A turkology blog

Google شىركىتى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم Blogger.com دا ئوڭدىن – سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. بىز بۇندىن بۇرۇن RTL كودىنى css كە قوشۇش ئارقىلىق بۇ مەسلىنى ھەل قىلىپ كەلگەن ئىدۇق.
Blog*Spot قا بۇ ئىقتىدار قوشۇلۇشتىن ئىلگىرى ئوڭدىن – سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلار بىلەن سولدىن – ئوڭغا يېزىلىدىغان يېزىقلاردىكى خەتلەرنى بىر قۇرغا ئارلاش يازغاندا خەتلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كېتىش مەسلىسى كۆرۈلەتتى. بىز تەكلىماكان بلوگدا ۋە تارقاتقان ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلاردا RTL كودى قوشۇش ئارقىلىق بۇ مەسلىنى ئوڭشىغان ئىدۇق. Blogger نىڭ ئەرەبچە، پارىسچە، ئىبرايچە نۇسخىلىرى چىققاندىن كېيىن Google شىركىتى RTL مەسلىسىنى ئۆزى ھەل قىلدى. بۇندىن كېيىن RTL كودى قوشماي تۇرۇپلا بۇ مەسلىنى ئوڭشىغىلى بولىدىكەن. ئۇسۇلى:
ئارقا سەھنىدىن بەلگىلەشكە كىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن Formatting ياكى خەنزۇچە 格式 دىگەننى چېكىپ، بلوگ تىلى دىگەن ئورۇندىن خالىغان ئوڭدىن – سولغا يېزىلىدىغان يېزىقنى تاللاپ قويساق بولىدۇ. مەسلەن تۆۋەندىكىلەر Blog*Spot قا قوشۇلغان ئوڭدىن – سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلاردۇر:
Arabic – ئەرەبچە
Persian – پارىسچە
Hebrew – ئىبرايچە (يەھۇدى)
مۇشۇ ئۈچ خىل تىلنىڭ خالىغان بىرىگە تەڭشەپ قويغاندىن كېيىن، بلوگدا ئوڭدىن – سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلار نورمال كۆرۈنىدۇ ۋە خەتلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كېتىش مەسلىسى كۆرۈلمەيدۇ.

Advertisements

Comments on: "Blog*Spot قا ئوڭدىن – سولغا يېزىش ئىقتىدارى قوشۇلدى" (1)

  1. مەن تىلنى ئەرەپچىگە تەڭشىگەن ئىدىم ،ھەقىقەتەن ئوڭغا توغۇرلىنىدىكەن ،ئەمما ماقالە ئەسەرلەر رايونى(博客帖子) بىلەن قورال تىزىملىك رايونىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالدى،ئورنىنى ئالماشتۇرماي ئوڭغا توغىرلىغىلى بۇلارمۇ ؟

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: