن ئايرىم ئىشلەنگىنى ياخشى. ئەرلەر كەيسىمۇ، ئاياللار كەيسىمۇ، بالىلار كەيسىمۇ، قېرىلار كەيسىمۇ بولىدىغان كىيىم تىكىدىغان ماشىنچى مېنىڭچە بەك ئۇستا ماشىنچى. ئەمما ئۇ ئۇستا بازار ئىگىلىگۈچى ئەمەس، ئۇ ئۇستا سودىگەر ياكى پۇلدار باي بولالمايدۇ.
توردا سىز بەرپا قىلغان مەھسۇلات ئاددى بولۇپ قالسا مەيلى، كىچىك بولۇپ قالسا مەيلى، بازىرى تار بولۇپ قالسا مەيلى… ئەمما بىر مەيلى ئەمەس نۇقتا ئۇ چوقۇم توردا مەۋجۇد بولىۋاتقان بىرلا رىئال مەسلىنى ھەل قىلىپ بېرەلىشى كېرەك. شۇندىلا پۇلغا ئەرزىيدۇ. تەكلىماكان بلوگدا مايور ئەپەندى ئىشلىگەن «چىرايلىق فونت 1.2» نى ئىشلىتىۋاتىمىز. مەزكۇر مەھسۇلات مېنىڭچە خەت نۇسخسىدەكلا كەڭ تارقالدى.
مەھسۇلاتنى قانداق يارىتىمىز؟
3. بازارنى ئۆلچەڭ.
سودا بىر ئويۇن، بۇ ئويۇندا ئۇتۇش ئۈچۈن بىر داڭدار مەھسۇلات بەرپا قىلىشىڭىز كېرەك. ئەمما بۇ يەرىدىكى مەسلە شۇكى سىز بىلەن ھەمكارلىشىپ مەھسۇلات بەرپا قىلغۇچىلار داڭدار مەھسۇلاتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھەم سىزگە دەپ بېرەلمەيدۇ. پەقەتلا ئىشلەتكۈچى بۇ باسقۇچنى ئورۇندىيالايدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان تەكلىماكان بلوگدا زىيارەتچىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا تىگىشىلىكلىرىگە مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.
چاتاق يېرى شۇكى سىز بىر مەھسۇلات چىقارسىڭىز ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كېلىپ سىزگە ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى ئىنكاس قىلىشى ناتايىن. دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، ئەگەر كومپيوتېردىن بىرەر يۇمشاق دېتالنى ئۆچۈرۈپ تاشلىماقچى بولسىڭىز دەرھال «ئىشلەتكۈچىلەر پىكرى» بېتىگە ئۇلىنىپ «نىمىشقا ئۆچۈرىسىز؟ ياقتۇرمامسىز، سىزگە لازىم ئەمەسمۇ، كۆرۈنۈشى چىرايلىق ئەمەسمىكەن؟» دىگەندەك سۇئاللارنى سورايدۇ. بۇ خىل ياكى سىز ئويلاپ تاپقان باشقا خىل «پىكىر ساندۇقى» تولىمۇ مۇھىم. سىز تارقاتقان مەھسۇلاتنىڭ كېيىنكى قېتىملىق نەشىرى چوقۇم، ئالدىنقى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىلگەن بولىدۇ. بۇ چاغدا بازار نەچچە ھەسسە كېڭىيىدۇ. بۇ خۇددى ئىلگىرى Vista دا «ف» مەسلىسى كۆرۈلدى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتمىدۇق، ئوڭشالغان ھامان ھەممىمىز ئىشلىتىمىز ياكى ھەممىمىز ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتمىز دىگەندەك ئىش.
4. خاتالىقلارنى تۈزىتىش، يېڭى نەشىر تارقىتىش
ئشلەتكۈچى ۋە ئۆزىڭىز بايقىغان خاتالىقلارغا ئاساسەن، ۋاقتىدا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ، ياماق تارقىتىش ياكى يېڭى نەشىر تارقىتىش كېرەك. ھىچقانداق يېڭىلىق بولمىسا يېڭى نەشىر تارقاتمىغان ياخشى. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى بىرەر خاتالىقنى ئوڭشىغاندا مەھسۇلاتنىڭ نىشانىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك كېرەك. تەكلىماكان بلوگ مەزمۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز، ئەمما ھەرگىز تېخىمۇ سەرخىل بولسۇن دەپ، ناخشا-ئېتوت سەھىپىسى ئېچىپ يۈرمەيمىز.
5. پروگراممېرلارغا كۆزنەك ۋە مەشغۇلات يۈز ئۇسلۇبىنى لايھەلەتكۈزمەڭ.
پروگراممېر سەنئەتكار ئەمەس، ياكى ئىشلەتكۈچى ئەمەس، مەشغۇلات يۈزى ئۇسلۇبى چوقۇم ئىشلەتكۈچىنىڭ ئادىگە ماسلاشتۇرۇپ ئەڭ قولايلىق، ئەڭ كۆركەم ۋە ئەڭ ئاددى قىلىپ لايھەلىنىشى كېرەك. ئەگەر بۇنى پروگراممېر لايھەلىسە پروگراممېرلانىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق قىلىپ لايھەلەپ قويىدۇ. ئەمما ھەمما ئادەم پروگراممېر ئەمەس، پروگراممېر بىلەن ئادەتىكى تور زىيارەتچىلىرىنىڭ ئارىسىدا بىلىم-سەۋىيە، تېخنىكا، گۈزەللىككە بولغان كۆز-قاراش ۋە باشقا تەرەپلەردە ئاسمان-زېمىن پەرق بولىشى مۇمكىن.
بەزى كىشىلەر تۇغۇلىشىدىنلا تەبئى تالانتلىق، مەخسۇس ئىشلەتكۈچىلەر يۈزىنى لايھەلەشكە بەك ئۇستا. چوقۇم ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، شىركىتىڭىزدە ياكى ئەترىتىڭىزدە چوقۇم چوقۇم چوقۇم User InterFace (ئۇسلۇب) لايھەلىگۈچى بولسۇن. ئۇلارنى باشقا پروگراممېرلاردىنمۇ بەكرەك ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىڭ. ئۇلارغا پروگراممېرلاردىنمۇ كۆپرەك مائاش بېرىڭ.
Windows قوزغالغاندا چىقىدىغان مۇزىكىنى 16 دىن ئارتۇق داڭلىق مۇزىكانت، 4 يىل ۋاقت سەرپ قىلىپ ئىشلەپتىكەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز گۆشنى بېسىپ، پولونى ئوخشىتىپ ئېتىپ، مەينەت تەخسىگە ئۇسۇپ مېھمانغا سۇنغاندەك بولىدۇ.
6. مەھسۇلاتنى داۋاملىق سىناش
مەھسۇلاتىڭىزدا نۇرغۇن خاتالىق بار، نۇرۇغۇن ئىشلەتكۈچى يولۇققان، ئوخشاش بىر خاتالىققا يولۇققان ئەھۋال نۇرغۇن … ئەمما ئۇلار سىزگە دىمەيدۇ. بۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خاتالىقى ئەمەس، مەھسۇلاتىڭىزنىڭ خاتالىقىدۇر. ئۇلارنى ۋاقتىدا بايقاش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ شىركىتى چوقۇم ئىشلەتكۈچى بولىشى كېرەك.
ئەتىگەندىمۇ ئىخلاس فېرىمانىڭ ئېلانى، چۈشتىمۇ شۇ! كەچتە ھەم بار… ھەممە ئۆيلەردە بار.. مېنىڭچە ئىخلاسنىڭ دېرىكتورى چوقۇم ھەر كۈنى ئىچىدۇ. ئۇ 1-چوڭ خېرىدار بولىشى مۇمكىن.
سىناشتىن كېلىپ چىققان دائىملىق خاتالىقلارغا ۋاقتىدا تۈزىتىپ يېڭى نەشىر تارقىتىش كېرەك.
بۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە قازىنىۋاتقان توردىكى شىركەتلەر كۆپ. سىزگە ئامەت تىلەيمەن. ئەلۋەتتە ھەر بىر بلوگ يازغۇچى ئۆز بلوگىنىڭ مەخسۇسلىشىشى، كۆچۈرمىكەشلىك قىلماسلىقى، ئۆز بلوگى ئۈچۈن مەھسۇلات (ئۆزىگە خاس يازما) لىنىيسى بەرپا قىلىش ھەققىدە ئويلىشىپ كۆرگىنى ياخشى.

CPM ئېلانى ھەققىدە قىسقىچە بايان

نەچچە مەزگىلدىن يازغان يازمالاردا CPM ئېلانى توغىرسىدا ئانچە-مۇنچە گەپلەر بولۇنغان. بۈگۈن CPM نىڭ نىمىلىكىنى سۆزلەپ بېرەي.
CPM ئېنگلىزچە سۆز بولۇپ Cost Per Mille نىڭ قىسقارتىلمىسى. مەنىسى «كۆرۈلگەنگە پۇل تۆلەش» دىگەنلىكتۇر. ئادەتتە بىزنىڭ تور بېكەتلەردە كۆرۈلىۋاتقان ئېلانلارنىڭ ھەممىسى CPC ئېلانىدۇر.
CPC دىگەنلىك Cost Per Click – چېكىلگەنگە پۇل تۆلەش دىمەكتۇر. دىمەك ھازىر ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر قويىۋاتقان ئېلان پەقەت چېكىلگەندىلا ئاندىن ھەق ھىسابلايدۇ. ئون ئادەم كىرىپ، 2 قېتىم ئېلان چېكىلسە مۇشۇ ئىككى قېتىملىق ئۈچۈن ھەق ھىسابلايدۇ، قالغان 8 قېتىملىق كۆرۈلۈشى ئۈچۈن ھەق ھىسابلىمايدۇ، چۈنكى ئېلان چېكىلمىگەن.
CPM نىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى تور بېكەتكە قويۇلغاندىن كېيىن كۆرۈلسىلا ھەق ھىسابلايدۇ. 10 ئادەم كىرسە 10 قېتىملىق ھەق ھىسابلايدۇ. 100 ئادەم كىرسە 100 قېتىملىق ھەق ھىسابلايدۇ. ئەگەر ھەم ئادەم كىرىپ، ھەم مۇشۇ ئېلان چېكىلسە چېكىلگەن قىسمىغا يەنە CPC ئۆلچىمى بويىچە ھەق ھىسابلايدۇ.
ھازىر Yahoo ۋە MSN غا ئوخشاش داڭلىق شىركەتلەرنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقىنى دەل مۇشۇنداق CPM ئېلانىدۇر. دۆلەت ئىچىدىمۇ بەك نۇرغۇن ئېلان كارخانىلىرى CPM ئېلانى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بىزگە تونۇشلۇق بولغان بىر مىسال ئالايلۇق: شەبنەم تورىدا ئىخلاس فېرىمانىڭ ئېلانى بار. بۇ ئېلان ئىخلاس شىركىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن بولۇپ، شەبنەمدە مەيلى چېكىلسۇن مەيلى چېكىلمىسۇن ھەق ھىسابلاۋېرىدۇ .. دىگەندەك.
ئۇنداقتا Google نىڭمۇ شۇنداق ئېلانى بارمۇ؟
بەلكىم ئېلان بازارى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەرقانداق شىركەتنىڭ بۇنداق مۇلازىمىتى بار. يالغۇز Google نىڭلا ئەمەس. نۇرغۇن داڭلىق تور بېكەتلەر Google نىڭ CPM ئېلانىنى قويىدۇ. مەسلەن Myspace.com قاتارلىقلار.
CPM ئېلانىنىڭ كىرىمى يۇقىرىمۇ؟
CPM ئېلانىنىڭ يەككە كۆرۈلۈش ئۈچۈن بېرىدىغان پۇلى ئىنتايىن تۆۋەن، مەسلەن كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا 10000 قېتىم كۆرۈلگەندە 10 دوللار ئەتراپىدا پۇل بېرىشى مۇمكىن (بۇنى CPM ئېلانى بىلەن تەمىنلىگەن شىركەت بەلگىلەيدۇ.). مەسلەن مەن ئىلگىرى تەكلىماكان بلوگدا بەيدۇنىڭ CPM ئېلانىنى قويسام 10000 قېتىم كۆرۈلگەنگە 12 كوي بېرىدىكەنتۇق.
ھەر ھالدا Google نىڭ CPM ئېلان كىرىمى باشقا شىركەتلەرنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى. مەن ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە CPM ئېلانى قويۇپ پۇل تاپقاننى كۆرمۈدۈم، ئەمما نۇرغۇن ئېنگلىزچە تور بېكەتلەر داڭلاپ يۈرۈيدۇ.
CPM ئېلانى قانداق تور بېكەتلەرگە ماس كېلىدۇ.
CPM كۆپ ئادەم كىرىدىغان مۇنبەر، ئىزدەش تور بېكىتى، ئىجتىمائى بېكەت، چۈشۈرۈش بېكىتى قاتارلىق ئېلان چېكىش ئەھۋالى ئانچە يۈز بەرمەيدىغان تور بېكەتلەرگە بەكرەك ماس كېلىدۇ. بلوگ، شىركەت بېكەتلىرى، مەخسۇس بېكەت قاتارلىقلاردەك ئېلان چېكىلىش كۆپ يۈز بېرىدىغان ياكى ئېلان تور بېكەت مەزمۇنىغا ئاسان ماس كېلىدىغان توربەتلەرگە نىسبەتەن يەنىلا چېكىلگەنگە ھەق ھىسابلايدىغان ئېلان قويغان ياخشى.
مەنمۇ CPM ئېلانى ئالالامدىم؟
ئەلۋەتتە ئالالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بلوگ (تور بەت) نىڭ زىيارەت سانى يۇقىرى بولۇشى ھەم بۇ زىيارەت سانىنى Alexa دا كۆرسىتىدىغان بەتنى ئېلان بەرگۈچىگە بىللە يوللىشىڭىز كېرەك.
قاتنىشىش ئۇسۇلى ۋە جەريانى مۇنداق بولىدۇ
بۇ يەرنى چېكىپ تور بېكەت ياكى بلوگىڭىزنى يوللايسىز.
ئەسكەرتىش: سىز ئاۋۇ ئۇلىنىشتىن بلوگنى يوللاشتىن بۇرۇن سىزدە چوقۇم Adsense ھىساباتى بولغان بولۇش، بلوگ (ياكى تور بېكەت) بولۇش ھەم نورمال مېڭىۋاتقان بولىشى كېرەك.
يوللاپ بولغاندىن كېيىن تور بېكىتىڭىز ئەزىز مېھمانلار قاتارىدا خېرىدار ساقلاپ تۇرىدۇ. خۇددى ماشىنا يۈك ساقلىغاندەك. ئاپتوبۇس يولۇچى ساقلاپ بېكەتتە تۇرغاندەك. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا سىز CPC ئېلانى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ. ئېلان بەرگۈچىلەر ئۆزىنىڭ ئېلانىغا ماس كېلىدىغان مەزمۇن بار تور بېكەتنى تاپقاندىن كېيىن، ئېلانىنى شۇ تور بېكەتكىلا قويۇشنى قارار قىلىدۇ. ئەلۋەتتە سىزنىڭمۇ شۇ تور بېكەتلەرنىڭ قاتارىغا كىرىش پۇرسىتىڭىز بار. ئەگەر شۇنداق بولسا سىزنىڭ بېكىتىڭىزدە CPM ئېلانلار كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. تور بېتىڭىز ئېچىلسىلا ھەق ھىسابلاشقا باشلايدۇ. ئېلان چېكىشمۇ ھاجەتسىز، ئېلان چېكىلىپ قالسا ھەم يەنە چېكىلگەنگە قارىتا يەنە ھەق ھىسابلايدۇ.
قالغان جەريانلار ئوخشاش.
يەنە بىر ئەسكەرتىش:
CPM بىلەن eCPM نى پەرقلەندۈرۈڭ.
CPM بولسا كۆرۈلگەنگە ھەق ھىسابلايدىغان ئېلان.
eCPM پەقەت Google ئېلان پروگراممىسىدىكى ئاتالغۇ بولۇپ، ئېلان كۆرۈلۈشى، چېكىلىشى ۋە ۋە كىرىمى ئوتتۇرسىدىكى ھىسابلاش بىرلىكى. بىز بۇ ھەقتە بىر نەچچە ئاي بۇرۇن تەپسىلى توختالغان (تەكلىماكان بلوگدىكى كونا يازمىلاردىن تاپالايسىز)، بىلىپ قويساقلا بولىدىغان، ئەمما كىرىمگە ھىچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغان ئوقۇم. شۇڭلاشقا يەنە ئارتۇقچە توختىلىپ ئولتۇرمايمىز.
CPM ئېلانى ۋە تور بېكەتتە «مۇقىم ئېلان»غا تىزىملىتىش ئادرېسى

Adbrite ئارقىلىق پۇل تېپىش

تەكلىماكان بلوگدا ئەزەلدىن داڭلىق مەتبۇئاتلاردا نامى ئاتالغان داڭلىق پۇل تېپىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنى تونۇشتۇرىۋاتىمىز. بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان Adbrite ھەم يەر شارىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن شىركەتلەرنىڭ بىرى. بارلىق جەريانى Google Adsense نىڭ CPM ۋە ئادەتتىكى چېكىلگەنگە قارتا ھەق ھىسابلايدىغان ئېلانلىرىغا ئوخشاش. ئەمما مەشغۇلات يۈزى پۈتۈنلەي ئېنگلىزچە، Paypal ئارقىلىق ھىسابات قىلىدۇ. بېرىدىغان پۇلى Google نىڭكىدىن كۆپ. (ئېلان ئېنگلىزچە بولغاچقىلا شۇنداق). ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ تىزىملىتىشىنى قوللايدۇ. Blog*Spot ياكى Blogbus تىن ئالغان بلوگ ئارقىلىق تىزىملىتىشقا بولىدۇ. تىزىملىتىپ، تەخمىنەن 48 سائەت ئىچىدە تەستىقلايدۇ.
قىسقىچە:
ئورنى: ئامېرىكىدا
ئۇيغۇرچە تور بېكەت: قوللايدۇ
خەلقئارالىق ئىشلەتكۈچى: قوللايدۇ
پۇل ئەۋەتىش شەكلى: Paypal ۋە چەك
پۇل ئەۋەتىش ۋاقتى: ھەر ئايدا بىر قېتىم
ئەڭ تۆۋەن ئەۋەتىدىغان سومما: 20 دوللار
ئېلان شەكلى : CPM ۋە چېكىلگەنگە ھەق ھىسابلايدىغان ئېلان
بلوگ : بولىدۇ
ئادرېسى: www.adbrite.com
دوستانە ئەسكەرتىش:
مەزكۇر تور بېكەتكە ئېلان كودىنى قىستۇرغاندا دەسلەپ ئېلان كۆرۈنمەيدۇ، يەنى Adbrite نىڭ ئۇلىنىشى كۆرۈنىدۇ، زىيارەت سانى يۇقىرى بلوگلاردا دەرھال ئېلان كۆرۈنىدۇ، زىيارەت سانى تۆۋەن بولسا بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاندىن ئېلان نورمال كۆرۈنىدۇ. ئېلان كۆرۈنمەي قالسا دەرھال بلوگقا ئادەم توپلاپ، زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇڭ. ئېلان نورمال كۆرۈنىۋالغاندىن كېيىن كارىڭىز بولمىسا بولىدۇ.
مەزكۇر تور بېكەت ئېلان ئايلىنىش شەكلى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ بارلىق ھوقۇقى Adbrite قا تەۋە. تەكلىماكان بلوگ بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق.