A turkology blog

Archive for ئىيۇن, 2008

Google Adsense بۆلۈمى بىلەن ئالاقە قىلىش ئۇسۇلى

1.توردا بىۋاستە سۆزقالدۇرۇپ ئالاقىلىشىش بۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى بولۇپ ، ماس تۈر ۋە ماس مەزمۇننى تاللاپ مەسىلە بولسا ئىنكسا قىلسىڭىز تىز سۈرئەتتە كۆڭۈلدىكىدەك جاۋابقا ئىرىشەلەيسىز .
ئادىرىسى https://www.google.com/adsense/support/bin/request.py
2.مۇلازىمەتچى ئىلىخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىش
adsense-zhs@google.com بۇ خەنزۇتىلى يىزىقىدىكى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تەلەپ پىكىرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مۇلازىمەتچى خادىمنىڭ ئىلخەت ئادىرىسى ،
لېكىن سىز بۇ ئارقىلىق خەت يازغاندا بەزى دەل ۋاقتىدا توغرا جاۋابقا ئىرىشەلىشىڭىز ناتايىن
adsense-support@google.com
بۇ ئامىرىكىدىكى مۇلازىمەتچى خادىمنڭ ئىلىخەت ئادىرىسى بولۇپ ئەگەر ئۈستىدىكى ئىلخەت ئارقىلىق ھەل قىلالمىغان مەسىلە بولسا بۇ ئىلخەتكە ئىمكان بار ئىنگىلىزچە يىزىڭ بولمىسا خەنزۇچە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ (ئۇلار تەرجىمەدېتاللىرى ئارقىلىق تەرجىمە قىلىپ كۆرىشى مۇمكېن)
3.سۈپەت گۇرپىسى
adsense-adclicks-zhs@google.com
ئېلان ئۈنۈمسىز چىكىلىپ قالسا ياكى باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ كەتسىڭىز مۇشۇ ئىلخەت ئارقىلىق مۇشۇلارغا ئالدىن ئىنكاس قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ
تۆۋەندىكىسى ئامىرىكىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىلىخىتى
adsense-adclicks@google.com
4.تىلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىش
ئەگەر بەزى مەسىلىلەرنى تىلېفون ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولسىڭىز بۇلار سىزگە مۇلازىمەتچى خادىمنىڭ ئالاقىلىشىش تىلىفون ياكى ئىلخەتنى ئىيتىپ بىرىدۇ ،مۇناسىۋەتلىك ئىقشلارنى شۇبويىچە بىجىرسىڭىز بولىدۇ لېكىن مۇلازىمەتچى خادىمنىڭ ئۇچۇرلىرىنى باشقىلارغا ئىيتىپ بىرىشكە ئاشكارلاشقا بولمايدۇ .
5.ئېلان ھەقىدە ئىنكاس
adsbygoogle-zhs@google.com ئېلاننىڭ سۈپىتى تېمىسى ھەققىدە سورايدىغان مەسىلە بولسا مۇشۇ ئارقىلىق ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ .
6.ئېلان ئۈستىدىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق
google ئېلانىنىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز google تەمىنلىگەن ئېلان(Google提供的广告) دىگەن خەتنى كۆرىسىز ،شۇنى بىسىش ئارقىلىق يېڭى بىر كۆزنەك چىقىدۇ ،شۇ ئادىرىس بويىچە چىققان تىزىملىك بويىچە ئالاقىلەشسىڭىزمۇ بولىدۇ
7.Google Adsense نىڭ باش بەت ،مۇنازىرە مۇنبىرى ئارقىلىق
ئادىرىسى http://groups.google.com/group/adsense-help-zhs/topics
8.باشقا
بەزى مەسىلىلەرگە سىز ئىلخەت يازسىڭىزمۇ مۇلازىمەتچى خادىملار قايتۇرماسلىقى مۇمكىن.
مەنبەسى

بىدىكلىكمۇ ياخشى ئۇسۇلكەن.

نۇرغۇن چاغلاردا ئىش قىلغاندىن ئىش قىلمىسا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ. ھەيران قالماڭ. ئۆز تەجىربەمنى سۆزلەپ بېرەي. ئاكام بىلەن بىر ئىشىك – دەرىزە ياسايدىغان كىچىك زاۋۇت قۇردۇق. بىز ياخشى قىلغاچقا مۇناسىۋەت كېڭەيدى.
نۇرغۇن قۇرلۇشلار ئىش بۇيرۇتتى. بىزنىڭ زاۋۇت كىچىك بولغاچقا چوڭ قۇرلۇشلارنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرۈپ بولۇشقا ئوزۇن ۋاقت كېتەتتى، دىگەن ۋاقتتا پۈتمىسە تېخى پۇلدىن قۇرۇق قالىدىغان گەپ. ئەمەليەتتە ماتېرىياللارنى ئۈرۈمچىدىن، ئىچكىرىدىن ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى بۇ كىچىك ماشىنىدا ياساپ-قوراشتۇرۇشقا خېلى چىقىم كېتەتتى.
بىر كۈنى بىر قۇرلۇش خوجايىنى ئىش بۇيرۇتتى. ئۇ بۇيرۇتقان ئىشىكلەرنىڭ ھەر كۋادىرات مېتىرىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن بىزدىن 120 يۈەن چىقىم كېتەتتى، بىز ئۇنىڭ بىلەن 150 يۈەندىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدۇق. توساتتىن ئۈرۈمچىدىكى بىر چوڭ زاۋۇت بىلەن ئالاقە قىلىش ئويىغا كېلىپ قالدىم. ئۇلار ھەر كۋادرات مىتېرىنى 75 يۈەندىن پۈتتۈرۈپ بېرىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ بىز ئۆزىمىز جاپا تارتىپ 15000 يۈەن تاپىدىغاننىڭ ئورنىغا، ئۆزىمىز ھىچ ئىش قىلماي، جاپانى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ 25000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتۇق. شۇنداق قىلىپ، كېيىن مۇشۇ تۈردىكى ئىش بولۇپ قالسا ئۆزىمىز قىلماي بىۋاستە چوڭ زاۋۇتلارغا بۇيرۇتۇپ قىلدۇرۇپ بېرىدىغان بولدۇق.
بۇنىڭ يەنە تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقى باركەن:
مال تېخىمۇ سۈپەتلىك چىقىدۇ، چوڭ زاۋۇتلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرى بىزگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىلغار. شۇڭا ئۇلارنىڭ قولىدىن چىققان مەھسۇلات تېخىمۇ ئۆلچەملىك چىقىدۇ. خېرىدارمۇ ئاسان رازى بولىدۇ ۋە داۋاملىق ھەمكارلىشىدۇ.
ۋاقت تېجىلىدۇ. سىز بۇ ئىشنى قىلىمەن دەپ سەرپ قىلغان ۋاقتتا باشقا ئىشلارنى قىلالايدىكەنسىز. بۇنى پەقەت تېلفوندا، كومپيوتېردا ئالاقە قىلىپلا پۈتتۈرگىلى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ سىز ئۆيدە ئولتۇرۇپلا پۇل تاپالايدىكەنسىز.
مال كىرگۈزۈش، ياساش، چىقىرىش دىگەنلەرگە ئارلاشمايدىكەنسىز. پەقەت تەييار مەھسۇلاتنى تاپشۇرۋېلىپ باشقىلارغا ئورنىتىپ بەرسىڭىزلا بولىدىكەن.
ئەمدى بۇ ئەھۋالنى كېڭەيتىپ كۆرسەك بولىدۇ.
بىر دېھقان بىر مو يەرگە پاختا تېرىسا، ئۇنىڭدىن 300kg پاختا ئالسا، ھەر كىلوگرامىنى 5 يۈەندىن ساتسا، جەمئى قانچە پۇل بولىدۇ. 1500 يۈەن بولىدۇ. بۇ دېھقان 300 كىلوگرام پاختا ئېلىش ئۈچۈن يەرگە سۇ قويىدۇ، ئوغۇتلاش، قوشۇمچە ئوغۇتلاش قاتارلىقلار كەم دىگەندە 300 يۈەن سەرپ قىلىدۇ. دورا چېچىشقا 20 يۈەن سەرپ قىلىدۇ، يوپۇققا 100 يۈەن سەرپ قىلىدۇ. يەر ئاغدۇرۇش، تېرىتقۇزۇش قاتارلىقلارغا 50 يۈەن سەرپ قىلىدۇ. ئوتاش – پۇتاش ۋە يىغىش قاتارلىقلارغا يەنە پۇل سەرپ قىلىدۇ. ئاخىرقى ھىسابتا 1500 يۈەننىڭ يېرىمى دەل مۇشۇ چىقىملارغا كېتىپ بولغان بولىدۇ. يەنە تېخى تۆلەيدىغان، سۇ پۇلى، يەر ھۆددە پۇلى، باج دىگەنلەرنى تۆلىسە ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرىنى ھىسابلىمىغاندا نەق 500 يۈەن پايدا كۆرمەك خېلى تەس ئىش !
بۇ دېھقاننىڭ پاختسىنى سېتىۋالغان سودىگەر 300 كىلوگرام پاختىدا ھەر كىلوگرامىدا ئىش ياخشى بولۇپ قالسا 0.5 يۈەندىن 150 يۈەن. مۇشۇنداق 100 مو يەرنىڭ پاختىسىنى بىر كۈندە سېتىۋالسا 15000 يۈەن تاپىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھىچ ئىش قىلمىغان سودىگەر پايدىنى ئالىدۇ.
ئەمدى گەپنى تور بېكەت ياساشقا باشلايلى. نۇرغۇن دوستلىرىمىزنىڭ تور بېكەت ياساشتىكى مەقسىدى پۇل تېپىش ئىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، جاپا تارتىپ ASP ۋە PHP دىگەنلەرنى ئۆگەنگىلى نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلغان. چالا ئۆگەنگەچكە تور بېكەت يا راۋرۇس روناق تاپمىغان، مۇقىم بولمىغان. ئۆزى ياسايمەن دەپ ھەممە ئىشنى بۇزغان. بىر تور بېكەت دىگەننى ئۈچ ئادەم لايھەلىسە ئەڭ ياخشى چىقىدۇ.
1. ئادەم : تور بېكەت باشلىقى (ياساتقۇزغۇچى): بۇ ئادەمنىڭ كاللىسىدا قانداق شەكىلدە ياساش ھەققىدە بىر خەرىتە بولىدۇ. مەسلەن ئىقتىدارى، شەكلى، قوراللىرى، سەھىپىلىرى دىگەندەك.
2. تەسەۋۋرۇ قابىليىتى كۈچلۈك، گۈزەللىكنى بىلىدىغان ئادەم: بۇ ئادەم تور بېكەت سەھىپە ۋە كۆزنەكلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ تور بېكەت ئىقتىدارى بىلەن كارى يوق. پروگراممىرلىقنى ئۇقىشىمۇ ھاجەتسىز.
3. پروگراممېر: بۇ ئادەم مەن Photoshop نى ياكى 3Dmax نى بەش يىل ئۆگەنگەنمەن دەپ ماختانمىسۇن. 3Dmax ياكى Photoshop سىزگە گۈزەللىك ئېڭى تۇرغۇزۇپ بېرەلمەيدۇ. photoshop نى ھەرقانچە پۇختا بىلسىڭىزمۇ رەسسام بولالمايسىز، رەسساملار photoshop سىزمۇ نام چىقارغان. بۇ ئادەم پەقەت ئالدىنقى ئىككى ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغاننى يېزىپ بەرسىلا بولدى.
شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئەرزان باھادا ئويلىغاندىنمۇ مۇكەممەل بىر تور بېكەت پۈتۈپ چىقىدۇ.
بۇ ماقالىنىڭ خۇلاسىسى شۇكى : ئالتۇننى زەگا سوقسۇن !
ھېلىقى بىر ئېتوت يادىمغا كەپ قالدى. بىر كۈلىۋىتەيلى !
خېرىدار موزدوز ئالدىغا كېلىدۇ، ۋە ياماقسىز تۇرغان ئايىغىنى قولغا ئالىدۇ :
– ھوي، ئاداش ! ئاياغنى ئەكەپ بەرگىلى بىر ھەپتە بولدى، تېخىچە ياماي دىمەپسىزغۇ ؟!
موزدوز ھىجايغىنىچە جاۋاب بېرىدۇ.
– خاپا بولماڭە ئۇكا ! بىر نەچچە كۈندىن بۇيان سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم.
خېرىدار : ۋوي سىزگە نىمە ئالدىراشلىق ئەمدى ! سىزنىڭ ئىشىڭىز موزدوز بولغاندىن كېيىن، ئاياغ تىكمەي نىمىگە ئالدىراش بولاتتىڭىز !
موزدوز : ئۇكام ! بۇ بىر كەسپكە قاراپ تۇرغان بىلەن جان باققىلى بولمايدۇ. بىر نەچچە ئاغىينىلەر بىرلىشىپ ئەلقاتارى كىنو ئىشلەۋاتقانتۇق ! ……

خەير-خوش ! بىل گەيتىس !

ئۇنى ئالدىنقى ئەسىردىكى زەھەر تارقاتقۇچى دەپ ئويلاڭ ياكى باشقا ئويلاڭ، ئۇ جاھاندىكى ئەڭ چوڭ يۇمشاق دېتال شىركىتى مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرغۇچىسى. ئۇ شەخسى كومپيوتېر PC نىڭ ئىجادچىسى. ئۇنىڭ تۆھپىسى بىلەن ئەسلىدە كارخانىلاردا ئىشلىتىش ئۈچۈن لايھەلەنگەن بۇ نەرسە ئائىلىلەرگىچە ھەتتا يانچۇقلارغىچە يېتىپ كېلەلىدى. نۇرغۇن شىركەتلەر ۋە كىشىلەر ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئۇنىڭ چىقارغان ھەممە نەرسىسىنى مازاق قىلسىمۇ ئۇ يەنىلا ئەڭ ئالىدىدا تۇردى. مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرى تەنقىدلىنىۋەرسىمۇ 1- بولۇشنى ساقلاۋەردى. بىل گەيتىسنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرى زور ۋە ھەممىمىز پايدىلىنىۋاتىمىز. ئۇ 2008-يىلى 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى مىكروسوفت شىركىتىدىن ئايرىلدى، شۇنداقلا يۇمشاق دېتال ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بايلىقى بىلەن نامرات رايونلاردىكى ئاشلىق يېتىشمەسلىك، داۋالاش، ئوقۇش قاتارلىق ساھەلەرگە فۇند قۇرۇش شەكلى ئارقىلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت يېڭى بىر كەسپكە تۇتۇش قىلدى.
Bill Gates تىن كېيىنكى يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى كاتىباش بەلكىم Steve Jobs بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.



بىل گەيتىسنىڭ ئۆيى

Google ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان بېتى چىقاردى

بۇ مۇلازىمەتتە ھازىرچە جۇڭگودىكى 1196 ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى، ئىمتىھان نومۇرى، نومۇر چېكى، كەسىپلەر، قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالى، مەكتەپ تاللاش، كەسپ تاللاش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتە قىلغىلى بولىدىكەن.
ئادرېسى: Rebang.google.com
Google 黑板报 — Google

پانورامىيودا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن رەسىملەر

پانورامىيو مەخسۇس ھەقسىز ئالبوم تەمىنلەيدىغان ھەم Google Earth ئۈچۈن رەسىم تەييارلايدىغان شىركەت. ئېسىل رەسىم يوللىغانلارنى مۇكاپاتلايدۇ، مۇكاپات سوممىسى ھەم يۇقىرى. بۇ ئايدا پانورامىيودا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن رەسىملەر تۆۋەندىكىلەر:
بۇلارنىڭ ھەممىسى تارتقان سۈرەتلەر.






بلوگدا بىر بۆلەك يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى – بىلىپ قېلىڭلار

بۈگۈندىن باشلاپ تەكلىماكان بلوگدا بەزى يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشتۇق. ئۇلار: ئەڭ يېڭى 25 يازمىنى بىرلا بەتتە كۆرسىتىش ئىقتىدارى- بۇ يەردىن كۆرۈڭ ياكى يان رامكىدىكى «يېڭى يازمىلار»دىگەن ئۇلىنىشتىن كىرىڭ.
تورداشلار يازغان ئەڭ يېڭى 25 ئىنكاسنى بىرلا بەتتە كۆرسىتىش ئىقتىدارى – بۇ يەردىن كۆرۈڭ، ياكى يان رامكىدىكى «يېڭى ئىنكاسلار» ئۇلانمىسىدىن كىرىڭ.
ھەر بىر ماقالە ئاستىغا ئىنكاس يېزىش رامكىسى قوشۇلدى. ئەسلىدىكى سەكرەپ چىقىدىغان كىچىك كۆزنەكلىك ئىنكاس رامكىسى ئېلىپ تاشلاندى. ئىنكاس يازغۇچىلار ئىنكاس يازماقچى بولغان ماقالە ئاستىدىكى رامكىغا كومپيوتېردىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتىن پايدىلىنىپ يازسا ياكى yulghun.com/imla دا خەتنى يېزىۋېلىپ ئاندىن چاپلىسىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلمىگەنلەرنىڭ ULY نى ئۆلچەملىك ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئىنكاس يېزىش رامكىسىنىڭ ئاستىدىن ئەگەر Google ھىساباتىڭىز ياكى ھەرقانداق بىر OpenID ھىساباتىڭىز بولسا تىزىملىتىپ كىرىپ ئىنكاس يازسىڭىز بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا نامسىز ياكى ئىسىم ئارقىلىقلا ئىنكاس يازسىڭىزمۇ بولىدۇ.
يانفونغا قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارى – بۇ ئىقتىدار پۈتۈنلەي ھەقسىز، جۇڭگو تەۋەسىدىكى يانفونلارغىمۇ قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا بولىدۇ. جۇڭگو تەۋەسىدىكى يانفونغا قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئۈچۈن يانفون نومۇرى ئالدىغا 86+ نى قوشۇڭ. قسىقا ئۇچۇر يوللاشتىن بۇرۇن www.telemessage.com تور بېكىتىدە تىزىملاتقان بولىشى كېرەك. بۇ تور بېكەتنى Google تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، ئىشەنچىلىك ھەم ھەق ئالمايدۇ. يان رامكا ئاستى تەرەپتىكى ئورۇندىن مەشغۇلات قىلىڭ.
زور كۆپچىلىك تورخانىدا تور كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۈگۈن بلوگنى Weft تىن ئۆتكۈزدۇق. Internet Explore دە كومپيوتېردا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخا بولمىغان تەغدىردىمۇ بلوگ نورمال كۆرۈنىدۇ. Firefox ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ تەكلىماكان بلوگ يان رامكا ئەڭ ئۈستىدە تەۋسىيە قىلىنغان Unicode 3.0 چىرايلىق فونتنى قاچىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
قوشۇلغان يۇقارقى ئىقتىدارلارنى تەپسىلى مەشغۇلات ئۇسۇلى ھەققىدە كېيىنكى ھەپتىدە تەكلىماكان بلوگنىڭ بلوگ ھۈنەرلىرى تۈرىدە ماقالە يېزىلىدۇ.

كوڭزى يۇرتىدا ئىككى ھەپتە – سۈرەتلىك

كوڭزىنىڭ يۇرتىغا باردىم، بۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چىرايلىق جايلارنىڭ بىرى بولسا كېرەك. ھەم دېڭىز، ھەم تاغ، ھەم باغ بار. قۇرۇقلۇقنى ياپيېشىل چىملار، قارىغايلار ۋە شاپتۇل دەرەخلىرى قاپلىغان. دېڭىز قىرغىقىمۇ بەك چىرايلىقكەن، ئەمما ھەمىشە ھاۋا تۇمانلىق. يىراقنى ئانچە ئوچۇق كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ جايدا ھەممىدىن شاپتۇل ئەرزان. ئۈرۈمچىدە ھەر كىلوگرامى 10 يۈەنلىك شاپتۇلنىڭ ئىككى جىڭى بۇ يەردە 1 يۈەن.
بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم دېڭىز سۈيىدە چۆمۈلۈشۈم. تۇزلۇق سۇنى يەتكۈچە ئىچىۋالدىم. ئەمدى ئىككى ئايغىچەتاماققا تۇز سېلىپ يېمىسەممۇ بولىدۇ.