A turkology blog

يېقىندىن بۇيان تور بېكەت ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى، تور بېكەتنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالىشى ئۈچۈن ئۇ پۇل تاپالىشى كېرەك. مەزمۇن بېكەتلىرى ۋە بلوگلار ئۈچۈن بىردىن-بىر پۇل تېپىش يولى – ئېلان. Adsense ۋە YPN قاتارلىق پروگراممىلار مەخسۇس تور بېكەتلەرنىڭ پۇل تېپىشى ئۈچۈن ئېلان بىلەن تەمىنلەيدۇ.
نۇرغۇن ئۇيغۇرچە بېكەت ۋە بلوگ ئىگىلىرى ئېلانغا تىزىملىتالمىغان ياكى رەت قىلىنىغان. تەكلىماكان بلوگنىڭ Adsense, YPN, Adbrite, Baidu Union قاتارلىق بىر قانچە ئېلان شىركەتلىرىدە ئېلان ھىساباتى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە Adsense نىڭ كىرىمى ئەڭ ياخشى. دوستلارنىڭ ئېلانغا تىزىملىتالماسلىقتەك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەكلىماكان بلوگ ئېلان ھىساباتىنى باشقا تور بېكەتلەر بىلەن ئورتاق ئىشلىتىش كىلشىمى تەييارلىدۇق.
ئەگەر تۆۋەندىكى كىلشىمىگە قوشۇلسىڭىزلا تەكلىماكان بلوگ سىزنىڭ بلوگ (تور بېكەت) ئۈچۈن ئېلان تەمىنلەپ بېرىدۇ ۋە ئېلانغا لايىق ھەق بېرىدۇ.
1. تەكلىماكان بلوگ بىلەن ئېلاننى ئورتاق ئىشلەتكۈچى بېكەتلەر بىردەك تەكلىماكان بلوگ تەۋەلىكىدىكى تور بېكەت بولىدۇ. ھەمدە تۆۋەندىكى رەسىمنى ئۆز بېكەت(بلوگ) باش بېتىدىكى ھەرقانداق بىر ئورۇنغا چاپلىشى كېرەك.

图像 “https://i1.wp.com/lh5.ggpht.com/qerindash/SE0YvYXComI/AAAAAAAAASw/TWkqSbSugp0/aff.jpg” 因其本身有错无法显示。
شىركەت ۋە ئورگان تور بەتلىرى بۇ رەسىمنى ئېسىشى ھاجەتسىز.
ھەرقانداق بىر ئېلان شىركىتى ھىساباتنى ئورتاق ئىشلىتىشنى قوللىمايدۇ، ھەم بۇ تۈزۈمگە خىلاپ، پەقەت سىزنىڭ بېتىڭىز تەكلىماكان بلوگقا تەۋە بولغاندىلا ئاندىن تەكلىماكان بلوگ ھىساباتىدىكى ئېلاننى سىزنىڭ بېتىڭىزگە قويۇشقا بولىدۇ. سىزنىڭ قىلىدىغان بىر-دىنبىر ئىشىڭىز پەقەت شۇ رەسىمنى ئېسىشلا خالاس. تەكلىماكان بلوگ ھەرقانداق سەۋەب بىلەن تور بېتىڭىزنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالمايدۇ. سىز يەنىلا تور بېكەتنىڭ ئىگىسى.
2. تەكلىماكان بلوگ بىلەن ئېلان جەھەتتە ھەمكارلاشقان بلوگ ۋە بېكەتلەر بېكەت ئارقا سەھنىسىدە بىزگە تولۇق باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىشى كېرەك.
سەۋەبى: ھەرقانداق شەكىلدە رىغبەتلەندۈرۈپ ئېلان چەكتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش، ۋە شۇنداق ئالدامچىلىقلارنى يوقىتىش. تور بېكەت ياكى بلوگدا قانۇنسىز، ئەخلاقسىز مەزمۇنلارنىڭ پەيدا بولىشىغا نازارەت قىلىپ ئېلاننىڭ نورمال يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش. ئېلاننى يېڭىلاپ، يۇقىرى كىرىم بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقت ئەلالاشتۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش.
باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىش شەكلى باشقۇرغۇچى قىلىپ بەلگىلەش، ياكى مەخپى نومۇر ۋە ھىسابات ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ بېرىش ئارقىلىق بولىدۇ.
3. تەكلىماكان بلوگ بىلەن ھەمكارلىشىپ توربېتىڭىزگە ئېلان قويغان كۈندىن باشلاپ، سىزنىڭ بېتىڭىزدىكى ئېلاندا چېكىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ھەق ھىسابلاشقا باشلايدۇ. بىز بۇنى شۇ ئېلان كودىنىڭ ئۆزىدە بار ئىقتىدار ۋە ئىز قوغلاش كودى ئارقىلىق نازارەت قىلىمىز. تەمىنلىگەن شىركەتنىڭ پروگراممىسىدا تېخنىكىلىق مەسلە كۆرۈلمىسىلا، سىزنىڭ كىرىم ھىساباتىڭىزدا خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ.
4. تەكلىماكان بلوگ بىلەن ئېلان ھەمكارلىقى ئورناتقان بلوگ ۋە بېكەتلەر ئۆز بېتىدە كۆرۈلگەن ئېلان كىرىمىنىڭ پەقەت 90 پېرسەنتىنىلا ئالالايدۇ. 10 پېرسەنت باشقۇرۇش ھەققى تۇتۇپ قالىمىز.
ئالايلۇق: سىزنىڭ 6-ئايدىكى ئومۇمىي كىرىمىڭىز 1000 يۈەن بولغاندا (باجدىن كىيىن، ئادەتتە 30 پېرسەنت باج ئالىدۇ.) بىز سىزگە پەقەت 900 يۈەنلا بېرىمىز. 100 يۈەننى باشقۇرۇش ھەققىغە تۇتۇپ قالىمىز. بۇ پۇل تەكلىماكان بلوگ يازغۇچىلىرىنىڭ ئەمگىكىگە ئاساسەن تارقىتىپ بېرلىدۇ.
5. پۇل تۆلەش ئۇسۇلى:
تەكلىماكان بلوگ ھەمكارلاشقانلارغا كېيىنكى ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۇل ئەۋەتىدۇ.
ئالايلۇق : سىزنىڭ 6-ئايدا تاپقان كىرىمىڭىز 1000 يۈەن بولسا، بىز باشقۇرۇش ھەققى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، بۇ پۇلنى سىزگە 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئەۋەتىمىز. ئېلان شىركىتى پۇل تۆلەش ۋاقتىنى كېچىكتۈرسە ماس ھالدا بىزمۇ كېچىكتۈرىمىز.
پۇل Paypal.cn ياكى يېزا ئىگىلىك بانكا ھىساباتى ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ.
paypa.cn دىكى ھىساباتىڭىز ياكى يېزا ئىگلىك بانكا ھىسابات ئۇچۇرىنى بىزگە يازغان ھەمكارلىق خېتىدە ئەۋەتىڭ.
6. تەكلىماكان بلوگ بىلەن ئېلان ھەمكارلىقى ئورناتقاندىن كېيىن بىز ھەرقانداق ۋاقت ۋە جايدا سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ئالماي تۇرۇپ، تور بېكىتىڭىزنىڭ ئارقا سەھنىسىدە مەشغۇلات قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ھەرقانداق چاغدا سىزدىن رۇخسەتسىز تور بېتىڭىزدىكى ھەرقانداق مەزۇننى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ھوقۇقلۇق؛
7. بىز سىزنىڭ بېكىتىڭىزگە ئېلان ئىز قوغلاش كودى ئورنىتىش ئارقىلىق بلوگ (تور بەت) ىڭىزگە قويۇلغان ئېلاننى ھەر ۋاقت نازارەت قىلىپ تۇرىمىز، ئالدامچىلىق ئارقىلىق ئۆزى ئېلان چېكىش، باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئېلان چەكتۈرۈش، ئېلاننى ئېلخەت ۋە باشقا قوراللار ئارقىلىق باشقىلارغا يوللاش قاتارلىق ئەھۋاللار بايقالسا سىز بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ۋاز كېچىمىز، ھەم سىزگە ھىچقانداق ھەق بەرمەيمىز.
8. بىز ھەرقانداق ۋاقتتا سىز بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلماي تۇرۇپلا توختۇتۇشقا ھوقۇقلۇق؛ ھەرقانداق ۋاقتتا سىزدىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپلا تور بېتىڭىزدىكى ئېلاننى ئېلىپ تاشلاشقا ھوقۇقلۇق؛ بىز سىزگە پۇل تۆلىمەسلىككە ھوقۇقلۇق. سىزگە ئېلان ھەققى ئەۋەتىلمىگەندە بىزنىڭ سىزگە چۈشەندۈرۈش مەجبۇريىتىمىز يوق. بىزنىڭ سىزگە ئايدا چوقۇم مانچە پۇل كىرىم بولىدۇ دەيدىغان مەجبۇرىيتىمىز يوق. سىزنىڭ تور بېتىڭىز ياكى بلوگىڭىز بىلەن ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ھەمكارلاشمىساق سىزگە چۈشەندۈرۈش مەجبۇرىيتىمىز يوق.
9. سىز ھەرقانداق ۋاقتتا تەكلىماكان بلوگ بىلەن بولغان مەزكۇر ھەمكارلىقنى توختىتىشقا ھوقۇقلۇق. ھەمكارلىق مەزگىلى ئىچىدە تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن ئېلان كودىنى تور بېتىڭىزگە چوقۇم ئېسىش مەجبۇرىيتىڭىز بار.
10. ھەمكارلاشقۇچىلار بىردەك مۇشۇ يازما ئاستىغا «ئىمزا» قويغاندىن كېيىن، بىزگە ئېلخەت يېزىش ئارقىلىق تور بېكەتنىڭ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتىشى كېرەك.
ئېلخەت ئادرېسىمىز – بلوگ باش بېتىدىن يان رامكىغا قاراڭ.
باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرى:
باشقۇرغۇچى نامى، مەخپى نومۇرى قاتارلىقلار
ئەگەر شەخسى مۇلازىمىتېردا ئاچقان بېكەت بولسا : باشقۇرغۇچى نامى، مەخپى نومۇرى، باشقۇرۇش بەت ئادرېسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار.
ھەمكارلىقىمىز كۆڭۈلدىكدەك بولسۇن ! ئورتاق پۇل تاپايلى !
– تەكلىماكان بلوگ

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: