A turkology blog

ھازىر Adsense قا تىزىملاتماق بەك تەس بولۇپ كەتتى، ئەمما ئاللىبۇرۇن Adsense ھىساباتى بار دوستىڭىزنىڭ ھىساباتىدىن پايدىلىنىپ ئېلان قويسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ھىچقانداق چاتاق چىقمايدۇ. ھەم ئىشەنچىلىك. تۆۋەندە بۇ ئۇسۇلنى تەپسىلى تونۇشتۇرىمەن.
چۈشەندۈرۈشتە بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن Adsense ھىسابات تىلىنى خەنزۇچە قىلىپ تەڭشىۋېلىڭ.
بىز مۇنداق چۈشەندۈرەيلى. ھامۇت ئىسىملىك كىشىنىڭ Adsense ھىساباتى بار، ئەمما مامۇت ئىىسىملىك دوستنىڭ يوق، شۇڭلاشقا مامۇت دوستى ھامۇتنىڭ ھىساباتىنى ئورتاق ئىشلەتمەكچى.
بۇ يەردە مۇنداق مەسلە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
1. ھامۇت مامۇتنىڭ تور بېتىدە چېكىلگەن ئېلاننى قانداق بىلىدۇ. ھامۇتنىڭ تور بېتىدە قانچە پۇل كىرىم بولغانلىقىنى قانداق قىلىپ ئېنىق ئايرىغىلى بولىدۇ.
2. ھامۇت ئېلاندىن بولغان كىرىمنى قانداق ئالىدۇ.
3. يەنە باشقا ئىشلار
بۇ مەسلىلەرنى ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز.
1. ھامۇت ئۆزىنىڭ Adsense ھىساباتىغا كىرىپ، مامۇتنىڭ تور بېتىگە ماس كېلىدىغان ئېلان ئېلىشقا باشلايدۇ. مەسلەن چوڭلۇقى 728*90 دەپ تۇرايلى. ئەلۋەتتە باشقا تۈرلۈك ئېلاننى ئالسىمۇ بولىدۇ.
داۋاملاشتۇرۇپ، ئېلان رەڭگى ۋە ئېلان بۇرجەكلىرىنى مامۇتنىڭ تەلىپىگە لايىق قىلىپ، بەلگىلەيدۇ. بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن داۋاملاشتۇرۇشنى باسىدۇ. بۇ چاغدا 染道 دەيدىغان نەرسىنى قوشۇدىغان بەت ئېچىلىدۇ، ئۇيغۇرچە يول دەپلا ئاتايلى. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بويىچە مەشغۇلات قىلىمىز. رەسىمدە قىزىل رەڭدە بويالغان 添加新染道 دىگەن جاينى باسىمىز.

بۇ چاغدا كىچىك بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك. كۆزنەككە Mamut دەپ يازىمىز . ئەلۋەتتە بۇ مىسال ئىسىم، كىمنىڭ تور بېتىدە Adsense نى ئورتاق ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز شۇنىڭ ئىسمىنى يېزىڭ. ھەممە ئادەمنىڭ ئىسمى مامۇت ئەمەس.

ئىسىمنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن 确定 نى چېكىمىز، ئاندىن ئاستىدىكى داۋاملاشتۇرۇش كونۇپكىسىنى چېكىمىز. ئاندىن 提交并获取代码 دىگەن كونۇپكىنى باسىمىز، بۇ چاغدا كود چىقىرىپ بېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن چىقىرىپ بېرىلگەن كودنى مامۇتنىڭ تور بېتىدىكى مۇۋاپىق ئورۇنغا ئاپىرىپ چاپلايمىز، ئەگەر مامۇتقا يەنە باشقا كودلار كېرەك بولسا مۇشۇ بويىچە يەنە داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ. مامۇت ئۈچۈن 2 – قېتىم كود ئالغاندا 染道 قوشۇدىغان ئورۇنغا مامۇتنىڭ ئىسمىنى قايتا يازماي، ياندىكى رامكىدىن تاللاپ بەرسەكلا بولىدۇ. بىرىنچى قېتىم كود ئالغاندا يازغان 染道 ئىسمى ئىككىنچى قېتىمدا ئاپتوماتىك يان رامكىدا كۆرۈنىدۇ، شۇ يەردىن تاللاپ بەرسەكلا بولدى.
2. ئەمدى ھامۇت ۋە مامۇتنىڭ كىرىمىنى قانداق تەكشۈرۈشنى ئۆگىنىمىز.
بۇندىن كېيىن Adsense چىقىرىپ بەرگەن دوكلات ھامۇت ۋە مامۇتنىڭ ئورتاق كىرىمى ھىسابلىنىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ كىرىمدىن ھامۇت يەنى ھىسابات ئىگىسى مامۇتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىش ھەققىنى قائىدە بويىچە توغرا ھىسابلاپ ئايرىپ بېرىشى كېرەك. ئۇنداقتا مامۇت قانچە پۇل تاپقانلىقىنى قانداق بىلىمىز ؟
مامۇتنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قويۇلۇپ، بىر ئايدىن كېيىن، ياكى Google شىركىتى پۇل تارقاتقاندا بۇنى تەكشۈرىمىز. Adsense ھىسابىغا كىرگەندە كىرىم دوكلاتى چىقىدۇ، بىز بۇ كىرىم دوكلاتىدىن ئاۋال 所有收入 نى تاللاپ، بارلىق كىرىمنى كۆرىمىز، قارىساق ئۈستىدە يەنە 最佳染道 دىگەن خەت بار، بۇنى چېكىمىز، تۆۋەندىكى رەسىمدەك

چەككەندىن كېيىن ھەرقايسى 染道 (يول) دىكى Adsense تىن بولغان كىرىمنىڭ تەپسىلى تىزىملىكى بار، بۇ چاغدا بىز Mamut دىگەن ئىسىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى يەنى 收入 نىڭ ئاستىدىكى سانغا قارايمىز، بۇ سان دەل مامۇتنىڭ كىرىمى ھىسابلىنىدۇ. يۇقارقى رەسىمدىكىدەك.
3. ئەمدى مامۇت پۇلنى قانداق ئالىدۇ مەسلىسى:
پۇل ئەلۋەتتە Adsense ھىساباتىنىڭ ئىگىسى ھامۇتقا كېلىدۇ، ئەمدى ھامۇت يۇقىرىدا رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىچە ئۆزىگە كەلگەن پۇلدىن مامۇتنىڭ ھەققىنى ئايرىپ بەرسىلا بولىدۇ. پۇل كېلىپ بولغاندىن كېيىن پۇلنى مامۇتنىڭ بانكا كارتىسىغا سېلىپ بەرسىمۇ ياكى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويسىمۇ بولىدۇ.
4. مامۇت رەسىمدە كۆرسىتىلگەن كىرىمنىڭ ھەممىنى ئالامدۇ؟
ياق ! بۇ پۇلغا كېلىدىغان يەنە باج بار. بۇ كىرىمگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باج قويىدۇ، ئادەتتە 30 پېرسەنت ئەتراپىدا، باجنىڭ تەپسىلى تالونى ھامۇتقا كېلىدۇ، شۇڭلاشقا ھامۇت ئۆزىگە كەلگەن باج قانچە پېرسەنت بولسا، مامۇتنىڭ پۇلىدىن شۇنچە پۇل باج تۇتىۋېلىپ بېرىشى كېرەك.
5. ئەسكەرتىدىغان باشقا ئىشلار : مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە كۆپ كىشىلەر بىرلا Adsense ھىسابىدىن پايدىلنالايدۇ. ئەمما قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك. ساختىلىق ئىشلىتىش، ئېلاننى ئۆزى چېكىش ياكى مامۇتقا چەكتۈرۈشكە بولمايدۇ. مامۇتمۇ خۇددى Adsense نىڭ رەسمىي ئىشلەتكۈچىسىگە ئوخشاش قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى، ساختىلىق ئىشلەتمەسلىكى، ئۈنۈمسىز چېكىلىش پەيدا قىلماسلىقى، ئۆزىنىڭ تور بېتىدىكى ئېلاننى ئۆزى چەكمەسلىكى، بىر بەتكە قويغان ئېلان سانىنى ئاشۇرۋەتمەسلىكى، ئېلان بار بەتنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بەرمەسلىكى ياكى ئېلخەت قاتارلىق قوراللاردا ئەخلەت ئۇچۇر يوللاپ تەشۋىق قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر قائىدىگە خىلاپلىق قىلىنسا ھىسابات توختايدۇ. بارلىق زىيان Adsense نىڭ ئەسلى ئىگىسىگە بولىدۇ.
شۇڭلاشقا ئىشەنچىلىك، سەمىمىي دوستلار ئارىسىدا بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق پايدىلانغاندا ئېلان كىرىمى تېز كۆپىيدۇ، پۇل تاپشۇرۋېلىش ۋاقتىمۇ قىسقىرايدۇ.
ھەرقانداق مەسلە بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: