A turkology blog

ئۆتكەن ھەپتە تەڭرىتاغقا بېرىپ ئايلىنىپ كەلدىم، مېنىڭچە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلەر مۇشۇ جايدا بولسا كېرەك. تولۇق ئوقۇش كونۇپكىسىنى بېسىپ رەسىملەرنى كۆرۈڭرەسىملەر نوكىيا 6680 ماركىلىق يانفوندا تارتىلغان
ماۋۇ دەرەخنى Windows نىڭ بىر ئۇسلۇبىدا كۆرگەندەك قىلغان، بۇ يەردىمۇ باركەن.

تاغ يولىدا پۇتۇم قاپىرىپ كەتتى، بىردەم سۇغا چىلاپ ئولتۇراي، ئەمما تاغ سۈيى بەك سوغۇقكەن.

بىر قىسىم ئۇيغۇر كارخانىلىرى خىرىسقا تاقابىل تۇرالارمۇ؟ كۆرۈڭلار ئامېرىكالىقلارمۇ ئۇيغۇرچە ماركا بىلەن مەھسۇلات ياساۋاتىدۇ.

بۇ دەريانىڭ سۈيى ئەركەك سۇ ! بۇ يەردە تاغ-دەريالار گىرەلەشكەن. بەكمۇ چىرايلىق.

دەريانىڭ كەچلىك مەنزىرسى، ۋاقتىڭىز چىقسا سىزمۇ بېرىپ كېلىڭ. يۇرتىمىزدىكى بۇنداق يەرلەرگە بارمىسىڭىز ئارماندا كېتىسىز.

مۇزدەك سۇدا سۇغا چۈشۈشتىن بۇرۇن كىيىم سالاي، بۈ يەردە ھىچكىم يوق، ئەمما ئەۋرەت ياپماق پەرھىز.

بۇ جاينىڭ ئىسمى ئالمالىق. ئاۋۇ چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان بالا مەن شۇ !

تەڭرىتاغقا بارىدىغان يوللار ئاجايىپ ھەيۋەت، ۋە سىرلىق، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبئى مەنزىرە

بۇ ئۆچكىلەر قىرغىسىزتاننىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىدىنمۇ باتۇر.

تۆگىلەر يولىمىزنى توسۇۋالدى، مەن تەڭرىتاغدا بىر ھەپتەنىڭ كېيىنكى قىسمىدا تۆگىلەر ھەققىدە مەخسۇس توختىلىمەن.

تاغقا يېقىنلاشقانسىرى تاش-قۇم تاغلار يېشىللىققا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.


تەڭرىتاغدا بىر ھەپتە ئاتلىق يازما داۋاملىشىدۇ، تېخىمۇ ھەيۋەت تەڭرىتاغ مەنزىرسى ئۈچۈن كېيىنكى يازمىغا دىققەت قىلغايسىز. نۇرغۇن ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىمىز.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: